قەشقەر پاراڭلىرى يەنە كەلدى
بىر سائەت ئالدىدا چىقىرىش
ئالامەت زەھەردەك گەپ قىلدىغان ئاممىۋى قاتناش شوپۇرى، ھەيران قالىسز ئېزىپ-تېزىپ گەپ سوراپ قالماڭ. تۆۋەندە بىر قانچە دىئالوگلار بېرىلدى.
- ئۇستام، ما ماشىنا نەگە باردا؟ شوپۇر يولۇچىنىڭ چىرايىغا قاراپ تۇرۇپ كېتىپ دېدى: - نەزىرگە بارىدا!
- «ئۇستام، ئالدى ئىشىكتىنلام چۈشىۋالايچۇ؟ - كەينى ئىشىكتە ئىت يېتىۋاپتىما! - ئۇستام، پارچە پۇل ساۋالماپتىكەنمەن؟ - ماڭا دەيلىغۇ؟ مەن بېرەيما خېنىم دەسمايىگە؟! - ئۇستام، ئالدىمىزدىكى بېكەت نىم بېكەت؟ - سىلى چۈشىدىغان بېكەت! ئاپتۇز توختاپ ئەمدى قوزغىلاي دېيىشىگە بىرسى توۋلاپ قالدى: «ۋاي، يۇۋ شيادى!» شوپۇر كەينىگە قاراپ قويۇپ دېدى: «بايامنىڭ ياقى چۈشمەي بىرسىنىڭ بېلىنى باسقانما!!!؟» ئاپتۇزدا ئادەم جىق، شوپۇر ۋاقىراپ: «ۋاڭلى زو، خوۋمىيەن كوڭ كوڭدى!» دەپ ۋاقىرىسا بىرەرسىمۇ مىت قىلمىدى. شوپۇر ئاچچىقلىدى: - مەن بى مۇزىيخانىدىكى كىرورەن گۈزىلى بولمىغاندىكىن ماڭا قايلاپ تۇرۇشماي، ئىچىگە مېڭىشمامدۇق پاختىلىق مەلەڭزىدەك يولنى توسماي؟!!! بېكەتتە ئادەم جىق، ئاپتوبوس بېكەتكە كىرىشىگە ئادەملەر گۈررىدە پۇل تاشلا-تاشلىماي چىقىپ كەتتى، شوپۇر: - ھە، ئۇقۇشماي چىقىۋالدىڭلامۇ يا؟ بۇ نۇرتاي ھاجىمنىڭ ماشىنىسى ئەمەس!!! ئاپتۇزدا بىر بالا گازىر چېقىپ ئولتادى، شوپۇر: - ئىچلىرى پۇشۇپ قاپتۇدە ئۇكام؟ ياتاققا ئاپىرايما!!! ئاپتۇز بېكەتتە توختىدى، بىرسى ناھايىتى ئالدىرماي ماشىنىغا چىققىلى تۇردى، شوپۇر: - شەخسىي شوپۇرلىرى چۈشۈپ، ھاپاش قىلىپ ئېچىقىسۇنما؟! - ئۇستام، ئى قىزىل چىراقتا بىر ئىشىكنى ئېچىۋەتسىلە... - ئاچىلىرىنىڭ ئېرى جوتۇڭما؟!(قاتناش ساقچىسىما دېمەكچى) - ئۇستام، بىزە ئالدىدا توختاپ بەسىلە بوپتىكەن... - ئۆينىڭ ئادرىسىنى دەپ بەسىلە، ئۆيگىلا ئەكىرىۋېتەي!!!
مەنبە:توغراق تورى
|