كۆرۈش: 161432|ئىنكاس: 33

<<قوش تىل>> مائارىپى دەرسلىكىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتى باشلاندى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

تىللا
80
تۆھپە
40
UID
22346
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 10:53:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

<<قوش تىل>> مائارىپى دەرسلىكىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتى باشلاندى  



    ئاپتونوم رايون 8–ئاينىڭ 14–كۈنى ‹‹قوش تىل›› مائارىپى دەرسلىكىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىنى باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. مۇراسىمغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئەركىنجان تۇراخۇن، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جىن نو قاتارلىق رەھبەرلەر قاتناشتى.
     يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق ‹‹قوش تىل›› مائارىپى دەرسلىكىنى تۈزۈش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى، ‹‹قوش تىل›› مائارىپى دەرسلىكىنى تۈزۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ھەر قايسى دەرسلىكلەرنى تۈزگۈچىلەرنىڭ ئىسىملىكى ئېلان قىلىندى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى ‹‹قوش تىل›› مائارىپى دەرسلىكىنى تۈزۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، دەرسلىك تۈزگۈچىلەرگە تەكلىپنامە تارقاتتى.
     يىغىندا ‹‹قوش تىل›› مائارىپى دەرسلىكىنى تۈزۈشكە قاتناشقان مۇتەخەسسىس، پىروفېسسور ۋە ئوقۇتقۇچىلاردىن دەرسلىك تۈزۈشتە تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش تەلەپ قىلىندى: دەرسلىكنىڭ قىيىنلىق ۋە ئاسانلىق دەرىجىسى بىلەن دەرس نىشانى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، دەرس سىغىمى ۋە قىيىنلىق دەرىجىسىنى ئىلمىي بېكىتىپ، ئاساسىي بىلىم ۋە ئاساسىي ئىقتىدارنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ، ھەر قايسى جەھەتلەردىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى دەرسلىككە كىرگۈزۈش؛ تۈرلۈك ئوقۇتۇش ئەندىزىسىگە تەڭ ئېتىبار بېرىش بىلەن بىللە ھەر قايسى دەرسلىكلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، خەنزۇچە دەرسلىك بىلەن باشقا دەرسلىكلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت، ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل–ئەدەبىيات دەرسلىكى، خەنزۇ تىل–ئەدەبىيات دەرسلىكى بىلەن خەنزۇچە دەرسلىكلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت، ئاز سانلىق مىللەت تىلىدا دەرس ئۆتىلىدىغان ئادەتتىكى سىنىپلار بىلەن ‹‹قوش تىل›› سىنىپلىرىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل–ئەدەبىيات دەرسلىكى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت، خەنزۇ تىلىدا ئوقۇتۇش بىلەن ئانا تىلدا ئوقۇتۇش ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت قاتارلىقلارنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؛ بىلىم دائىرىسىنى كېڭەيتىش بىلەن يەرلىك ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈش ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى دەرسلىككە كىرگۈزۈپ، ساپا مائارىپى بىلەن دەرسلىك ئىسلاھاتىنىڭ تەلىپىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدىكى جانلىقلىق، مائارىپ مەزمۇنىدىكى موللىق، مائارىپ ئەندىزىسىدىكى كۆپ خىللىقنى نامايان قىلىش كېرەك.
    يىغىنغا ‹‹قوش تىل›› مائارىپى دەرسلىكىنى تۈزۈش كومىتېتىدىكى مۇتەخەسسىسلەر، ھەرقايسى دەرسلىكلەرنى تۈزۈشكە مەسئۇل كىشىلەر، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتى، شىنجاڭ بالىلار پېداگوگىكا مەكتىپىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرىدىكى ‹‹قوش تىل›› مائارىپىغا مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، مالىيە نازارىتى، مائارىپ نازارىتى، مائارىپ نەشرىياتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇللاردىن بولۇپ، 100گە يېقىن ئادەم قاتناشتى.

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

تىللا
840
تۆھپە
412
UID
1011
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 11:05:59يانفوندا يوللانغان|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما


مۇساپىر بالا : گىرمانىيە
گىرمانىيدە ئۆتكۈزۈلگەن نورۇز بايرىمىمۇ شۇنداق قىزىدى ... يۇرتىكى بارلىق دوسلارغا مۇساپىر بالىدىن نورۇزلۇق سالام

Rank: 1

تىللا
16
تۆھپە
8
UID
23756
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 12:28:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلار ئاحىرى عەيرەتكە كەپتۇدە! ياحشى ئەھۋال!


Rank: 2

تىللا
116
تۆھپە
56
UID
9715
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 13:05:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېلىمۇ بەك كېچىكىپ كەتتى.
دەرس ئۆلچىمىگىمۇ تۈزىتىش كىرگۈزۈش كېرەكمۇ قانداق؟؟!!
بىز خەلق مائارىپ نەشرىياتىنىڭ دەرسلىكلىرىنى قارا- قويۇق «ئۆتۈپ» كېلىۋاتىمىزغۇ!


Rank: 1

تىللا
7
تۆھپە
2
UID
24466
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 14:10:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
almas123 يوللىغان ۋاقتى  2012-8-22 13:05
ھېلىمۇ بەك كېچىكىپ كەتتى.
دەرس ئۆلچىمىگىمۇ تۈزىتىش كى ...

قالايمىقان گەپ قىلماڭ  بەلگىلىمە بوييىچە ئۆتۇڭ  جۇمۇ؟


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
نۇرئېلىجان ھېدايەت
تىللا
1220
تۆھپە
833
UID
504

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 15:48:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھىمى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكى يېنىكلىتىلسە بولاتتى، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىدىغان مەزمۇنلىرىنىڭ ۋەزنى بەك ئېغىر.
يەنە بىر تەرەپتىن ھەپتىلىك ئومۇمىي دەرس سائىتى سەل ئازلىسا بولاتتى، ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ 25-27 سائەتكىچە بولسا مۇۋاپىق ئىدى، ھازىر 32 سائەت بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ بالىلارچە ۋاقتى ئازلاپ كەتتى. يەنى ھەممە ۋاقىتتا دەرسخانىدا تۇرىدىغان، ئوقۇتقۇچى ئارلىشىۋالىدىغان بولۇپ قالدى.
ئەڭ ئاخىرىدا دەرسلىك ئىسلاھاتىدا بالىلارنىڭ تېخى «بالا» ئىكەنلىكىنى، سىز ۋە بىزدەك چوڭ ئادەم ئەمەسلىكىنى قەتئىي ئۇنتۇپ قېلىشقا، ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ.


Rank: 1

تىللا
6
تۆھپە
4
UID
12801
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 16:17:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئىش ، ھەقىقى ئىختىساس ئىگىسىنى تەربىيەلەپ چىقالايدىغان ، خەلق قوللايدىغان ، بىر قوش تىل مائارىپى قىلىپ چىقىش ئۈچۈن بىر نەتىجىلىك بىر خىزمەت بۇلۇپ چىققۇسى .


Rank: 6Rank: 6

تىللا
559
تۆھپە
211
UID
7655

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 18:09:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ياخشى گەپكەن لىكىن نەتىجىسى قانداق بۇلار؟


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
تۈركەر
تىللا
880
تۆھپە
411
UID
2386

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 18:27:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر 10-15 يىلدا بىر قارار ئەبجەش بالىلار يىتىشىپ چىقىدىغان، نەق ئاشۇنداق قالايمىقان باش-ئاخىرى يوق سىياسەتلەرنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتكەن بالىلارمۇ ئاز ئەمەس، ھېلى يېڭى يېزىقنى كونىغا ئۆزگەرتكەن، ھېلى 9 يىللىق مەجبۇرىي مائارىپ دەۋاتقان، ھېلى بارلىق ئالىي مەكتەپلەرنى ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان قىلىپ خىزمەتنى ئۆزەڭ تاپ دەۋاتقان. ئەمدىىىىىىىىىى بىر ئۇف دەپ تۇرغاندا نەدىن تاپتى «قوش تىل» مائارىپى دەپ ئادەمنى چالا بوغۇزلاپ قىيناپ. ھەممە ئىش دىگەن شارائىتقا قاراپ بولمامدۇ دەيمەن، ئېغىزدىن چىقىپ بولغىچە يۈرۈشتۈرۈپ ئاقى ئالدىنى ئويلاشمايلا، ئەمدىلىكتە ئۇنداق بۇنداق ئۆزگەرتتۇق دەپ داۋراڭ سالغاننىڭ نىمە پايدىسى، ئىش دىگەننى باشتىلا ئويلاشسا ھازىرقىدەك ئاۋارچىلىق كىلىپ چىقمايدۇ، يا ھازىرقى باشلىقلارنىڭ كۆپۈنچىسى خەنچە ئوقۇغانچقا بۇنداق مەسىلىلەرگە ئانچە ئېتىۋار بەرمەمدۇ ئىشقىلىپ بىلمىدىم.  مانا بىز 99-يىلى ئالى مەكتەپ ئوقۇغانلار بولۇپ مۇشۇ قاراردا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغانلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىشسىز يۈرمەكتە، بىز ئاشۇنداق قاملاشمىغان سىياسەتلەرنىڭ قۇربانىغا ئايلانغانلارمىز،،،،،،


http://uygur.xjjt.gov.cn/

Rank: 4

تىللا
260
تۆھپە
154
UID
17314
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 19:56:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tvrkar يوللىغان ۋاقتى  2012-8-22 18:27
ھەر 10-15 يىلدا بىر قارار ئەبجەش بالىلار يىتىشىپ چىقىدىغ ...

دېگىنىڭىز توغرا ، مەنمۇ خىزمەت يوق ، ئىشسىز قالدىم 2000 - يىلى ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن ، مېنىڭ ساۋاقداشلىرىممۇ كۆپىنچىسى ئىشسىز


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-4 05:14, Processed in 0.081805 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991