تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 54349|ئىنكاس: 37

قىزچاق! مۇقەددەس «توي كۆينىكىڭىز» پاكمۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

تىللا
433
تۆھپە
140
UID
5032

ئاۋانگارت ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلىنازۇك

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-21 16:31:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قىزچاق! مۇقەددەس «توي كۆينىكىڭىز» پاكمۇ؟

رەشىدە غوپۇر


200866124634151_2.jpg


      بىز كىچىك چاغلاردا ھەدىلىرىمىز توي قىلسا، يۈزىگە «بۆرتمەشال» دەيدىغان بىر خىل ئېسىل يىپەك رومال يېپىپ ئولتۇراتتى. ئاق، كۈمۈشرەڭ، سۇس ھال رەڭلىك رەختلەردىن ئۇزۇن قىلىپ كۆڭلەك تىكتۈرەتتى، بەزىلىرى رەڭدار ئەتلەستىن كۆڭلەك كىيىپ، توزدەك جۇلالىنىپ كېتەتتى. ھازىرمۇ بەزى ھەدىلەرنىڭ «تويلۇق كۆڭلىكىم» دەپ ئەتىۋارلاپ ساقلاۋاتقان ئاق يىپەك رەختلەردىن تىكىلگەن كۆڭلەكلىرىنى ھەربىر قېتىم قولىغا ئالغىنىدا ئۇلارنىڭ چېھرىدە ھاياجنلىق، شادلىق ئىپادىلىرىنى كۆرىمەن. دېمەك توي ئىنسان ھاياتىدىكى مۇقەددەس بىر ئىش. شۇڭا ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بۇيۇملارمۇ مەيلى ئېسىل، مەيلى ئاددىي بولسۇن مۇقەددەس بۇيۇم سۈپىتىدە ئەتىۋارلانسا، ساقلانسا ئۆز قىممىتىنى مەڭگۈ يوقاتمايدۇ. ئەمما يېقىندىن بۇيان، تويى بولغۇچى قىزنىڭ توي كۆڭلەكنى ئارىيەتكە ئېلىپ كىيىشى كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. سەۋەب شۇكى، بىزنىڭ قىزلىرىمىز نەچچە ئون قېتىم ھەر خىل بەدەنلەرگە كىيىلىپ، ئەستەرلىرىگە بەدەن كېپەكلىرى ئورناپ كەتكەن، بەدبۇي بۇراپ تۇرغان، ھەييا ئېتەكلىرى كىرلىشىپ كەتكەن بۇ كۆڭلەكلەرنىڭ «ئالىي دەرىجىلىكى» نى 600 يۈەن، «ئوتتۇرا دەرىجىلىكى» نى 400 يۈەنگە ئىجارىگە ئالىدىكەن –- دە، شۇ قەدەر پاك، شۇ قەدەر قىممەتلىك مىنۇتلاردا بەدىنىگە كىيىپ، بولغۇسى جورىسىنىڭ يېنىغا كېلىدىكەن. تېخى بۇ كونا كۆڭلەكلەرنىڭ ئىجارە ھەققىنى يىگىت تۆلەيدىكەن. يېقىندىن بۇيان «تەرەققىيات» تېزلىشىپ، قوز قولدىشىنىڭ توي كۈنى كىيىدىغان كىيىمىنىمۇ ئارىيەتكە ئالىدىغان، ھەتتا ئۇنىڭ توي گىرىمىنىڭ پۇلىنىمۇ يىگىت ئۆز لايىقىنىڭ ئارىيەتكە ئالغان توي كۆڭلىكى، توي گىرىم پۇلىغا قوشۇپ تۆلەيدىغان بوپتۇ. مېنىڭچە دۇنيادىكى ھېچقانداق جاي، قەۋمدە قىز قولداشقىمۇ پۇل خەجلەيدىغان نادان يىگىتلەر بولمىسا كېرەك.
      مەن 1991 -– يىلى تۇغقان يوقلاش مۇناسىۋىتى بىلەن ئالمۇتادا بولغانىدىم. بىر تۇغقىنىمنىڭ ئۆيىدە كىچىك ئوغلىنىڭ توي خاتىرىسى سۈرىتىنى كۆرۈپ قىزىقتىم، كېلىنىنىڭ ئۇچىسىدىكى توي كۆڭلىكى ماگىزىنلاردا سېتىلىۋاتقان تەييار كۆڭلەكلەرگە ئانچە ئوخشىمايتتى، ئاددىي، كۆركەم ئىدى. بېشىغا تاجا شەكلىدە تىزىلغان ئاق گۈل تاقىغان، قولىدىمۇ بىر دەستە ئاق گۈل بار ئىدى. قىز قولداشمۇ يېڭى كىيىم كىيگەن، ئۇنىڭ قولىدىكى بىر دەستە گۈل سەل كىچىك، رەڭدار ئىدى. مەن كېلىندىن سورىدىم:
      -        سىزنىڭ توي كۆڭلىكىڭىز تەييار كۆڭلەكلەرگە ئانچە ئوخشىمايدىغۇ؟
      - تەييار كۆڭلەكلەر بەك قىممەت، بۇ رەخت كورىيەنىڭ رەختى، شۇنچە نەپس، مەن رەخت ئېلىپ ئۆزۈم لايىھەلەپ، ئۆزۈم تىكىۋالدىم. تەييار كۆڭلەكنىڭ پۇلىنىڭ يېرىمىمۇ كەتمىدى، - دەپ جاۋاب بەردى كېلىن.
      نېمە ئۈچۈن توي كۆڭلىكىگە كۆپرەك ئاق رەڭ تاللىنىدۇ؟ چۈنكى ئاق رەڭ پاكلىققا، ساپ مۇھەببەتكە سىمۋول قىلىنغان. باشقىلار كىيىپ بەدەن پۇرىقىنى سىڭدۈرگەن كىيىم ھېچقاچان پاك ئەمەس، ساپ مۇھەببەتكە سىمۋولمۇ بولالمايدۇ. «توي كۆڭلىكىنى ئارىيەت ئېلىش» دولقۇنى ھازىر شەھەرلەردىن يېزىلارغا كېڭەيدى. بۇنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى زىنىمۇ ئادەتتىكى پۇقرالار ئۈچۈن ئېغىر يۈك، مېنىڭچە توي قىلىش ئالدىدىكى ياشلىرىمىز تويدىن ئىلگىرى ئورۇنسىز ئىسراپچىلىقلارنىڭ بىرى بولغان بۇ يوچۇقنى ئېتىشى، پاك سۆيگۈنى پاكىزلىق ئۈستىدە چېچەكلىتىشى لازىم.
      ئاخىرىدا ياشلاردىن كۈتىدىغىنىم: «توي كۆڭلەك ئارىيەت ئېلىش» دولقۇنىدا قارىغۇلارچە ئېقىۋەرمەڭلار. سىلەرنىڭ توي كۈنى ئىشلەتكەن بارلىق بۇيۇمىڭلار قاتارىدا توي كۆڭلىكىڭلارمۇ كىيىم – كىچەك مەدەنىيىتىمىزنىڭ يادىكارلىقلىرى سۈپىتىدە كەلگۈسى ئەۋلادلارغا مىراس بولۇپ قالسۇن!
      مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى (2000 - يىل 5 - ئاينىڭ 19 - كۈنى سانى)

      بۇ ماقالە گەرچە 2000 - يىلى ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئەھۋاللار ئوڭشىلىش تۇرماق، بارا - بارا ئەدەب كېتىشكە باشلىماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقىپ، ئاچىدىغان بەدەننىڭ دائىرىسى تېخىمۇ كېڭىيىپ، ئادەمگە بىر خىل چاكىنا تۇيغۇلارنى بېرىپ قويىدىغان بولۇپ قالدى.
      توغر ا، توي بولغان ئىكەن ، توي قىزى چوقۇم چىرايلىق كىيىنىپ ، ئۆزىنىڭ ئەڭ گۈزەل ھۆسنى - جامالى بىلەن توي قىلىدىغان جورىسى بىلەن كۆرۈشۈشى كېرەك ، لېكىن بۇ دېگەنلىك ھەرگىزمۇ چەتنىڭ مەدەنىيىتىنى قارا - قويۇق قوبۇل قىلىپ ، ئۇلار نېمە قىلسا شۇنى دوراش بولماستىن ، بەلكى ئۆز مىللىي ئۆرپ - ئادىتىمىزنى ساقلىغان ئاساستا مىللىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە توي كىيىملىرىنى ، مەسىلەن : ئەتلەس كۆينەكلىرىمىز ، ھەر خىل چىرايلىق دوپپىلىرىمىز ، نەپس كەشتىلەنگەن كۆينەكلىرىمىز .... نى كىيسەك ، ئالاھىدە پەرقلىق بولغان بولاتتۇق ، ئۆزىمىزنىڭ خاسلىقىنى نامايان قىلغان بولاتتۇق.
     مىللىيچە كىيىملىرىمىزنى كىيىپ توي قىلساق ھەرگىزمۇ قانداقتۇر «مەتولۇق» نىڭ ئىپادىسى ئەمەس ، ئەگەر شۇنداق « مەتو » بولغان بولسا بىزنىڭ كىيىم - كېچەكلىرىمىز ھەرگىزمۇ خەلقئارا سەھنىلەردە نامايان قىلىنغان بولمايتتى . باشقىلار قەدىرلەپ كىيىۋاتقان كىيىملەرنى ئۆزىمىزمۇ قەدىرلەيلى !!!

etles10_800x600.jpg


ئەتلەسلىرىمىز نېمىدېگەن چىرايلىق !


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1312
تۆھپە
588
UID
5044
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-21 17:25:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاق رەڭ پاكلىققا سېمىۋول قىلىنىدۇ؟ ئاق رەڭنى بىز ئەسلى تويغا ئەمەس بەلكى مۇسبەتكە ئىشلىتەتتۇققۇ دەيمەن؟
مېنىڭچە بولسا ئەتلەس كۆينەك ئەڭ چىرايلىققۇ دەيمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Castle تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-21 17:25  



ئۆلگىنىڭمۇ بوپتىكەن دەپ قالارمىز بىركۈنى..

Rank: 6Rank: 6

تىللا
388
تۆھپە
308
UID
19029
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-21 18:05:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىيىمى بىلەن  نىمە چاتقىنىمىز،، ئۇزى ،  تىنى پاك  بولسا بولدى


Rank: 1

تىللا
16
تۆھپە
8
UID
19038
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-21 18:39:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتلەس ئەلۋەتتە چىرايلىق، ئۇيغۇر قىزلىرىغا شۇنداق يارىشىدۇ. ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز قويغاندەك.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
سانىيە
تىللا
424
تۆھپە
228
UID
15154
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-21 19:21:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


Rank: 3Rank: 3

تىللا
181
تۆھپە
54
UID
16982
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-21 19:48:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇدا   بۇيرىسا   مەنمۇ  توي قىلسام   ئەتلەس  كۆڭلەك   كىيىمەن   .     


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئىنكاس شاھى
تىللا
832
تۆھپە
506
UID
461
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-21 20:43:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىللى ئەنئەنىمىز يوقالمىسۇن !!


غەزەپ بىلەن ھومىيمەن قەبىھى زالىملارغا ،
كالا بولۇپ باش ئىگىمەن ، سەبىي بالىلارغا .

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەخپىي
تىللا
630
تۆھپە
208
UID
404
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-21 20:53:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توي قىلىشىتىن بۇرۇن تويدا ئاق توي كۆينەك كىيگىمىز كېلىپ كېتىدىكەن، مەن ھازىر تويۇمدا ئەتلەس كىيمىگىنىمگە پۇشايمان قىلىمەن.


بۇ ئۆمرمدە مەمۇرلار ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپمۇ باقارمەنمۇ؟!

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1230
تۆھپە
1032
UID
18149

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-21 23:38:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
{ئەتلەسلىرمىز بەكمۇ يارشىدۇ قىزلىرمىزغا:154:}


Rank: 6Rank: 6

تىللا
388
تۆھپە
308
UID
19029
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-22 03:10:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tagritagkizi يوللىغان ۋاقتى  2012-6-21 19:48
خۇدا   بۇيرىسا   مەنمۇ  توي قىلسام   ئەتلەس  كۆڭلەك   كىيى ...

قاچان توي قىلىسىز،  بۇ  يەردىمۇ ئۇلتۇرۇپ قالغان  قىزلار بار ئىككەندە.  مەنمۇ شۇ  قىرى بۇيتاق بولمىسا


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-8-26 03:01, Processed in 0.086949 second(s), 28 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991