ئىگىسى: ttuqur

<<قوش تىل>> مائارىپى دەرسلىكىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتى باشلاندى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تىللا
260
تۆھپە
154
UID
17314
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 19:57:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
努尔艾力江 يوللىغان ۋاقتى  2012-8-22 15:48
مۇھىمى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكى يېنىكلىتىلسە بولاتتى، ئۇل ...

دېگىنىڭىز توغرا


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
شىرئەلى ئابدۇقادىر
تىللا
1711
تۆھپە
323
UID
377
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-23 00:12:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلار نېمىشقا ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈپ بىزدەك بىرىنچى سەپتە ئىشلەۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ، ئاتا - ئانىلارنىڭ ۋە جەمىئىيەتتىكى ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ پىكىرىنى ئالمايدۇ؟
پىراپپىسور، مۇتەخەسىس دېگەنلەر ئالىي مەكتەپلەردە بولىدۇ، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە قانچىلىك پىراپپىسور بار؟ بىر مۇنچە رەھبەر، مەسئۇللار ۋە ئالاقىدار خادىملارنىڭ زادى قايسىلىرى بىرىنچى سەپتە دەرس ئۆتىۋاتىدۇ؟ نوقۇل ھالدا ئىمتىھان نەتىجىسىگە قاراپلا دەرسلىك تۈزسە بولمايدۇدە؟
دەرسلىك تۈزۈش خىزمىتىنىڭ باشلىنىشى ئىنتايىن ياخشى بوپتۇ ئەمما بۇ قېتىملىق دەرسلىكمۇ ئالدىنقى قېتىمغا ئوخشاش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياش - بىلىم قۇرۇلمىسىغان ماس كەلمەيدىغان بولۇپ قالسا ياخشى بولمايدۇ.
مۇنبەردىكى ئاساسىي قاتلامدا ئىشلەۋاتقان ئوقۇتقۇچى يولداشلار ئۆز خىزمەت ئەمەلىيىتىمىز ۋە تەجىرىبىلىرىمىزگە ئاساسەن كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە دەرسلىك تۈزگۈچى يولداشلارغا تەكلىپ پىكىرلىرىمىزنى بېرەيلى.
ئۆزۈم باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىزلارغا دەرس بېرىمەن. ئوغلۇم بىرىنچى يىللىقتا ئوقۇيدۇ. مەن ئۆز ئەمەلىيىتىمگە ئاساسەن بىر قانچە تەكلىپ بېرىپ باقاي.
1. دەرسلىكنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى بالىلارنىڭ يېشىغا، تەپەككۈرىگە ماس بولۇشى كېرەك. بىرىنچى يىللىقتا ئوقۇيدىغان ئوغلۇم ماتىماتىكا تاپشۇرۇقلىرىنىڭ تەلىپىنى چۈشىنىپ بولالمايدۇ. چۈشەندۈرۈپ قويسام دەرھال ئىشلىيەلەيدۇ. مەسىلىلەرنىڭ بېرىلىشىنى ئوقىيالمايدۇ، سەۋەپ 3كە 4نى قوشىدىغان بىر ھېساپ ئۈچۈن خەنزۇچە بىر مەسىلە توقۇپ چىقىلغان، بۇنى بىرىنچى يىللىق سەۋىيىسى بىلەن ئوقۇپ چۈشىنەلىشى مۇمكىن ئەمەس، ئەلۋەتتە. شۇڭا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككە قاراپ تەدرىجىي چوڭقۇرلىشىدىغان قىلىش كېرەك.
2. نىشان ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلگەن ئاساستا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىجاتچانلىقى ۋە يېڭىلىق يارىتىشىغا ئىمكان قالدۇرۇلۇشى كېرەك. پۈتكۈل ئاپتونۇم رايۇندىكى ھەممە ئوقۇغۇچى ئوخشاش دەرسلىك، ئوخشاش ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئوخشاش تاپشۇرۇق ئارقىلىق تەربىيىلەنسە مېنىڭچە ئانچە ياخشى ئەمەس. ئوقۇتقۇچىلارغىمۇ مۇئەييەن بوشلۇق قالدۇرۇش كېرەك.
قالغىنىنى يەنە داۋاملىق يازىمەن.... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   muallim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-23 00:14  



Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئابدۇرېھىمجان ئاتاۋۇللا
تىللا
1266
تۆھپە
531
UID
4607
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-23 00:58:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولسا تىزراق ئىسلاھ قىلسۇن، بولمىسا ھازىرقى بالىلارغا بەك ئۇۋال بولۇپ كىتىدىكەن، مىنىڭمۇ بىر نەۋرە ئىنىم بار، باشلانغۇچنىڭ ئۈچىنچى يىللىقىدا ئوقۇيدۇ، مەكتىپىدە دەرىسلەر ‹‹قوش تىل››دا ئۆتۈلىدىكەن، لىكىن ئۇ يا ئۇيغۇرچىنى جايلاپ يىزىپ ئوقىيالمايدۇ، يا خەنزۇچىنى،ئاڭلىشىمچە مەكتىپىدە ئاساسەن خەنزۇچە دەرس ئۆتىدىكەن، ئۇيغۇرچىنىمۇ ئارلاشتۇرۇپ ئۆتىدىكەن،  ئادەتتە شۇنداق شوخ بالا، مەن شۇنداق چاقىرىپ ئۈگىنىش ئەھۋالىنى سورىساملا شۇئان موللا مۆشۈككە ئايلىنىدۇ، ھەي... ئۇكام بىلەن تەڭ دىمەتلىك بالىلارغا بەك ئىچىم ئاغرىۋاتىدۇ...


Rank: 2

تىللا
114
تۆھپە
36
UID
18419
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-23 13:00:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىراقلا ئىنگىلىزچە ئۈتكەن بولسا ياخشى بۇلاتتى، بىزنىڭ بالىلىرىمىزنىڭ دەرسلەرگە يېتىشىپ مېڭىشىدا گەپ يوق! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاتىللا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-23 13:00  



Rank: 2

تىللا
114
تۆھپە
36
UID
18419
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-23 13:03:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈزىتىلگەن نۇسخىسىدا ليۇ خۇلەن بىلەن نۇزۇگۇم، رىزۋانگۈل...........، لېي فېڭ بىلەن ئەخمەتجان قاسىمى.....................قاتارلىقلار توغرىسىدىكى مەزمۇنلارنىڭ نىسبىتىنىڭ ‹‹مۇۋاپىق›› بولىشىنى ئۈمىد قىلىمىز!


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
نۇرئېلىجان ھېدايەت
تىللا
1301
تۆھپە
877
UID
504

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-23 16:51:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن خىزمەتكە چىققىلى 8 يېرىم يىل بولدى، بۇ قېتىمقىسى ئومۇمىي ساندا 6- قېتىملىق ئىسلاھاتقۇ دەيمەن، مائارىپىمىز سىجىل تەرەققى قىلىدىغان مۇكەممەل بىر يولغا كىرسە بولاتتى، كىم تۆتئېغىز گەپنى چىڭراق دەپ ئالتە ئادەمنى قايىل قىلالىسا «ۋاي مۇتەخەسس » دەپلا پالاق - پۇلۇق ئىسلاھ قىلىپ، ئاندىن رايونىمىزدىكى نەچچە يۈزمىڭ ئەۋلات بۇنىڭ بىلەن چۆرگىلەپ يۈرۈپ كەتسە زىيان ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى بېرىپ توقۇلۇپ قالمامدۇ؟
ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدا دىيىلگەن ئادەمنى ئاساس قىلىش تەلىپى بۇ قېتىمقى ئىسلاھاتتا ئۆز مەنسىىنى تاپالامدۇ يوق، مائارىپىمىز ئاساس قىلىدىغان «ئادەم» لەر توپى كىملەرنى كۆرسىتىدۇ؟ دىگەن مەسىلىلەر بىزنىڭ پىراففىسور، ئىنجىژىنىرلىرىمىنىڭ دىققىتىنى تارتىشى كېرەك.


يەنە دەيدىغىنىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېخى كىچىك بالا ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئۇلاردىن مۇكەممەل چوڭ ئادەمدىن كۈتىدىغان ئۈمىد ۋە قويىدىغان تەلەپلەرنى قويۇشتىن قەتئىي خالى بولىشى كېرەك.


Rank: 1

تىللا
4
تۆھپە
2
UID
25066
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 17:16:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ۇئەللىمنىڭ پىكىرىگە قوشۇلمەن ، ئۆزى بىلگەنچە قارار چىقارماي ، باشتا تۆۋەندىكىلەردىن پىكىر ئېلىش كېرەكتى ، ھازىرغۇ باشلىق دىگەننى خەلىق ئۈچۈن باش قاتۇردىغانلىرى ناھايىتى ئاز .


Rank: 2

تىللا
94
تۆھپە
13
UID
18372
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 00:07:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق ،بۇلۇپمۇ چەت ،يىراق جايلاردكى ئۇقۇتقۇچى ئاممىلاردىن كۆپرەك ئەھۋال ئىگەللەش  كىرەك دەپ ئويلايمەن


Rank: 3Rank: 3

تىللا
192
تۆھپە
50
UID
4780
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-27 00:26:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
(ئانا تىلدا دەرىس ئۆتىلىدىغان ئادەتتىكى سىنىپ )ۋە قوش تىل سىنىپى،ئۆتكەندە بىر توردىشىمىز مۇشۇ توغرۇلۇق بىر مەكتەپنىڭ يولداش مۇدىرې بىلەن سوقۇشۇپ قالغانلىقىنى يېزىپتىكەن.ئۆزىمىزنىڭ ئانا تىلدا دەرىس ئۆتۈلسە بۇسىنىپ نىمە ئۈچۈن ئادەتتىكى سىنىپ  بولۇپ قالىدۇ.باشقا تىلدا دەرىس ئۆتۈلسە ئالى سىنىپ بولۇپ قالىدۇ.مائارىپنىڭ ھۆججەتلېرىدە مۇشۇنداق ئاتاشنى بەلگۈلىگەنمۇ؟


Rank: 2

ئىسىمى
ۋاس- ۋاس ۋاس
تىللا
76
تۆھپە
22
UID
22661
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-27 05:33:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە     ئۇيغۇرلارغىلارغا   قوش  تىل   ئۇگەتمەي    مۇشۇ   شىنجاڭ   ئۇيغۇر   ئاپتۇنۇم  رايۇنىدا   ياشاۋاتقان   ھەر    قايسى  مىللەتلەرگىمۇ  ئۇيغۇرچىنى  قوشۇمچە دەرىسلىك قاتارىدا    ئوتۇپ  مىڭىش  كىرەكقۇ  دەيمەن   ئۇلارمۇ   ئۇيغۇر  تىلىدا نۇرمال  ئالاقىشىلايدىغان  بولۇشى  كىرەك      


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-29 13:51, Processed in 0.069039 second(s), 17 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991