4. فىرانسىيەنى ئايلىنىش ۋېلىسپىت مۇسابىقىسى 
فىرانسىيەنى ئايلىنىش ۋېلىسپىت مۇسابىقىسى

فىرانسىيەنى ئايلىنىش ۋېلىسپىت مۇسابىقىسىنىڭ بەلگىسى
يۈز يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە فىرانسىيەنى ئايلىنىش ۋېلىسپىت مۇسابىقىسى 1903–يىلى تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەندىن بېرى ، ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ .
5. ئامېرىكا كەسپىي ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى (NBA)

ئامېرىكا كەسپىي ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ بەلگىسى

ئامېرىكا كەسپىي ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى (NBA)
ئامېرىكا كەسپىي ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى 1949–يىلىدىن باشلاپ ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ ، ھازىر پۈتۈن دۇنيا ۋاسكېتبولچىلىرىنىڭ ئەڭ ئارزۇلايدىغان كەسپىي ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى . ئېلىمىزنىڭ تۇنجى بولۇپ ئامېرىكا كەسپىي ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى قاتناشقان ماھىرى ۋاڭ جىجى بولۇپ ، 2001–يىلى داللاس موزاي كومانسىغا ۋەكىل بولۇپ ئامېرىكا كەسپىي ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتناشقان . ئېلىمىز ۋاسكېتبول ماھىرى ياۋ مىڭ ھازىر ھيۇستون راكىتا كوماندىسىدا توپ ئويناۋاتقان بولۇپ ، بۇ مۇسابىقىدە ئىپادىسى ئەڭ ياخشى بولغان جۇڭگولۇق ۋاسكېتبول ماھىرى ھىسابلىنىدۇ . شىنجاڭ گۇاڭخۇي ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق توپچىسى باتۇرمۇ ئىلگىرى ئامېرىكا كەسپىي ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتناشقان .
6. ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى

ياۋروپا لوڭقىسى

2008–يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى ئىسپانىيە كوماندىسى
ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ياۋروپا پۇتبول بىرلەشمىسى باش بولۇپ ئۆتكۈزىدىغان ياۋروپا ئەللىرى پۇتبول مۇسابىقىسى بولۇپ ، 1960–يىلىدىن باشلاپ ھەر تۆت يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتىدۇ . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا جاڭگال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-10-12 17:18
|