جوۋ ئېنلەي بىلەن جياڭ جيېشىنىڭ ئوخشاشلىقلىرى توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى ھەممىمىزگە مەلۇمكى، جوۋ ئېنلەي بىلەن جياڭ جيېشى جۇڭگو تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسلەر بولۇپ، ئۇلار كوممۇنىستىك پارتىيە ۋە گومىنداڭ پارتىيەسىدىن ئىبارەت ئىككى پارتىيەگە تەۋە بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا نۇرغۇن ئوخشاشلىقلارنىڭ بارلىقى مەلۇم بولدى. تۆۋەندىكىلەر بۇ ئىككى شەخس ئوتتۇرىسىدىكى بىر قىسىم ئوخشاشلىقلاردىن ئىبارەت.

جوۋ ئېنلەينىڭ خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپىدىكى ۋاقتى

جياڭ جيېشىنىڭ خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپىدىكى ۋاقتى 1. ھەر ئىككىلىسى ھەربىي مەكتەپتە خىزمەت قىلغان.
جياڭ جيېشى بىلەن جوۋ ئېنلەي خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپىدە بىرگە ئىشلىگەن. جياڭ جيېشى گومىنداڭ خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپىنىڭ مۇدىرى، گومىنداڭ ئىنقىلابىي ئارمىيەسى شىمالغا يۈرۈش قىسمىنىڭ باش قوماندانى بولغان. جوۋ ئېنلەي كوممۇنىستىك پارتىيە ئارمىيەسىنىڭ ئاساسىچىسى بولغان. گەرچە ئىككىيلەن ئوخشاش پارتىيەدە بولمىسىمۇ، ئەمما نۆۋەتتىكى ماتېرىيالدىن قارىغاندا، خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپىدىكى مەزگىلدە جياڭ جيېشىنىڭ جوۋئېنلەيگە بولغان تەسىرى بەك ياخشى بولغان بولۇپ، جوۋ ئېنلەي جياڭ جيېشىنى تولىمۇ ھۆرمەتلەيدىكەن. كىشىنى تېخىمۇ ئەجەبلەندۈرۈدىغىنى شۇكى، گەرچە ئىككى تەرەپتە ئىشەنچ بولمىغان ئەھۋالدا شىئەن ۋەقەسى ھەل بولغاندىن كېيىن، شۇنداق ھەيۋەتلىك كومىتېت باشلىقىنىڭ جوۋ ئېنلەي قاتارلىقلارغا بەرگەن ئاغزاكىي ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، دۈشمەنلىشىشتىن دوست بولۇشقا چولىسى تېگەرمۇ؟ ئېھتىمال ئىككىيلەندە ‹‹قەھرىمان قەھرىماننىڭ قاياشى›› دەيدىغان مۇرەككەپ ئىدىيەۋى ھالەت شەكىللەنگەن بولۇشى مۇمكىن.
2. ھەر ئىككىلىسى كۈندىلىك خاتىرە يېزىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئوتتۇرا ياش مەزگىللىرىدىن كېيىن مۇھىم ۋەزىپىلەرنى زىممىسىگە ئالغان جياڭ جيېشى بىلەن جوۋ ئېنلەي ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان، ئۆز قولى بىلەن خاتىرە يېزىش ئادىتىنى يېتىلدۈرگەن. بولۇپمۇ، جياڭ جيېشى خاتىرە يازغان 50 يىلدا كۈندىلىك خاتىرە يېزىشنى بىر كۈنمۇ ئۈزۈپ قويمىغان بولۇپ، تارىخىي ماتېرىياللىق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى. جوۋ ئېنلەي زۇڭلى بولغاندىن كېيىن ئۈستەل كالېندارىنى خاتىرە قىلىۋالغان، بۇلار گەرچە خىزمەت خاتىرىسى بولسىمۇ، لېكىن نەچچە ئون دەپتەرگە يېتىدۇ.
3. ھەر ئىككىلىسى ياپونىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ.
جياڭ جيېشى بىلەن جوۋ ئېنلەي ياشلىق مەزگىللىرىدە ھەر ئىككىلىسى ياپونىيەدە تۇرغان. گەرچە كېيىن ياپونغا ئورتاق قارشى تۇرۇشتا، ئىككىيلەن ياپونغا قارشى تۇرۇشتىكى ئاساسلىق رەھبەرلەرگە ئايلىنىدۇ، ئەمما ياپونغا قارشى ئۇرۇش غەلىبە قىلغاندىن كېيىن جياڭ جيېشى بىلەن جوۋ ئېنلەي ياپونىيە بىلەن بولغان دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ.
4. ھەر ئىككىلىسىنىڭ خاتالىقلىرى ئۈستىدە ئويلىنىدىغان ئادىتى بار.
جياڭ جيېشى بىلەن جوۋ ئېنلەي ھەر ئىككىلىسى خاراكتېرىگە، ئېھتىياتچانلىققا، مەخپىيەتلىككە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدىغان بولۇپ، تۇرمۇشتا تولىمۇ ئاددىي-ساددا، پاكىز، تېجەشچان ئىدى. ئىككىيلەن ئۇزۇن يىللىق ھەربىيچە تۇرمۇش ئادىتىگە كۆنۈپ كەتكەن. مەسىلەن، ئۇلار تاماكا چەكمىگەن، ئاددىي-ساددا كىيىنسىمۇ، ئۆزلىرىنىڭ سالاپىتىگە تولىمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ. ‹‹جياڭ جيېشى كۈندىلىك خاتىرىسى››دە، جياڭ جيېشىنىڭ ئادەتتە ئۆزى ھەققىدە ئويلىنىشقا تولىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان بولۇپ، ‹‹ساھىبجاماللارنى كۆرسىلا يۈرىكى دۈپۈلدەپ سوقۇپ، بىر قاتار خاتالىقلارنى خاتىرىلەش››كە مەجبۇر بولىدىكەن. ئەمما، جوۋ ئېنلەي خاتالىقى بولسىلا دەرھال تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزىنى تەكشۈرىدىكەن. سىز جياڭ جيېشى بىلەن جوۋ ئېنلەينىڭ كونا كىيىملەر بىلەن چۈشكەن تارىخىي سۈرەتلىرىنى كۆرمىگەن بولۇشىڭىز مۇمكىن. جياڭ جيېشى قەددىنى تىك تۇتقان ھالدا ئولتۇرىدۇ.
5. كرىزىس مەزگىلىدە ھەر ئىككىلىسى رەھبەرلەرگە ئالا كۆڭۈللۈك قىلمىغان.
يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ ھاياتى تەھدىتكە دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، سۇن جۇڭشەن بىلەن چىقىشالمايۋاتقان جياڭ جيېشى ئىككىلەنمەستىن كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ قۇتقۇزۇۋالىدۇ، تاماشا كۆرۈپ قاراپ تۇرمايدۇ. جوۋ ئېنلەيمۇ دەل شۇنداق قىلغان.
6. ھەر ئىككىلىسى كۇڭزىچىلارنى چوڭ بىلىدۇ.
جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى، بولۇپمۇ كوڭزى تەلىماتىنىڭ جياڭ جيېشى بىلەن جوۋ ئېنلەينىڭ دۆلەت باشقۇرۇش جەھەتلەردىكى كۆرسەتكەن تەسىرى ئىنتايىن زور بولغان. جوۋ ئېنلەي چەت ئەل مۇخبىرلىرىغا مۇنداق دېگەن: ‹‹مەن ئالدى بىلەن بىر جۇڭگولۇق، ئاندىن قالسا كومپارتىيە ئەزاسى.›› جوۋ ئېنلەي مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى كوڭزىچى ئۆلىمالارنى تەنقىدلەش مەزگىلىدە، پارتىيە ئىچىدىكى ‹‹چوڭ كوڭزىچى›› دەپ قارىلىپ تارتىپ چىقىرىلغان. ئەمما، جياڭ جيېشى زېڭ گوفەننى تولىمۇ ھۆرمەتلەيدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا ئۆزى شەخسەن رىياسەتچىلىك قىلغان.
7. ھەر ئىككلىسى جۇڭسەن ماركىلىق كىيىم كىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ.
بۇ ئىككىيلەننىڭ نۇرغۇن تارىخىي سۈرەتلەردىن ئايانكى، جياڭ جيېشى بىلەن جوۋ ئېنلەي ھەر ئىككىلىسى جۇڭسەن ماركىلىق كىيىم كىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. جياڭ جيېشى بۇ خىلدىكى كىيىمنى سۇن جۇڭشەنگە بولغان ھۆرمەت ۋە مۇھەببەت يۈزىسىدىن كىيىدۇ. ئەمما جوۋ ئېنلەي بۇ خىلدىكى كىيىمنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن كىيىدۇ.
8. ھەر ئىككىلىسى جېجياڭلىق.
جياڭ جيېشى بىلەن جوۋ ئېنلەينىڭ ئەجدادلىرى جېجياڭلىق. بىرى جېجياڭنىڭ فېڭخۇادىن، يەنە بىرى جېجياڭنىڭ شاۋشىڭدىن. جياڭ جيېشىنىڭ دادىسى بالدۇرلا ئالەمدىن ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن، ئانىسىنىڭ تەربىيەسىدە چوڭ بولغان. جوۋ ئېنلەينىڭ ئانىسى بالدۇرلا تۈگەپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن باققان ئانىسىنىڭ تەربىيەسىدە چوڭ بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا، مىنگو دەۋرىدىكى ‹‹تۆت كېلىشكەن ئەرلەر››نىڭ رەت تەرتىپىگە بۇ ئىككىيلەنمۇ تىزىلغان.
9. ھەر ئىككىلىسى نەمۇنىلىك ئەر بولغان.
ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئۆيدىكىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئىنتايىن ياخشى ئىدى. جوۋ ئېنلەينىڭ دېڭ يىڭچاۋ بىلەن توي قىلىشىمۇ مۇھەببەتنىڭ ئۇلارغا قىلغان سوۋغىسى ئىدى. لېكىن، جياڭ جيېشىنىڭ سۇڭ مېيلىڭ بىلەن توي قىلىشى دەسلەپتە ئادەمنى سەل گۇمانغا سېلىپ قويغان، ئەمما، يېرىم ئەسىردىن كېيىن نۇرغۇنلىغان تارىخىي تەپسىلاتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جياڭ جيېشى بىلەن سۇڭ مېيلىڭنىڭ تۇرمۇشى تولىمۇ رومانتىك ئۆتكەن.
تەرجىمان: شىنجاڭ تەڭرىتاغ تورى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مۇھەررىرى
|