كۆرۈش: 245837|ئىنكاس: 52

كاۋاپچى يىگىت بىلەن پاھىشە قىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئىسىمى
ئابدۇراخمان
تىللا
6
تۆھپە
44
UID
1048
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-23 18:57:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

201208221344069t63h.jpg

كاۋاپچى يىگىت بىلەن پاھىشە قىز


(ھىكايە)


ئاپتورى:ئابدۇراخمان (تاتلىق ئۇيغۇر)


    بۇئەسەر جەمئىيتىمىزدىكى بىر قىسىم كىشىلىرىمىزگە ئاچچىق ساۋاق، سەلبىي دەرسلىك سۈپىتىدە يېزىپ چىقىلدى. ئوقۇرمەنلىرىمنىڭ تەپسىلى ئوقۇپ چىقىشنى چىن قەلبىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن.شۇنداقلا قىزلىرىمىزنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىغا خاس ئوبرازىنى يىتىلدۈرىشىگە تىلەكداشمەن....
     مانا ھەش-پەش دىگۈچە بەشىنچى ئايلارمۇ كىلىپ قالدى. ماۋۇ خەنزۇلارنىڭ شەھىرىدە ياز كەلسىلا كاۋاپنىڭ بازىرى كاساتلىشىپ قالغاچقا كۈدە-كۆرپەمنى يىغىپ،ئانا يۇرتۇم، شىنجاڭ دىيارىغا قايتىش ئۈچۈن  ۋوگزالغا كەلدىم. يۈك-تاقلىرىم سەل كۆپ بولغاچقا ۋاكالىتەن توشۇش ئورنىدىن ئەۋەتىش قارارىغا كەلدىم. يا ئاللاھ! بۇ قاغىش تەككۈر يۇرۇتتىن شۇنداق سەسكەنگەن ئىدىم. نېمىشقا دەمسىز؟نېمىشقا بولاتتى،مەن تۇرغان بۇ يۇرتتا بىزدىن بۆلەك ئۇيغۇر يوق ،مەن ئاكام،يەڭگەمدىن باشقا ئۇيغۇر تونۇمايتتىم. بۇيەردە كاۋاپ ساتقىنىمغا ئىككى يىلدىن ئېشىپتۇ.مەن بىلەن ئىزچىل ئانا تىلىمىزدا پاراڭلىشىپ كېلىۋاتقىنى، يەنىلا كۆيۈمچان ئاكام بىلەن يەڭگەم.بۇلادىن قالسا يەنەشۇ مەۋھۇم دۇنيادىكى دوست-بۇرادەرلىرىم.
شۇنداق قىلىپ يۈك-تاقلىرىمنى ئايرىم يولغا سېلىۋىتىپ بېلەت سېتىش ئورنىغا كەلدىم. ئۇزۇن ساقلىمايلا نۆۋەت ماڭا كەلدى.
-ئۈرۈمچىنىڭ بېلىتىدىن 3 تال ئالىمەن.
1146 يۈئەن؟
-بىرسى نەچچە پۇل؟
-382 يۈئەن!
ھېساپلىسام دەرۋەقە شۇنداق بولىدىكەن. 1146 كوي پۇلنى بېرىپ بېلەتنى قولۇمغا ئالدىمدە سىرتقا ئۆزۈمنى ئاتتىم. سىرتقا چىقىپ بېلەتكە قاراپ خوشاللىقىمدىن يىغلىۋەتكىلى تاسلا قالدىم.مەن بۇ ئىككى يىل ئىچىدە بىرەر ئۇيغۇر سىماسىنى كۆرۈپ باقمىدىم.ئىش قىلىپ بۇ خۇشاللىقىمنى تىلىم بىلەن سىزگە ھەرگىزمۇ تەسۋىرلەپ بېرەلمەيمەن. مەن كىندىك قېنىم تۆكۈلگەن يۇرتۇمغا قايتىمەن. يۇرتۇمنىڭ ئۆپكە-ھېسىپ،لەڭپۇڭ،سامسا دەمسىز ،ئىشقىلىپ مەن سېغىنغان نەرسىلەر بەكلا كۆپ، ھەممىدىن بەك دادام-ئاپامنى بەكلا سېغىندىم. قولۇمدىكى مۇشۇ بېلەت بىلەن بۇ سېغىنىشىم ئەمەلگە ئاشماقچى. شۇڭا مەن خۇشال بولماي،كىم خۇشال بولاتتى؟
بېلەتنى پورتمالىمغا سالدىم، ۋوگزال ئالدىدىكى پەشتاقتىن تېز قەدەملىرىم بىلەن كېتىپ باراتتىم. كۈنلۈك تۇتقان بىر خەنزۇ ئايال ماڭا قاراپ قىزلار بىلەن ئوينىغۇڭ بارمۇ؟ -دېدى.
دەرھال شۇتەرەپكە بۇرۇلدۇم، بۇ يەردە مۇشۇنداق خەنزۇ قىزلار خېرىدار كۈتەتتى. مەن بۇ يەرگە ئىككى يىللىق مۇساپىر، قانداقلا بولمىسۇن بۇ شەھەر ماڭا ئانچە مۇنچە بولسىمۇ تۇنۇش ئەمەسمۇ!
گىپىگە جاۋاپمۇ بەرمەستىن، ئالىيىپ قويۇپ يولۇمغا ماڭدىم.
بىزنىڭ بۇ يەردە سىلەرنىڭ شىنجاڭلىق قىزلارمۇ بار...
ئۆزۈمنى بۇ قېرى خوتۇننىڭ گەپلىرىدىن شۇنچە قاچۇرۇشقا تىرىشقان بولساممۇ ،بۇ خوتۇننىڭ بۇ سۆزلىرى بىلەن تەڭ ئورنۇمدا قاققان قوزۇقتەك تۇرۇپلا قالدىم.
-نېمە دېدىڭ؟بىزنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىمىز بار دېدىڭما؟ماڭە ۋاي، ئاتام بىلمەيدىغان،ئانام بىلمەيدىغان بۇ ئىچكىرىدە بۇنداق ئىشلارنى قىلىپ يۈرۈيدىغان ئۇيغۇر قىزلىرىمۇ بارمۇ ؟مېنى ئالداۋاتىسەن...بۇ مۇمكىن ئەمەس.
-ئشەنمىسەڭ سېنى باشلاپ باراي،كۆرۈپ باقامسەن؟
ئۆز قۇلىقىمغا ئىشەنگۈم كەلمەيتتى،بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن ،مەن بۇ شەھەرگە ئاكام،يەڭگەملەر بىلەن چىقىپ كاۋاپچىلىق قىلۋاتقىلى توپتوغرا ئىككى يىل بوپتۇ،بۇ يېقىن ئەتراپتا بىرەر ئۇيغۇرۇمنىڭ دىدارىنى كۆرۈش،تاتلىق ئۇيغۇر تىلىنى ئاڭلاش ماڭا نېسىپ بولمىغان تۇرسا،قانداقمۇ بىر ئۇيغۇر قىزى بۇنداق يەرلەردە يۈرسۇن؟ياق-ياق،بۇ مۇمكىن ئەمەس،بولدىلا،خۇداغا شۈكرى ،شىنجاڭغا قايتىدىغان ئۈچ تال بېلەتنىمۇ ئىلۋالدىم،ئۇزۇندىن بېرى توختىماي چۈشەۋاتقان ئانا يۇرتۇمغا ئەتىلا قايتىپ كېتىمەن،ئەڭ ياخشىسى ئۆزۈمنىڭ ئىشنى قىلىپ يولۇمغا ماڭاي،مەن يا بۇنداق يەرلەرگە كىرىپ يۈرىدىغان بۇزۇق بولمىسام.....
شۇنداق خىياللار بىلەن بۇ سېرىق چاچ،يۈزلىرىنى ئالۋاستىدەك بويۇۋالغان،يېرىم -ياتا كىيىنگەن بۇ خەنزۇ ئايالغا سەت بىرنى ئالىيىۋېتىپ ،تېخى باياتىنلا ئالغان بىلەتنى ئاۋايلاپ يانچۇقۇمغا سېلىپ يولۇمغا مېڭشقا تەمشىلىۋىدىم،بۇ خوتۇن يەنە ئېغىز ئاچتى.
-بېرىپ ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرسەڭ ئىشىنەتتىڭ ...
كاللامدىن تۇيۇقىسز بىر خىيال كەزدى،مەن بېرىپ كۆرۈپ بېقىپ كەلمەيمۇ؟شۇنچە چوڭ يۇرتىمىز كىچىكلىك قىلىپ ،يات خەقنىڭ يۇرتىدا مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلىپ يۈرۈشكە ،ئۆزىنىڭلا ئەمەس،پۈتۈن مىللىتىمىزنىڭ يۈزىنى بىراقلا يەرگە تۆكۈشكە ۋىجدانى يول قويغان قانداق بۇزۇقتۇ بۇ ...بېرىپ تازا بىر ئەدىپىنى بېرىپ كەلمەيمۇ ...
-ھە ..........يىراقمۇ ؟-ياق! ماڭە ئەمىسە ،مەن بارىمەن.
شۇنداق قىلىپ بۇ خوتۇن توسقان تاكسىغا چۈشۈپ ماڭدىم،ئۆزۈمنىڭ نېمىشقا بۇنداق تۇيۇقسىز بۇ قارارنى چىقارغىنىمغا ھەيران قالدىم،چۈنكى مەن بۇ كوچىدىكى ئوغۇل بالا ئەمەس ئىدىم،بۇ ئىككى يىلدىن بىرى ئاكام بىلەن يەڭگەمنىڭ قولغا قول،پۇتىغا پۇت بولۇپ بۇ ياقا يۇرتتا كاۋاپچىلىق قىلۋاتقان بولساممۇ ،بۇنداق قالايمىقان ئىشلاردىن نېرى ئىدىم،ئاكام،يەڭگەملەرمۇ مەندىن رازى ئىدى.شۇ تاپتا قولۇمدا شىنجاڭغا ماڭدىغان پويىز بېلىتى بار،ئەتىلا يۇرتۇمغا كېتىمەن،ئاتا-ئانامنى كۆرەلەيمەن،نېمىلا بولمىسۇن بىر قاراپ بېقىپ كېتەي...ئاكام-يەڭگەملەرمۇ ئۇنچە ئاچچىقلىنىپ كەتمەس.
تاكسىنىڭ تېشىدىن قاراشقا خېلى يامان ئەمەس بىر مېھمانخانا ئالدىدا سىلىق توختىشى بىلەن مېنىڭ خىياللىرىممۇ ئۈزۈلدى.
-كەلدۇق ،چۈشكىن.
ھە دەپ تاكسىدىن چۈشۈپ ئۈن-تىنسىز بۇ ئايالغا ئەگىشىپ ماڭدىم.مېھمانخانىنىڭ چوڭ زالىدىن ئۆتۈپ بىر ياتاق ئۆينىڭ ئالدىغا كەلگەندە ،خەنزۇ ئايال ئىشكىنى چېكىۋىدى ،ئىچىدىن خەنزۇچە كىر دېگەن ئاۋاز چىقتى،بۇ خوتۇن ماڭا باش ئىشارىتى قىلىپ مېنىڭ بىلەن بىرگە ئۆي ئىچىگە كىردى.ياتاق ئىچى خېلىلا چىرايلىق بېزەلگەن بولۇپ ،بۇنىڭ ئىچىدە ئولتۇرغان ئايالنىڭ قىياپىتىدىن كىشىنى ھېچقانداق خاتا ئويغا باشلىمايتتى،بەلكىم بۇمۇ مۇشۇلارنىڭ ئادىتى بولسا كىرەك...
-ساڭا بۇ يەرگە ئۇيغۇرلارنى باشلاپ كەلمە دېگەنتىمغۇ؟نېمشقا يەنە باشلاپ كەلدىڭ؟سەن بىزنىڭ ئىشلىرىمىزنى سۇغا چىلاشسۇن دەمسەن؟
مېنى كۆرۈپلا ياتاقتىكى ئايال چالۋاقاشقا باشلىدى،-قاراڭ ،بايا پويىز ئىستانسسدا بۇ بالىغا خېلى دىققەت قىلغان ئىدىم،پۇلى خېلى جىقكەن،شۇڭا...
-ھە،بۇ قېتىم بوپتۇ،بۇنىڭدىن كېيىن دىققەت قىل،چىقساڭلار بولىدۇ.
يەنە ھېلىقى سېرىق چاچلىق ئايالنىڭ ئىشارسى بىلەن ياتاقتىن چىقتىم.
-قېنى ماڭا ئۇ ئۇيغۇر قىزنى كۆرسەتمەمسەن؟
-بەش يۈز يۈەن چىقارغىن.
يانچۇقىمدىن پۇلنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا تۇتقۇزدۇم،-ماڭ ،يول باشلا ئەمسە.
بۇ مېھمانخانىنىڭ ياتاقلىرى ماڭا سىرلىق ئوردىدەك تۇيغۇ بېرەتتى،بۇ خوتۇن مېنى ئايلاندۇرۇپ ئېلىپ كىتۋاتامدۇ ياكى بۇ مىھمانخانا ئەزەلدىن شۇنداقمۇ ئىشقلىپ بىشىم ئايلىنىپ قالاي دىگەندە ئاران بىر ياتاقنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى. -مۇشۇ ياتاقتا ،كىرسەڭ بولىدۇ.
بۇ خوتۇن شۇنداق دەپ كېتىپ قالدى،راسىت كەتتىمۇ ياكى ،ياندىكى باشقا ياتاقتا قېچىپ كېتىشىمزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىشىك بېقىۋاتامدۇ بىلمەيمەن،بىر قەدەم ئېلىپ ياتاققا كىرسەم مېنى نېمە قىسمەتلەر كۈتۈپ تۇرۇۋاتقاندۇ، بىر نەچچە سېكۇنت تۇرۇۋالغاندىن كېيىن ئاستا ياتاقنىڭ ئىشىكىنى ئاچتىم.ياتاق خېلىلا چوڭ،قارىماققا ئېسىل كۆرۈنەتتى.دەرىزە يېنىغا چوڭ قوش كىشلىك كارىۋات قويۇلغان بولۇپ،كارىۋات ئۈستىدە بىر قىز ياتاتتى.مېنىڭ كىرگىنمنى سەزمىدىمۇ ياكى قەستەن بېشىنى كۆتۈرمىدىمۇ مىدىر قىلماي ياتاتتى .سەل تېڭىرقاپ قالدىم،شۇنداقتىمۇ ئۆزۈمنى توختىتىۋىلىپ سورىدۇم.
-سىز ئۇيغۇرما ؟
بۇ بىر ئېغىز گەپ شۇنچىلىك تەسىر قىلغان بولسا كىرەك،ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ كەتتى.
-ئاكا،مەن خاتا ئاڭلاپ قالمىغاندىمەن؟سىز ئۇيغۇرچە سۆزلەۋاتامسىز...........
قىز ئاران شۇ گەپلەرنى دىيەلىدىدە پاڭڭىدە يىغلىۋەتتى،قىز ھەقىقەتەن چىرايلىقمۇ ياكى ئىككى يىل  ئۇيغۇرۇمنىڭ قىزلىرىنى كۆرمىگەنلىكتىنمۇ بۇ قىز كۆزۈمگە شۇنداق چىرايلىق كۆرۈندى.قانداق قىلىشىمنى ،بۇ قىزغا قانداق تەسەللىي بېرىشىمنى بىلمەيتتىم،قانداق تەسەللىي بېرىمەن؟كاللامدا نۇرغۇن جاۋاپسىز خىياللار...بۇ قىز زادى كىم ؟قارىماققا خېلى كېچىككەن،قانداق قىلىپ بۇ يولغا كىرىپ قالغاندۇ؟ئاتا-ئانىلىرىچۇ؟
پەقەت   شۇنىلا دېيەلىدىم،-ئۆزىڭىزنى تۇتىۋېلىڭ، سىڭلىم.خالسىڭىز نىمە ئىش بولغىنىنى ماڭا ئېيتىپ بىرىڭ،خالىمىسىڭىز مەن چىقىپ كېتەي.
-ياق،ئاكا،چىقىپ كەتمەڭ،مېنى قۇتقۇزىۋېلىڭ.
قۇتقۇزىۋېلىڭ دېگەن گەپ بىلەن ئۆزۈمنىڭ بۇ قىز بەلكىم ئالداپ كېلىنگەن بولسا كېرەك دېگەن پەرىزىمنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈردۈم.بىراق مەن بۇقىزغا ياردەم قىلىش نىيىتىدە كەلمىگەن.لېكىن مەن ئويلاپمۇ باقمىغان ئىش يۈز بېرىپ مېنى ھەيران قالدۇرۇپ قويغان ئىدى. نېمىلا بولمىسۇن ئاۋال قىزنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلاپ باقمامدىم، ھېلىقى نېمىتى،<<پاھىشە قىزنىڭ مۇھەببىتى>> دېگەن ئاۋازلىق ئەسەر شۇ زامات كاللامغا كەپ. ئۇنىڭدىن بوشقىنا سورىدۇم،-سىز قانداق بولۇپ بۇ يەرلەردە يۈرۈيسىز؟
-ئاكا،مېنىڭ ئىسمىم دىلرابا،يۇرتۇم پالانى ناھىيەدىن.مەن بۇ يەرگە قانداق كېلىپ قالغىنمنى ئۆزۈممۇ
بىلمەيمەن.تولۇقسىزنى ئەمدى پۈتكۈزگەن چاغلىرىم ئىدى،ئۆزۈم ئوقۇشقا بەك قىزىقساممۇ ،دادام قىز بالا بەك ئوقۇپ كەتسە يولدىن چىقىپ كېتىدۇ دەپ مېنى داۋاملىق ئوقۇشتىن توسۇپ ،كىيىم تىككۈچىلىككە ھۈنەرگە بەردى.ئاپامنىڭ ئالدىدا شۇنچە يېلىنىپ يالۋۇرغان بولساممۇ يەنىلا ئوقۇيالمىدىم،چۈنكى ئۆز دادام بۇرۇنلا تۈگەپ كەتكەن بولۇپ ئاپام ھازىرقى دادامغا ياتلىق بولغان ئىدى.ئۆگەي دادام مېنىڭ ئوقۇشۇمغا قەتئىي قارشى چىقىپ،ئەگەر مېنى ئوقۇتىمەن دەپ تۇرۇۋالسا ئاجرىشىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.ئۆيدە مەندىن بۆلەك ئانا بىر، دادا باشقا ئىككى كىچىك ئىنىم بار ئىدى،ئاپام مېنى ئوقۇتۇشنى ئويلىسىمۇ،بۇ ئىككىسىنى قارا يىتىم قىلغۇسى كەلمەي ،ماڭا يالۋۇرۇپ دېگەندەك مېنى ئوقۇشتىن ياندۇردى،مەنمۇ ئاز-تولا ئاپامنىڭ دەردىنى چۈشىنەتتىم.ئاپامغىمۇ ئاسان ئەمەس.شۇنداق قىلىپ كىيىم تىكىش دۇككىنىغا شاگىرتقا كىردىم،دۇكاندىكى باشقا تۆت شاگىرتنىڭ يېشى كەم دېگەندىمۇ مەندىن تۆت ياش چوڭ ئىدى،ئادەتتە ئۇلار بىلەن ئىچ -قويۇن، تاش -قويۇن بولۇپ يۈرۈپ كەتمەيتتىم.بۇلارنىڭ ئىچىدە ئادىلە ئىسملىك بىر قىز بار ئىدى،ئۆزى خېلى چىرايلىق بولۇپ ،كۈندە دۇكاندىن يانغاندا بۇ قىزنى ھەر كۈنى دېگۈدەك ئوخشىمايدىغان ئوغۇللار ئىزدەپ كېلەتتى.بىر كۈنى ئىككىمىز خالىي قالغاندا ئۇ ماڭا دىلرابا،سىز مۇھەببەتلىشىپ باققانمۇ دەپ سوراپ قالدى،ياق مەن تېخى كىچىك تۇرسام دەپ جاۋاپ بەرسەم،ئۇ قىز ھەي كىچىكتە سىز،ئەسلى سىزگە دېمەي دېگەنتىم،يەنىلا ئېيتىپ قويغۇم كېلىۋاتىدۇ،مېنىڭ ھېلىقى ئەزىمەت دېگەن ئوغۇل دوستۇمنى تونۇيسىزغۇ؟شۇنىڭ پەرھات ئىسملىك ئاغىنسى سىزنى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ ،سىز بىلەن تونۇشۇپ ئۆتكىسى بار ئىكەن،قانداق تونۇشۇپ قويامسىز؟
گەرچە ئۇ ۋاقىتتا تېخى كىچىك ،مۇھەببەتنىڭ نېمىلىكىنى چۈشەنمىسەممۇ ،لېكىن پەرھات بىلەن تونۇشۇپ باققۇم كەلدى،باشقىلارنىڭ مۇھەببەت توغرسىدىكى گەپ-سۆزلىرىنى ئاڭلىسام بەك ھەۋەس قىلاتتىم،  بىر تۇرۇپ ئۆيدە سۇ ئىچمىگەن كۆڭلۈمگە ئازراق تەسەللىي ئىزدىمەكچى بولدۇم.
   شۇنىڭ بىلەن ئادىلەنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە بىر جاينى دېيىشىپ پەرھات بىلەن كۆرۈشكىلى باردىم،ئۇ بالا خېلى كېلىشكەن،گەپ-سۆزلىرى ئادەمنى كۈلدۈرۈپلا تۇرىدىغان بالا ئىكەن،ئۇيان-بۇياندىن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ قىزىقىپ قالدىم. ئۇنىڭ ئارىلىشىپ كۆرسەك دېگەن گېپىنى رەت قىلمايلا ماقۇل بولۇپتىمەن. شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن مۇھەببەتلىشىپ كۈنلۈرۈم شۇ تەرىقىدە ئۆتۈۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشمەكچى بولۇپ سىرتقا چىقتىم ئۇمۇ مېنى ساقلاۋاتقان بولۇپ ئۇنىڭ بىلەن قىزغىن كۆرۈشۈپ تورتخانىغا كىردۇق. تاماق يەپ پاراڭلىشىپ ئولتۇرغاچ،پەرھات يانچۇقىدىن بىر سېغىزنى  ئېلىپ بېرىۋىدى،ئىككىلەنمەي ئېلىپ چايناپتىمەن،بۇ بالا مېنى بىر نەرسە قىلمايدۇ دەپ ئويلايتتىم،ھەم ئۇ چاغلاردا كىچىكلىكىمدىن بولسام كېرەك،تۈزۈككىنە ئۆزۈمنى قوغداش ئېڭىم يوق ئىدى.كېيىن ئېسىمنى بىلسەم،ئاددىيغىنە بىر ياتاقتا يېتىپتىمەن،ئۇچامدىكى كىيملىرىممۇ كارىۋاتنىڭ يېنىغا تاشلاقلىق تۇرىدۇ،قانچلىك ۋاقىت ئۇخلاپ كەتكىنىمنى بىلمەيمەن،بېشىم شۇنچىلىك ئېغىر،قورسىقىممۇ ئېچىپ كېتىپتۇ.نېمە بولغىنىنى ئاڭقىرالماي تۇرسام،ئىشىك ئېچىلىپ پەرھات كىردى،ئۇنىڭ چىرايىدىكى بۇرۇنقى مېھرىبانلىق،خۇش-چاقچاقلىقتىن قىلچىمۇ ئەسەر يوق ،ماڭا ئالىيىپ بىرنى قارىۋەتكەندىن كېيىن بۇنى يە دەپ بىر قاچا لەڭمەننى پاققىدە ئۈستەل ئۈستىگە قويۇپ چىقىپ كەتتى.كۆڭلۈم بىر شۇملۇقنى تۇيغاندەك بولدى ،بېرىپ ئىشكنى ئاچسام،ئىشىك ئېچىلمىدى،تېشىدىن قۇلۇپلاپ قويۇپتۇ،ۋارقىردىم،يىغلىدىم،چاچلىرىمنى يۇلدۇم،لېكىن ماڭا بىرەرسىدىن ياردەم كېلىدىغاندەك ئەمەس،ئۆلۈۋېلىشنى ئويلىدىم،بىراق بىچارە ئاپام كۆز ئالدىمغا كېلىۋالدى،نېمىلا بولمىسۇن قەيسەرلىك بىلەن ياشاپ باقاي،بۇنىڭدىنمۇ قۇتۇلارمەن دەپ ئويلىدىم،بىراق كىم بىلسۇن،مېنى كۈتىۋاتقىنى بۇنىڭدىنمۇ ئېچىنشلىق تەقدىرنىڭ كۈتۋاتقىنىنى...
ئىشك قوپال ئېچىلىپ،ھېلىقى سېرىق چاچ خەنزۇ ئايال كىردى.
-ۋاقىت توشتى ،چىقىپ كەت،ياكى بولمىسا يەنە بەش يۈز تۆلىسەڭمۇ بولىدۇ.
بۇلارنىڭ قانداق سودا قىلىدىغانلىقنى ئاڭقىرالماي تۇرۇپ قالدىم.لېكىن ئۆزۈمنى تۇتىۋېلىپ سورىدۇم.
-سىلەر قانداق ھىساپلايسىلەر؟
-سائىتى بەش يۈز،پۇلۇڭ بولسا ،پۇل بەر ،بولمىسا چىقىپ كەت.
يانچۇقۇمدىن بەش يۈز كوي پۇلنى چىقىرىپ ئۇ خوتۇنغا سۇندۇم،ئۇ خوتۇن ھىجايغىنچە ياخشى ئويناڭلار دەپ چىقىپ كەتتى.
-ھە،قېنى داۋاملاشتۇرۇڭ،دېدىم مەن دىلراباغا.
-شۇنداق قىلىپ ئۆلۈپ قالماي دېگەنكەنمەن چوقۇم تاماق يېيشىم كىرەكقۇ،ھېلىقى تاماقنى يەپتىمەن،پەرھاتنىڭ بۇنچلىك رەزىل ،قارا نىيەت ئىكەنلىكىنى كىم بىلسۇن...بۇ بىر قاچا لەڭمەن مېنى كەلسە كەلمەس يولغا باشلىغان ئىكەن.شۇ بىر قاچا لەڭمەننى يەپ،پۈتۈن بەدىنىم بوشۇشۇپ،پۇت-قولۇمدا ماغدۇر،گەپ قىلغۇدەك ماجالىم قالمدى.پەرھاتنىڭ مېنى يۆلەشتۈرۈپ پويىزغا چىقىۋاتقىنىنى،ھەتتا پويىز خادىمىغا بۇ مېنىڭ سىڭلىم،داۋالاتقىلى ماڭدۇق دېگەنلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىمەن،يېنىمىزدا بىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتۈپ كېتىۋاتقىنىنى بىلمەنۇ ،گەپ قىلىشقا ،مېنى قۇتقۇزىۋېلىڭلار دېيىشكە قۇربىم يوق...شۇنداق قىلىپ ،پويىزدا نەچچە كۈن ئولتۇرغىنىمنىمۇ بىلمەيمەن،دورىنىڭ تەسىرى يۈتەي دېگەندە بىر جايغا كېلىپ توختىدۇق .بىرەر ئۇيغۇرنىڭ قارىسىنى كۆرمىدىم،ئەتراپىمدا پۈتۈنلەي مۇشۇ خەق...بۇ قېتىم يېنىمدا يالغۇز پەرھاتلا ئەمەس،قىرىق ياشلار چامىسىدىكى بىر ئەرمۇ تۇراتتى.قانداق قىلىمەن؟يا بۇلارنىڭ تىلىنى بىلمىسەم...شۇنداق قىلىپ ۋاقتىنچە يۇۋاشلىقچە ئۇلارغا ئەگشىشنى توغرا تاپتىم،كۆڭلۈمدە بولسا،چوقۇم شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇ،مەن قايتىپ كېتەلەيمەن دەپ ئويلايتتىم.ئۈچىمىز ئاۋال بىر مېھمانخانىغا ئورۇنلاشقاندىن كېيىن،بىر خۇيزۇنىڭ ئاشخانىسىغا تاماق يىگىلى كىردۇق،بۇلار مۇشۇنداق پەس ئىشلارنى قىلىپ يۈرۈپمۇ يەنە تاماق يەيدىغان جاينى بۇنداق تاللاپ كېتىشىنى كۆڭلۈمدە مەسخىرە قىلاتتىم.تاماق يەپ بولۇپ ،ياتاققا قايتىپ كىردۇق.بىردەمدىن كېيىن،قارا كۆزەينەكلىك بىر خەنزۇ ئەر ياتاققا كىردى،بۇ ئۈچەيلەن مېنى ياتاقتا يالغۇز قالدۇرۇپ،چىقىپ كېتىشتى.ئارىدىن خېلى ۋاقىت ئۆتۈپ ئۇلار كىردى،پەرھات يوق ئىدى.ھېلىقى يېشى چوڭراق ئۇيغۇر كىشى سەت ئاۋازدا،ساڭا ئەمدى بۇ قارايدۇ،گېپىنى ئاڭلىساڭ،جىق پۇل تاپالايسەن دەپ قۇۋلۇق بىلەن ھىجايغىنچە چىقىپ كەتتى.بۇ خەنزۇ مېنى ئۇنىڭ بىلەن مېڭىشىمنى ئىشارەت قىلدى،ماڭدىم،چۈنكى بۇرۇن مۇشۇنداق ئىشلار بولغاندا،باشقا يات مىللەتتىن ئەمەس،ئۆزىمىزنىڭ مۇشۇنداق پەس قېرىنداشلىرىمىزدىن قۇتۇلماقنىڭ ئەڭ تەسلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم.نېمىلا بولسا قۇتۇلدۇم بۇ پەسلەردىن،بۇنىڭ تىلىنى بىلمىسەممۇ ،ھامان بۇنىڭدىنمۇ قۇتۇلارمەن دەپ ئويلايتتىم...شۇنداق قىلىپ مەجبۇرىي مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلدىم.يېيشىم مۇشت-تاياق بىلەن تەييار چۆپ.سىرتقا چىقىش مەن ئۈچۈن ئاسمانغا چىققاندىنمۇ تەس ئىش...قانچە ئادەمنىڭ قولدىن قولىغا ئۆتكۈزۈلگەنلىكىممۇ ئۆزۈمگە ئېنىق ئەمەس،مېنىڭ چىرايلىق ياشىغۇم بار ئىدى،شۇڭا قانچىلىك خورلۇق بولسىمۇ چىداپ كەلدىم،ئىگەمنىڭ بىر كۈنى مېنى قۇتقۇزۇشقا بىر باھانە-سەۋەبلەر بىلەن بىرسىنى ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلەتتىم،مانا بۈگۈن ياراتقىچۇمدىن تىلىگەن تىلىكىم ئىجاۋەت بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلۇغ ئاللاھ سىزنى ماڭا ئۇچرىتىپتۇ شۇنداق قىلىپ بۈگۈن سىز كەپسىز،بۇ ئىگەمنىڭ ماڭا قىلغان شەپقىتى.ماڭا قىلغان ياردىمى.ئۈچ يىل قىلغان سەۋر-تاقىتىمنىڭ نەتىجىسى.
      قىزنىڭ بۇ گەپلىرى يالغانمۇ راستمۇ ئىشقىلىپ مېنىڭ كاللاممۇ جايىدا ئەمەس ئىدى.بەلكىم دېگەنلىرى راستۇ،بەلكىم يالغان بولىشىمۇ مۇمكىن،بىراق مەن بۈگۈن ئۇيغۇر بىلەن پاراڭلىشالىدىم ئەمەسمۇ. بۇ مەندەك ئىككى يىل ئۇيغۇر قەدىرىگە زار بولغان يىگىت ئۈچۈن خوشال بولساممۇ بولىدىغان ئىش ھېساپلىناتتى.بىراق قانداقلا بولمىسۇن،
بۇ قىزنىڭ سۆزلىرىگە قاراپ ھەم ھەيران بولدۇم ھەم باياتىن دىگەن چىقىپ كېتەي دېگەن سۆزۈمگە خىجىل بولدۇم.ھايات،نەقەدەر ئۇلۇغ ھە! ھايات كىملەرنى نېمە كويلارغا سالمىغان، يەنە كىملەرگە قانداق ئۈمىدلەرنى بېغشلىمغان، لېكىن قانچىلىك كىشلەر ئۇنىڭ قەدىر-قىممىتىگە يەتكەن، مەيلى تەقدىر ئۇنى ئۆزىنىڭ چاقپىلىكىدە قانداق چۆرگىلەتسۇن،ھاياتقا چەكسىز ئۈمىد ،ئىشەنچ بىلەن قارىغان؟بۇ قىز ھاياتنى بۇنچىلىك سۆيگەنىكەن،بۇنچىلىك ئىشەنگەنىكەن،بۈگۈن مەن بۇ يەردە ياردەم قىلمىساممۇ ،ھامان چىقىپ كېتىدۇ،مەن بىر ئەركەك ھەم ئۇنىڭدىن چوڭ تۇرۇپ ئۇنىڭغا ئىلھام مەدەت بەرمەكتە يوق تېخى كەينىمگە داجىۋاتىمەن......... قىزنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلاپ كۆزلىرىم خىرەلىشىپ بۇرنۇمنىڭ ئۇچى ۋىژژىدە ئېچىشىپ،ئىچىم ئاچچىق بولۇپ قالدى. كاللامدا ھەر تۈرلۈك خىيال. قىزنى ساختا ياخشى كۆرگەن پەرھات ،ئىشنىڭ تېگى-تەكتىنى بىلەمدۇ يوق ئىشقىلىپ ھېلقى ئادىلە، بۇ قىزنى سېتىۋەتكەن يەنە بىر ئۇيغۇر كىشىگە ئاچچىقىم ھەسسىلەپ كېلىۋاتاتتى. مۇنبەردە ئوقۇغان ھەر خىل بۇ توغرۇلۇق يېزىلغان ھېكايىلەر بىر-بىرلەپ كىنو لېنتىسدەك كۆز ئالدىمدىن ئۆتەتتى. بۇ يولدا بىلىپ- بىلمەي مېڭىۋاتقان ئازغۇن قىزلار... بۇلارنى ئويلىغانسىرى كاللام ئېلىشىپ كېتىۋاتاتتى.قىزلارنى ئاغزى-ئاغزىمىزغا تەگمەي تىللايدىكەنمىزيۇ، قىزلار ئۈستىدە ئۇيغۇر قىزلىرىمىز ئۈستىدە ئويلاپ كۆرمەپتىمىز. ئۇلانىڭ مانا ماۋۇ قىزدەك  بولۇپ بۇ يولغا كىرىپ قالغان ،يەنە كېلىپ ئىچكىرىدە،بۇنداق ھېكايىنى مەن ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن. بۇلارنى ئويلىغانسىرى مىللىتىمىزنىڭ ئاتالمىش ئەخلەت يىگىتلىرى نەزىرىمدىن چۈشۈپ قېلىۋاتاتتى،ئۇلارغا نەپرەتلىنىۋاتاتتىم. مىللىتىمىزنىڭ ھۆسنى گۈلخانى بولغان قىزلىرىمىزنى ئالداپ ئۆزىنىڭ پۇل تېپىش دەسمايىسى قىلۋاتقان، ۋىجدانىنى ئىت تالىۋەتكەن ئەرلەرگە لەنەت. ئاچچىقىمدا ھەر نېمىلەرنى جۆيلۈپ سالىمەنغۇ زادى، ئۆزۈمنىمۇ تۇيمىغان ھالدا كۆزلىرىمدىن ياش چىقىپ كېتىپتۇ. يۈرۈكۈم ئاغزىمغا تىقىلىپ بۇرنۇمنىڭ ئۇچى ھە دېسىلا ئېچىشىپ بىئارام قىلىۋاتاتتى. قىز مەندىن سوراپ قالدى. سىز بۇيەردە نېمىش قىلىسىز؟
     مەن  بۇ يەردە كاۋاپ ساتىدىغانلىقىمنى، مەندىن باشقا ئاكام بىلەن يەڭگەممۇ بارلىقىنى، ئەتە يۇرتقا باردىغانلىقىمنى تەپسىلىي ئېيىتىپ بەردىم ھەم قىزنى بۇ يەردىن ئېلىپ چىقىپ كەتمەكچى بولدۇم،لېكىن قانداق ئېلىپ چىقىپ كېتىمەن؟بۇ بۇنداق ئاسان ئىش بولغان بولسا ،بۇ قىزنىڭ مۇشۇ ئىرادسى بىلەن ئاللىقاچان قېچىپ بولالىغان بولاتتى.تۇيۇقسىز كاللامغا بىر خىيال كەلدى.
-سىز تۇرۇپ تۇرۇڭ،سىڭلىم،مەن بىردەمدىن كىيىن كىرىمەن.
چوڭ زالغا چىقىپ ھېلىقى سېرىق چاچنى تاپتىم.ئۇنىڭغا ئۆزۈمنىڭ مۇشۇ شەھەردە كاۋاپچىلىق قىلدىغانلىقىمنى،باشقا نىيتىمنىڭ يوقلىقىنى،بۇ قىزنى سىرتقا ئېچىقىپ تاماق يىگۈزۈپ ئەكىرىپ قويغۇم بارلىقىنى ئېيتتىم.ئادەتتە بۇنداق ئىشلارنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقنى بىلىدىغان بولساممۇ،پەقەت بىر سىناپ بېقىش،بۇلارنى تىڭ-تىڭلاپ بېقىش مەقسىتىم ئىدى.
-ئون مىڭ يۈئەن ياجىڭ قويۇپ ئىككى سائەت چىقىپ كىرسەڭ بولىدۇ.
بۇ گەپكە بىر ئىشنىپ بىر ئىشەنمەي،پۇلنىڭ ئىشىنى ئويلىدىم. يېنىمدا ئۇنچىۋالا جىق پۇل نېمىش قىلسۇن. ئاكامنىڭ كارتىسى مەندە بولغاچقا 10000 يۈەننى ئېلىپلا ئۇ ئايالغا بەردىم. كىرىپ قىزنى چاقىرىپ سىرتقا چىقتۇق. ئۇ مەن كىرگىچە ئۆزىنى خېلى تۈزەشتۈرۈۋالغان بولۇپ،قىز كۆزۈمگە  تولىمۇ  چىرايلىق كۆرۈندى. ئۇنىڭغا بۇيەردە ئۇيغۇر ئاشخانىسى يوق ئىكەنلىكىنى، ماقۇل كۆرسە يېقىن بىر تۇڭگان تونۇشۇمنىڭ بارلىقىنى، تامىقى خېلى يىيىشلىك ئىكەنلىكىنى دەپ ئۇنى شۇ ئاشخانىغا باشلاپ ئەكىردىم.ئۇ بەكلا خۇش بولدى. ئۇنى خوشال قىلالىغىنىم ئۈچۈن شۇنداقلا بۇ تەلەيسىز قىزنى خۇشال قىلالىغىنىمدىن مەنمۇ راستلا خۇش بولدۇم. قىز دەرۋەقە چىرايلىق ئىدى. ئۇ كۈلسە بەكلا چىرايلىق بولۇپ كېتىدىكەن ئەمەسمۇ، كىچىك بالىدەك زىناق پەيدا بولۇپ قالىدىكەن تېخى... مەن يا ئۇيغۇر قىزى كۆرمەي بۇ قىز ماڭا چىرايلىق بىلىنەمدۇ، ياكى بۇ قىز راسلا چىرايلىقمۇ ئىشقىلىپ ئۇنى بەك چىرايلىق دەپ تەرىپلەپ قالغانلىقىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن. ئۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن يەرلەرنى ئايلىنىپ ئانچە قىممەت بولمىسىمۇ بىر قۇر كىيىم ئېلىپ بېرىپ ئۇنى ئاپىرىپ قويدۇم. ئۇنىڭ قەتئىي ئۇيەرگە بارغۇسى يوق. بىراق ئۇ ھەممىنى بىلەتتى. شۇڭا كۆڭلى يېرىم بولدى بولغاي ماڭا شۇنچە گەپ قىلغۇسى بار بىراق تىلى گەپكە كەلمەي قالدى. مەنمۇ ئۇنى سېزىپ قالدىم. مەن سىزنى چوقۇم بۇيەردىن ئەپ چىقىپ كېتىمەن.كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ، مەن يەنە كېلىمەن دەپ ئۇنى بەزلىدىم. بىراق ئۇمۇ سىز ئەتە يۇرتىڭىزغا كېتىدىغان تۇرسىڭىز؟ بىلىمەن سىز مېنى ئالداۋاتىسىز،بىراق سىزگە نېمە دەپ رەھمەت ئېيتىشىمنى بىلمەيمەن، ئىشقىلىپ سىزگە كۆپ رەھمەت. ئىككىمىزنى ئۇلۇغ ئاللاھ ئۇچراشتۇرغان ئوخشايدۇ سىزدەك بىر مىللەتدىشىمنى كۆرەلىگىنىمدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم.ھەم سىز مەن ئۇچراتقان ئۇيغۇر يىگىتلەر ئارىسىدا ئەڭ ياخشىسى، مىللىتىمىزنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ بەزى پەسكەشلىرى بىزدەك ئاجىز قىزلارنى بوزەك ئەتمىگەن بولسا بەلكىم مەنمۇ بۇ كۈنلەرگە قالماس ئىدىم دەپ يىغلاشقا باشلىدى. ئۇنىڭ بۇ يۈرەككە تەگكۈدەك گېپىدىن يۈرۈكۈمگە پىچاق تىققاندەك ئازاپلىنىپ كەتتىم.بىراق ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئۇنى ئېلىپ كېتەلمەيمەن،بۇنداق قاراملىق قىلالمايمەن...شۇنداقتىمۇ  ئۇنىڭغا چوقۇم ئامال قىلىدىغانلىقىمنى دەپ ئۇنى تۇرغان يېرىگە ئاپىرىپ قويدۇم ھېلىقى ئايالمۇ ئىككىلەنمەيلا پۇلنى قولۇمغا بەردى.ئۇ قىزغا قىيالمىساممۇ ئامالسىز قايتىشقا مەجبۇر بولدۇم.بانكىغا بېرىپلا 10000 كوينى جايىغا سېلىۋېتىپ ئۆيگە قايتىپ كەلدىم. ئاكام مەندىن ئەنسىرەپ تۇرغان ئىكەن كىرىشىمگىلا كايىشقا باشلىدى.
- نەلەدە يۈردۈڭ ،سەن ئەتىگەن چىقىپ كەتكەن ئىدىڭغۇ؟!قاراپ باقە، سائەت نەچچە بولدى ئەمدى كەلگىنىڭ نېمىسى ...ئادەمنى شۇنچىۋالامۇ ئەنسىرەتكەن بارمۇ ؟
     ئاكامغا بولغان ئىشنى دېۋىتەيمىكىن دەپ ئاغزىمغا ئۈسۈپ توختاپ قالدىم .چۈنكى مەن بارغان يەر قانداق يەر... ئۇ دېگەن پاھىشخانا. ئاكامغا شۇ يەرگە كىرىپ بىر ئۇيغۇر قىزى بىلەن ئۇچرىشپ قالدىم دېسەم. ھەي بۇ گەپنى قانداقمۇ ئېغىزىمدىن چىقىرالايمەن.ئېغىزىمنىڭ ئۇچىغا كېلىپ قالغان گەپنى يۇتىۋەتتىم. ئاكامغا يالغان ئيتتىم.
-بېلەتتىن پەقەت ئىككىسى قاپتۇ،شۇڭا بېلەت ھايانكەشلىردە بارمىكىن دەپ ئىزدەپ سەل ھايال بوپ قالدىم.
ئاكامنىڭ ئاچچىقى قايتىدىن كەلدى .-نېمە دىدىڭ؟ ئەمسە ئالمىساڭ بولمامدۇ قاچاننىڭ بولسا ئۈچنى بىراق ئېلىپ كەلسەڭ بولمامدۇ !؟ماڭ ،بېرىپ بېلەتنى قايتۇرۇۋەت.
     ئاكامغا يالۋۇرۇپ يۈرۈپ مەن ئىككى كۈندىن كېيىن ماڭىدىغان بولدۇم .ئاكام بىلەن يەڭگەم ئەتە ماڭىدىغان بولدى. بۇنىڭغا ئاكام قەتئىيلا قوشۇلمىغان، بىراق يەڭگەمنىڭ ئاكامغا قايتا-قايتا دېيىشى بىلەن ئاران تەسلىكتە گەپكە كىردى.كەچ كىرىپ مەن بالدۇرلا ياتتىم. بىراق ھېچ بىر ئۇيقۇم كېلىدىغاندەك ئەمەس. مەن زادى قانداق قىلسام ئۇ قىزغا ياردەم قىلالايمەن؟ ئۆزۈمنى ھەقىقى ئۇيغۇر يىگىتى دەپ ياشاپ كەپتىمەن.مانا ئەمدىلىكتە ئۇلۇغ ئاللاھ  مېنى سىناۋاتقان بولسا كېرەك. مەن زادى قانداق قىلسام بۇ سىناقتىن ئۆتەلەيمەن،مەن بىر ئۇيغۇر يىگىتى تۇرۇپ، ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئاشۇنداق تاشلاپ قويسام قانداق بولار،كۈنلەرنىڭ بىردە بۇ ئىشنى قايتا ئويلاپ قالسام ،ئۆز-ئۆزۈمگە يۈز كېلەلەرمەنمۇ ؟
     بەلكىم مۇشۇنداق بىر ئىش سىزنىڭ بېشىڭىزغا كەپ قالسا قانداق قىلىسىز؟ سىز ئۇ قىزنى ئۇنتۇپ يۇرتىڭىزغا كېتىۋىرەمسىز ياكى ئۇقىزنى بۇ مەينەتچىلىكتىن قۇتۇلدۇرۋېلىشنى ئويلامسىز؟ شۇنداق، ئەگەر  بىزنىڭ يۇرتىمىزدا بولغان بولسا ئۇ قىزغا ئىچ ئاغرىتىشىم قەتئىي مۇمكىن ئەمەس ئىدى. چۈنكى مەنمۇ جېنىمنى ئاران قامداۋاتقان بىر بەندە تۇرسام. يۇرتىمىزدا قولىدىن ئىش كېلىدىغان ئىختىساسلىق نۇرغۇن مۆتىۋەر كىشىلىرىمىز تۇرغان يەردە مەن نېمە قىلاتتىم بېشىمنى ئاغىرتىپ...  بىراق بۇ جاي يۇرتىمىز ئەمەس.ئۇ قىزغا مەن ياردەم قىلمىسام باشقا بىرى چىقىپ ياردەم قىلىشى ناتايىن. تولا ئويلاپ خىياللىرىم گادىرماچ، كاللامغا ھىچنىمە چۈشمەي قانداق چاغدا ئۇخلاپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن، كۆزۈمنى ئاچسام تاڭ خېلىلا يورۇپ كېتىپتۇ. يەڭگەم تاماق يەڭ دېمىگەن بولسا قاچانغىچە ئۇخلايتىمكىن تاڭ.ئورنۇمدىن تۇرۇپ، يۈزۈمنى يۇيۇپ تاماقنى ئاكاملاربىلەن بىللە يەپ ۋوگىزالغا ماڭدۇق.ئۇزۇن ساقلىمايلا پويىزغا چىقىدىغان ۋاقىت كەلدى. ئاكامنىڭ ئاچچىقى كۆزىدىن بىلىنىپ تۇراتتى. ئاكامنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن،ئاكا ،خاتىرجەم مېڭىۋېرىڭلار، مەن سىلەرنىڭ كەينىڭلاردىنلا بارىمەن ئەنسىرىمەڭلار دەپ ئۇلارنى ئالداپ قويدۇم. ئاكاملارنى مىڭ بىر تەستلىكتە يولغا سېلىۋېتىپ ،ئۆزۈمنىڭ بېلىتىنى ياندۇرىۋەتتىم 30 كوي تۇتۇپ قېلىپ ئاشقان پۇلۇمنى تولۇق قايتۇرۇپ بەردى. بېلەتنى ياندۇرىۋېتىپ كۆزلىرىمگە ياش كەپ كەتتى. مەن بۇ نەس باشقان شەھەردە ئىككى يىل تۇردۇم، ئەمدى ئاران يۇرتۇمنى كۆرەرمەن دېسەم ماۋۇ ئىشنىڭ بېشىمغا كەلگىنىنى. نېمانداق تەلەيسىز ئادەم مەن ؟بۇلتۇرمۇ بارالمىغان ئىدىم ،بۇ يىلمۇ بارالماي قالغانلىقىمدىن تولىمۇ كۆڭلۈم يېرىم بولدى. ئىشقىلىپ ئاكامغا يالغان گەپ قىلغىنىم بىلەن، پۈتكۈل ئەسلى ھوشۇم يەنىلا ئانا يۇرتۇمدا ئىدى.
     بىچارە ئاپام مېنىڭ بارمىغىنىمدىن چوقۇم كۆڭلى يېرىم بولىدىغان بولدى.
    بۇلارنى تولا ئويلاپ كۆڭلۈمنى يېرىم قىلماي بولدى. ياشلىرىمنى سۈرتىۋېتىپ ئۇدۇللا تاكسىغا چىقىم ھېلىقى جايغا باردىم. ھېلىقى سېرىق چاچ ئايال مېنى كۆرۈپلا ھىجىيىپ نەچچە سائەت دەپ سورىدى. مەندە ئۇ قىز بىلەن سائىتىگە 500 يۈئەندىن پاراڭلىشىپ چىقىدىغانغا نەدىمۇ ئۇنچىك كۆپ پۇل بولسۇن. سەل تۆۋەنرەك قىلىپ بېرىشىنى ئېيتتىم. بۇمۇ ۋاقىتلىق ئىدى، پۇرسەت بولسا، بىرەر ئامال- چارە تېپىپ ئۇنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشنى ئويلايتىتم. ئۇمۇ خېلى ئىنساپ قىلىپ قالدىمۇ بىلمەيمەن. دائىم كېلىپ تۇراسەن دەپ 400 يۈئەن بەر دېدى. مەنمۇ ئىككىلەنمەيلا پۇلنى بېرىپ ئۇنىڭ تۇرىدىغان ياتىقىغا ماڭدىم. ئىشىكنى چېكىپ تۇرۇشۇمغا خەنزۇچە  كىمۇ دېگەن ئاۋاز چىقتى .مەن ئۇيغۇرچە ، بۇ مەن، ئىبىرايىم دەپ جاۋاپ بېرىشىمگىلا ئىشىك ئېچىلىپ قولۇمدىن تارتقىنىچە ياتاققا ئەكىردى. ئۇنىڭ چىرايىدىن بىر خىل خۇشاللىق جېلۋىلىنىپ تۇراتتى. سىز كەتمىدىڭىزما ؟ دەپ سورىدى ئۇ ھەيرانلىق بىلەن.
-ياق ئاكام بىلەن يەڭگەم كەتتى. بېلەتتىن پەقەت ئىككىسىلا قاپتۇ، مەن كەينىڭلاردىن باراي دەپ قېپقالدىم.ئۇ راسلا ھەيران قالغان ئىدى. ھەي دېدى ئۇ؟
-ھە ؟!
-يۈزۈمنى چىمداپ بېقىڭە، بۇ چۈشۈممۇ ئۇڭۇممۇ ھېچ ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ. ئۇنىڭ بۇ ئوماقلىقىدىن كۈلگۈم كەپ كەتتى. بۇ راستلا چۈشىڭىز ئەمەس، مەن سىزنى چوقۇم بۇ يەردىن ئېلىپ چىقىپ كېتىمەن ماڭا ئىشىنىڭ دېدىم قەتئيلىك بىلەن. ئۇ بۇ گېپىمدىن مەمنۇن بولدى بولغاي مېنى مەھكەم قۇچاقلىۋالدى، ئۇنى مەنمۇ شۇنچە قۇچاقلىغۇم كەلگەن بولسىمۇ يەنىلا كۆڭلۈم كۆتۈرمىگەندەك تۇيغىغا كېلىپ ئۇنداق قىلالمىدىم، بىراق ئۇنى رەت قىلالمىدىم.بەلكىم ئۇنىڭغىمۇ مىللىتىنىڭ قەدىرى ئۆتۈلگەن بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلاپ  ئۇنىڭ قۇچاقلىۋېلىشىنى بەك ئارتۇقمۇ ئويلاپ كەتمىدىم. ئەمدى ئۇنىڭ بىلەن قانداق قىلغاندا ئۇنى بۇيەردىن ئېلىپ چىقىپ كېتەلەيدىغىنىم توغرىسىدا پاراڭلاشتىم. بولمىسا بىر سائىتى 400 يۈەن تۇرسا، مېنىڭ قانداقمۇ بىرنەچچە سائەتكە قۇربىم يەتسۇن؟ شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن قېچىپ كېتىش قارارىغا كەلدۇق. بىراق ئۇنى قانداق سىرتقا ئېلىپ چىقىشىم كېرەك؟ تۆنۈگۈنغۇ ئاكامنىڭ پۇلى بىلەن سىرتقا ئەپ چىقالىغان ئىدىم. بىراق بۈگۈن مەندە ئۇنچىلىك پۇل يوق تۇرسا كاللام قېتىپ كېتىپ باراتتى.ئۇيان ئويلاپ بۇيان ئويلاپ ھېلىقى ئايالدىن گەپ ئېلىپ باقماقچى بولدۇم.زالغا چىقىپ ئۇنىڭغا گېپىم بارلىقىنى ئېيتتىم. ئۇمۇ ماقۇل بولۇپ ماڭا بۇرۇلدى. مەن دۇدۇقلاپ تۇرۇپ ئۇ قىزنى قانداق قىلسام ئېلىپ چىقىپ كېتەلەيدىغانلىقمنى سورىدىم. ئۇنىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ يوغىناپ كەتتى. مەن يەنە سالماقلىق بىلەن ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنى بەك كۆرگۈسى كەپتۇ، شۇڭا ئۇنى قانداق قىلسام ئاتا -ئانىسىغا كۆرسىتەلەيمەن دەپ ئۇنىڭغا قاراپ تۇردۇم. خەنزۇ ئايال ماڭا ئالايغىنىچە، ئۇنى ئەپ كېتىمەن دەپ ئاۋارە بولما، بىز ئۇنىڭ دادىسىدىن ئون يىللىق سېتىۋالغان، قايسى كۈنى سەن سىرتقا ئەپ چىقاي دېدىڭ، مەن سىنىڭ دۇكىنىڭغا بېرىپ كاۋىپىڭنى يەپ باققان،سېنى تونىغاچقا ياجىڭ ئېلىپ سىرتقا چىققىلى قويدۇم. ئەمدىلىكتە بۇنى ئېلىپ كېتىمەن دەپ كەلگەن بولساڭ، بۇ يەرگە ئەمدى ئاياق باسما دەپ گەپنى ئۈزدى.
قارىغاندا باشقىچە ئامال قىلمىسام بولمايدىغاندەك تۇراتتى. قىزنىڭ يېنىغا كىرىپ بولغان ئەھۋالنى دېدىم. قىزنىڭ كۆڭلى يەنە بىر قېتىم ئېغىر ئازار يىدى بولغاي، دېمىسىمۇ ھېچىنمدىن ھېچنىمە يوق ئىسمىنىمۇ بىلمەيدىغان بىرسى  بۇ قىزنى ئۆزۈمنىڭ قىزى دەپ سېتىۋەتكىنىنى ئويلىسام مېنىڭمۇ ئاچچىقىمدا يۈرۈكۈم يېرىلاي دەپ قالغان ئىدى. بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئوبرازىنى نېمانداق يەرگە ئۇرىدىغاندۇ؟ ھەي ...مۇشۇ خەقلەرمۇ بەلكىم ئۇيغۇر دېگەن قانداق خەق دېسە، ئۆز قىزىنى پاھىشخانىلارغا سېتىپ خەجلەيدىغان خەق دەپ قالماسمۇ؟! مۇشۇنداق ئىشقا كەلگەندە يۈرۈكۈم تېنىمغا پاتماي ھازىرلا تېشىپ چىقىدىغاندەك قاتتىق سوقۇپ كېتەتتى. بولدىلا!!!  ئاشۇنداق كىشىلەرنىڭمۇ كۆرىدىغان كۈنى باردۇ دەپ شۇنداقلارنىڭ قىلمىشىغا كۆڭلۈمدە لەنەت ئوقۇدۇم. ۋاقتىممۇ جىق قالمىغان ئىدى يەنە ئازراقلا تۇرسام يەنە 400 يۈئەن سېلىپ بېرىشىم كېرەك ئىدى. مەن بىرەر ئامال تېپىپ قايتا كېلىدىغانلىقىمنى ئېيتىپ، ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشماقچى بولدۇم. ئۇنىڭغا مەن ئەمسە قايتاي ،ئەتە يەنە كېلىمەن دەپ مېڭىشقا تەمشىلىۋىدىم، قىز يۈگىرەپ كېلىپ قولۇمنى چىڭڭىدە تۇتۇپ، تىزلانغىنچە مېنى بۇيەردىن ئېلىپ چىقىپ كېتىڭ دەپ يالۋۇرۇشقا باشلىدى. قىزنىڭ بۇ گېپىدىن شۇنداق ئازاپلىنىپ كەتتىم ئىچىمنى بىر نەرسە تاتىلىغاندەك،يۈرۈكۈمگە پىچاق تىقىپ سۇغۇرۋالغاندەك ئاغرىپ كېتىۋاتاتتى ،سەللا ئۆزۈمنى قويۇۋەتسەم،كۆزۈمدىن ياش چىقىپ كېتەتتى. قىزنىڭ بۇ ھالىتى ئىنتايىن ئېچىنىشلىق ئىدى.ئاھ،خۇدا،بۇ ئاجىز بەندەڭگە نېمە كۈن بۇ ئەمدى؟بىز ئۇيغۇرلاردا توي قىلسمۇ تېزلانمايدىغۇ؟ بۇ قىزىڭمۇ باشقا نۇرغۇن بەختلىك قىزلاردەك ياشاشقا ھوقۇقى بارئىدىغۇ؟بۇ قىزمۇ شۇلاردەك پاك ياشاپ،ھاياتتىن بەھىرلىنىشكە ھوقۇقلۇق ئىدىغۇ؟ ئادەملەر نېمىدىگەن رەزىل! ئۆز كۆڭلىنى خۇش قىلىش ئۈچۈن،ئاجىز بىر قىزنىڭ بارلىق ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قىلشقا قانداقمۇ ۋىجدانى يول قويغاندۇ؟ ئۇلار ۋىجدان سورىقى ئالدىدا قانداق جاۋاپ بىردىغاندۇ؟
قىزغا قاراپ چوقۇم شۇنداق قىلىمەن.ماڭا ئىشىنىڭ دەپ ئۇنىڭ يېنىدىن قايتىپ چىقتىم.ئىشىكتىن چىقتىميۇ ،كۆزۈمدىن بىر تامچە ياش چىقىپ كەتتى،بىلىمەن، گىپىم يالغان. مەن قانداقمۇ ئۇنى ئېلىپ كېتەلەيمەن؟مەنمۇ بۇ شەھەردە بىر مۇساپىر،ھازىر بىر ئۆزۈمدىن باشقا ھىچقانداق بىر يۆلەنچۈگۈم يوق،بۇنداق بىر قارا گورۇھنىڭ ئالدىدا مېنىڭ بىر تال چىۋىنچىلىكمۇ ھەيۋەم يوق تۇرسا،مۇشۇ ھالىمغا بۇ قىزنى بۆرە ئېغىزىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىپ كېتەلەمدىم؟بۇ مۇمكىنمۇ؟ بۇلانى ئويلىساملا كاللامغا ھىچنىمە كىرمەيتتى.
     ئويلا ،ئويلا بىرسى يادىمغا يېتىپ قالدى.بىزنىڭ دۇكانغا داۋاملىق كاۋاپ يەيدىغان بىر قارا گوروھنىڭ باشلىقى بولىدىغان، ئۇنىڭ بىلەن خېلىلا يېقىن ئىدىم .ئۇ مېنى داۋاملىق سەن ھىندىستانلىققا ئوخشايسەن،سېنىڭ كۆزۈڭ بەك چىرايلىق، سېنى ئىنىم دەپ چاقىراي، قانداق ئىشىڭ بولسا مېنى ئىزدە دەپ، بىر ۋاقىتلاردا قالدۇرۇپ كەتكەن ئىسىم كارتوچكىسىنى كارۋىتىمنىڭ ئاستىدىن تېپىۋالدىم.بىر چاغدا كاۋاپنىڭ بازىرى شۇنداق ياخشى بولۇۋاتقان بىر كۈنى  شەھەر قۇرۇلۇش ئىدارىسىنىڭ ئادەملىرى كەپ قالدى. كاۋاپتىنىمنىمۇ تېپىپ ئۆرۈپ ماشىنىسىغا بېسىپ بولغاندا ھېلىقى قارا گورۇھنىڭ باشلىقى دۇكاندا بار ئىدى ئۇ جوزىدا كاۋاپ يەپ ئولتۇرغان بولۇپ، مېنىڭ كاۋاپدىنىمنى ئېلىپ ماڭغاننى كۆرۈپ،ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ  بۇ مېنىڭ ئىنىم كاۋاپداننى قايتۇرۇپ بېرىڭلار دەپ ماشىنىسىغا بېسىپ بولغان كاۋاپداننى قايتۇرۇپ بەرگەن ئىدى. بۇلارنىڭ ئىدارىسىغا ئاپىرىۋالغان نەرسىنى قايتۇرۇپ ئەكەلگىلى بولمايتتى. شۇ ۋاقىتتا ئۇ ماڭا قانداق ھاجىتى چۈشسە ئىزدىشىمنى ئېيتقان ئىدى. ئەمدىلىككە كەلگەندە  بۇ كاتىباشتىن بۇ توغرۇلۇق مەسلىھەت ئېلىپ بېقىش قارارىغا كەلدىم. ئۇنىڭغا تېلېفون قىلدىم، ئۇنىڭغا مەن شىنجاڭلىق كاۋاپچى ئىكەنلىكىمنى ئېيتتم، ئۇ بەكلا خوش بولۇپ ئالدىمغا كېلىدىغان بولدى.ئۇزۇن ئۆتمەن قارا رەڭلىك تويوتا ماركىلىق ماشىنا يېنىمغا كېلىپ توختىدى.ئۇنىڭ بىلەن خېلى قىزغىن كۆرۈشكەندىن كېيىن مېنى ماشىنىغا چىقىشىمنى ئيتتى. بۈگۈن مەن سېنى مېھمان قىلىمەن دەپ چىڭلا تۇرۇۋالدى. ئۇنىڭدىن بىر تۇرۇپ قورقۇپمۇ قالدىم.
     چۈنكى ئۇنىڭ بەستلىك يوغان گەۋدىسى، ئادەملىرىنىڭ كۆپلىكىچۇ تېخى، كىشنى ئەندىشىگە سالاتتى. ئۇنى مۇھىم ئىش توغرۇلۇق ئىزدەپ كەلگىنىمنى ئېيتتىم. ئۇ نېمە ئىش بولسا دەۋەرگىن مەن ساڭا قولۇمدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىمەن دەپ مەيدىسگە ھە دەپ ئۇرۇپ سۆزلەۋاتاتتى. مەن ئۇنىڭغا بولغان ھەممە ئىشلارنى دېدىم. بىر ئۇيغۇر قىزنى مەلۇم بىر پاھىشەخانىغا باشقىلا سېتىۋەتكەنلىكىنى، بىر ئامال قىلىپ مۇشۇ قىزنى ياندۇرۇپ ئېلىپ چىقىش ئىشىدا ياردەم سورايدىغانلىقىمنى دېدىم.قەدىرلىك ئوقۇرمەنلىرىم بەلكىم سىز كۆڭلىڭىزدە مېنى باشقىلارغا قىزنىڭ چاۋىسنى چىتقا يايدى دەپ ئويلىغانسىز.بىراق مەن ئامالسىز. مېنىڭ بۇيەردە ماڭا ياردەم قولىنى سۇنالايدىغان ئۇيغۇر تونۇشۇم يوق. ئاشۇ قىزنى قانداقلا بولمىسۇن ئېلىپ چىقىپلا كېتەلىسەم بۇنىڭ ئۆزى مەن ئۈچۈن ئەڭ چوڭ غەلبە ،باشقا ھېچقانداق ئىشنى ئويلىغۇم يوق.  ئۇ بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ دەرھاللا  قوشۇلدى. ئۇنىڭ ئادەملىرى بىلەن ئۇنى باشلاپ ئاپاردىم. ئۇ كاتتىباش بۇيەرگە كېلىپلا، ئاپلا، بۇ يەرنىڭ ئارقا تىرىكى بەك كۈچلۈك خەق ئىدى. ئەگەر مەن بۇ ئىشقا قول تىقىپلا قالسام بەلكىم ئۇ قىز قېتىلىپ مېنىڭمۇ ھاياتىمغا خەۋىپ يېتىدىغانلىقىنى، بۇيەرنى ئاچقان كىشى بۇ يەرنىڭ ئەڭ چوڭ قارا گورۇھىنىڭ باشلىقىنىڭ ئىنىسى بولۇپ، تەسىر دائىرىسى كەڭ ،ئەگەر ئىش چىقىپ قالسا ھەتتا ئۇ ئەمەس ھەتتا ساقچىلارمۇ ئارا تۇرمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. توۋا بۇيەردە ئىككى يىل تۇرۇپتىمەن،بىراق بۇنداق گەپنى تۇنجى قېتىم ئاڭلاۋاتقان ئىدىم. بۇ شياڭگاڭ فىلىملىرىدىكى قورقۇنۇشلۇق چانىشىش كۆز ئالدىمغا نامايەن بولۇپ، تىنىم شۈركۈنۈپ كەتتى. خۇدايىم ساقلىسۇن ئۇ كۈنلەردىن! ئەگەر راستلا شۇنداق ئىش چىقىپ قالسا بىزنىڭ تىرىك قېلىشىمىزمۇ مۇمكىن ئەمەس بەلكىم.كاتتىباش مەسلىھەت بىلەن ئىش قىلايلى، بۈگۈن قايتىپ كېتەيلى دېدى. مەنمۇ قوشۇلدۇم. ئۇنىڭ مېھمان قىلىمەن دەپ تۇرۇۋالغىنغا كۆڭلۈمنىڭ يېرىم بولغانلىقىدىنمىكىن ئىشقىلىپ بىر ئاماللارنى قىلىپ ھەدەپ بارماسلىققا سەۋەپ ئىزدىدىم. ئۇمۇ كۆڭلۈمنى چۈشەندى بولغاي ئۆيگە ئەكىلىپ قويۇپ ئەتە كۆرۈشەيلى دەپ  قايتىپ كەتتى.  ئۆيۈمگە كىرىپ كارۋاتقا تاشلانغىنىمچە ئۇيقىغا كېتىپتىمەن. ئەتىسى سەھەردىلا قىزنى يوقلاش ئۈچۈن يەنە شۇ نەس باسقان يەرگە باردىم.مەندە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن نۇرغۇن پۇل بولمىسا بولمايتتى.بىراق مەندە ئۇنچىۋالا جىق پۇل نېمىش قىلسۇن... كاللامنى ئىشلىتىپ خۇيزۇنىڭ تاماقخانىسىدىن قىزغا ئاتاپ تاماق ئالدىم. ئۇ يەرگە كىرىشىمگىلا پۇل تۆلىشىمنى ئېيتتى. بۈگۈن ۋاقتىم يوقلۇقىنى ،ئۇنىڭغا بەرگەن  ۋەدەم بويىچە تاماق ئەكەلگىنىمنى ئېيتتىم. ئۇ بىر تۇرۇپ قوشۇلغۇسى كەلمەي،يا قىزغا ئىچى ئاغرىپ قالدىمۇ ئەيتاۋۇر ماقۇل بولدى. دېمىسىمۇ بىچارە قىز كۈندە قاچىلىق تاييار چۆپتىن باشقا بىر نەرسە يېيەلمەيدىكەن ئەمەسمۇ.قىزغا تاماق ئەكىلىپ بەرگەننى باھانە قىلىپ ئۇنىڭ ياتىقىغا كىردىم. ئۇ مېنى كۆرۈپ خۇشاللىقىدا يىغلىۋەتكىلى تاسلا قالدى.ئۇنىڭغا تاماقنى بېرىپ ئىسسىقىدا يەۋېلىشىنى ئېيتتىم ئۇ كىچىك بالىدەك خۇش بولۇپ بەك ئوخشاپتۇ دەپ ئىشتىھا بىلەن يېيىشكە باشلىدى.كۆزلۈرۈم قىزنىڭ خۇشاللىقىدىن مەمنۇن بولسا، قەلبىم قىزنى بۇ يەردىن قانداق ئېلىپ چىقىپ كېتىش ئۈستىدە قايمۇقۇپ قېلىۋاتاتتى. مەنمۇ بەك ئۇزۇن تۇرالمايتىم ئەلۋەتتە،ئەمسە مەنمۇ چىقاي خاتىرجەم بولۇڭ مەن سىزنى چوقۇم ئېلىپ كېتىمەن دەپ قويۇپ كەتمەكچى بولدۇم.قىزبىلەن شۇنداق ھالمۇڭ بولغۇم بولسىمۇ بىراق ئۇنداق كېتىۋېرىشكە قۇربىم يەتمەيتتى. ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ سىرتقا چىقتىم. كاللام بىر قۇرۇق قاپاقنىڭ ئۆزىلا ئىدى. شۇ تاپتا بۇ شەھەردە بىر مىنۇتمۇ تۇرغۇم يوق. شۇنداق قىلىپ يەنە بىر كۈن ئۆتۈپ كەتتى. تېلېفونۇمنىڭ قاتتىق سايرىشىدىن چۆچۈپ ئويغاندىم. تېلېفون ئاكامدىن كەلگەن ئىدى. تېلېفوننى تېزلا ئالدىم .ئاكام ۋارقىرغىنىچە،
-ماڭدىڭمۇ بىلەت بارمىكەن؟ ئاپامنىڭ كۆڭلى بەك يېرىم بولۇپ قالدى، چاپسان يېنىپ كەل دەپ ۋارقىراپلا كەتتى. ئاكامغا نېمە دىيشىمنى بىلەلمەي. بولىدۇ بۈگۈن بېرىپ باقاي دەپ ئاپام بىلەن بىردەم پاراڭلىشىپ ئۇرۇق- تۇققانلارنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ تېلېفوننى قويدۇم.سىرتقا چىقىپ خۇيزۇ ئاشخانىسىغا كىرىپ ناشتا قىلېۋېتىپ كاللامغا ئۇشتۇمتۇت بىر ئەقىل كېچىپ قالدى. بىراق بۇ ئەقىل بەك قورقۇنچلىق ئىدى ئەگەر تۇتۇلۇپلا قالساق بولدى، مېنىڭمۇ يۇرتۇمغا قايتىشىمدىن سۆز ئېچىشمۇ قۇرۇق خىيال ئىدى.
     ئۇ قىزنى ھېلىقى ئايال 10000 سوم ياجىڭ قويسام سىرتقا چىققىلى ئۇنغان ئەمەسمىدى. ئازراق پۇلنىڭ ئامالىنى قىلسام شۇ پۇلنى ياجىڭ قويۇپ ئۇ قىزنى تاكسى توسۇپ باشقا بىر شەھەرگە ئەكىتىۋالسام قانداق بولار؟ ئاندىن كېيىن قالغىنىنى خۇدايىم بىر يولغا باشلاپمۇ قالار دېگەنلەرنى ئويلاپ پۇلنىڭ ئامالىنى قىلىشقا ئاتلاندىم. بۇيەردە ئۇنچىۋالا جىق پۇلنى قانداق ھەل قىلسام بولار يەنىلا كاۋاپ سېتىشىم كېرەك. ئەتىسى ئورنۇمدىن تۇرۇپلا قاسساپنىڭ يېنىغا بېرىپ گۆشنى نېسى ئەكەلدىم. توغراپ ئۆتكۈزۈپ بازارغا چىقىشىمغا كاۋاپ يىمىگىلى خېلى بولغان خېرىدارلىرىم بەس-بەستە كېلىپ كاۋاپ بىر دەمدىلا تۈگەپ كەتتى. ئەتىسى يەنە قاساپقا يەڭگەم دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغان، پۇلۇڭنى بېرىۋېتىمەن دەپ قويۇپ يەنە نېسىگە گۆش ئالدىم.  بىز داۋاملىق مۇشۇ قاسساپتىن گۆش ئالغاچقا ئۇمۇ بىزگە بەكلا ئىشنەتتى.ئاكامدىن تېلېفون كەلسە كاۋاپ سېتىۋاتقىنىمنى دېسەم ئاكامنىڭ ئاچچىقى بەك كەلدى بولغاي چالۋاقاپلا كەتتى. بازار بەك ،ياخشى بىر مەزگىل بازار قىلىپ باردىغىنىمنى دەپلا تېلېفوننى قويدۇم. ئاكامغا مۇشۇ كەمگۈچە يالغان ئېيتىپ باقمىغان ئىدىم. بىراق يالغان ئېيتماي ئامال بولمىدى. شۇنداق قىلىپ كاۋاپچىلقنى يەنە باشتىن باشلاپ كەتتىم. بۇرۇن 10 كويلۇقتىن ئاز كاۋاپ ساتمايتتىم. ئەمدى بولسا قانچە جىق ساتسام شۇنچە تېز پۇل تېپىشنى ئويلاپ بىرنەچچە يۈەنلىك دېسىمۇ سېتىۋېرىدىغان بولدۇم . قىزنى يوقلاپ تۇرۇپ مەقسىتىمنى ئېيتتىم. ئۇمۇ  جاننى ئالقانغا ئېلىپ قويغان بولۇپ. قىلغان ياخشىلىقىمغا ھەسسىلەپ جاۋاپ  قايتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. كۈنلىرىم شۇ تەرىقىدە كاۋاپ سېتىپ قىزنى يوقلاش بىلەن ئۆتۈپ كەتتى. بىراق پۇل ھېچ بىر كۆپەيگەندەك ئەمەس .. ئەمدى ئۆيدىكى نەرسە كېرەكلەرنى سېتىۋىتىشنى قارار قىلدىم. ئاۋال ئۆيدىكى پۇلغا يارايدىغانلا نەرسىنىڭ ھەممىسىنى ساتتىم. كاۋاپدان،بىڭگۇي ئۆينىمۇ قايتۇرۇۋەتتىم. بۇلارنى ئاكام بىلىپ قالىدىغان بولسا قانچە ئاچچىقى كېلىپ كېتەر ھە؟ بولدى، ئۇلارنى ئويلىمايمەن، ئەگەر بۇيەردىن ئۇ قىزنى ئېلىپ كەتسەم، بۇ يەرگە قايتا كېلىپ كاۋاپ سېتىشدىن سۆز ئېچىشمۇ مۇمكىن ئەمەس . ۋاي-ۋۇي كاللامنى ئاغرىتمايچۇ، بولدى ۋاقتى كەلگەندە ھەممىنى ئاكامغا دەيمەن. شۇنداق قىلىپ ئۆينىمۇ، ئۆي سايمانلىرى كاۋاپ سايمانلىرىدىن تارتىپ ھەممىنى سېتىپ تۈگەتتىم. پۇلنىڭ ھەممىسىنى سانىدىم 9200 يۈەن بوپتۇ. قالغىنىنى قەرز ئېلىشقا نىيەت قىلدىمدە كۆڭلۈم يېقىن كىشلەرنىڭ ھەممسىدىن قەرىز ئالدىم. مۇشۇ خەقنىڭ بەزى يەرلىرى ئادەمنى راستلا تەسىرلەندۈرۈپ قويىدۇ جۇمۇ...  مېنى شىنجاڭلىق كېلىپ كېتەر دېمەستىن تاپقاندا قايتۇرۇپ بەر دەپ بېرىپ تۇردى. بۇلارنى ئالدىغۇم كەلمىسىمۇ ئامالسىزلىقتىن كۆزۈمنى چىڭ يۇمۇپ ئىچىمدە  مېنى كەچۈرۋېتىڭلار دەپ ئۈنسىز ئەپۇ سوراپ قوياتتىم. ھەش -پەش دېگۈچە بىر ئاي ئۆتۈپ كەتتى.پۇلنى ساناپ باقتىم ،قەرز ئالغان  پۇلنىڭ ھەممىسى قوشۇلۇپ 16000 يۈەن بولغان ئىدى. پۇلنى يانچۇقۇمغا سالدىمدە ئۇدۇل قىزنىڭ يېنىغا باردىم. ھېلىقى ئايالغا 400 يۈەننى بېرىپ،قىزنىڭ يېنىغا كىردىم. قىز بىلەن ئاللىبۇرۇن پۈتۈشۈپ قويغان بولغاچقا تاماق يەپ ئايلاندۇرۇپ ئەكىلىپ قويىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم. ئۇ ئايالمۇ ھىجىيىپ تۇرۇپ ئۆتكەنكىدەك ياجىڭ قويۇپ ئاپىرىپ كېلىشىمنى ئېيتتى. يانچۇقۇمدىن  10000 يۈئەننى ئايرىپ ئۇنىڭغا بەردىم. ئۇمۇ ئىككىلەنمەيلا بالدۇرراق ئەكىلىپ قوي، ھە،راست، ئەمدى كېلەشىڭدە كاۋىپىڭدىن ئالغاچ كەلگىن دەپ گەپنىڭ كەينىگە ئۇلاپ قويدى. ئۇنىڭغا يالغاندىن كۈلۈپ بولىدۇ بۇدا جىق ئالغاچ كېلەي دەپ قويۇپ يولىمىزغا ماڭدۇق.ئىچىمدە ماڭەۋا ،ساڭا كاۋاپ ئەكەپ بېرىدىغانغا كاللام ئىشىپ قالمىدى مېنىڭ دەپ ئۇنى قارغايتتىم. سىرتقا چىقىپلا تاكسىغا چىقتۇق. شوپۇرغا قايسى شەھەر يېقىن بولسا شۇ شەھەرگە ئاپىرىپ قويۇشنى ئېيتتىم. 500 كوي بېرىشىمنى ئېيتىپ بىر سائەت ئىچىدە بىر شەھەرگە ئەكەپ قويدى. ئىچىمنى يەنە بىرخىل قورقۇنۇش قاپلىۋالغاندەكلا، باشقىلار ئۈنلۈك گەپ قىلسىمۇ چۆچۈپ تۇراتتىم. قىزغا قارسام  قىز مەندىنمۇ  بەكرەك قورقۇمسىراپ تۇراتتى. ماشىنىدىن چۈشۈپلا يەنە باشقا شەھەرگە كېتىشنى قارار قىلدۇق. بىر ماشىنىنى توسۇپ لەنجۇغا بارىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم .ئۇ يەردىكى شوپۇرلار نەگە بارغۇسى كەلسە بېرىۋىرەمدىكىن تاڭ، 5000 كوي بەرسەم ئاپىرىپ قويىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ شەھەر لەنجۇغا قانچىلىك كېلىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيتىم، ئىشقىلىپ قانچە تېز كېتەلىسەم شۇنچە ياخشى ئىدى. شوپۇر بىلەن تالىشىپ يۈرۈپ 3800 يۈەنگە ئاپىرىدىغان بولدى.قورققىنىمىزدىن تاماق يەۋېلىش ياكى يەيدىغانغا بىر نەرسە ئېلىۋېلىشمۇ ئېسىمىزدە يوق. كىچىك ماشىنىدا كېتىپ بارىمىز. يەيدىغان نەرسە ئېلىۋالمىغاچقا قاچىلىق تەييار چۆپ يىيشتىن باشقا ئامال بولمىدى. بىر يېرىم كۈن يول بېسىپ ئاران تەستلىكتە لەنجۇغا كەلدۇق.شوپۇرغا مىڭلىغان رەخمەتلەرنى ئېيتىپ ۋوگزالغا كەلدۇق، بۇيەردىنمۇ تېزراق كەتمىسەك كەينىمىزدىن ئىز بېسىپ كېلىدىغاندەكلا بىرخىل سۈر بېسىپ قورقۇنۇچ چىرمىۋالغان ئىدى. يېنىمدىمۇ جىق پۇل قالمىغان ئىدى. كىرىپلا ئۈرۈمچىنىڭ بېلىتىدىن ئىككىنى ئالدىم. شۇكۈنى كەچتىلا پويىز ماڭىدىغان بولۇپ قىز بىلەن ئىككىمىز خوشاللىقىمىزدىن كۆزلىرىمىزدىن ياش چىقىپ كەتتى.مەنمۇ ئىنتايىن خۇشال بولغان ئىدىم. شۇنچە قۇربانلىقلارنى بەردىم، نۇرغۇن كىشىلەرنى ئالدىدىم.ماڭا ئىشەنگەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئالدىغان ئىدىم. يەنە كېلىپ ئەمدى ئۇ يەرگە ئاياق باسقىلىمۇ بولمايتتى،ھەتتا ئەمدى ئاكاممۇ بېرىپ تىجارەت قىلالمايتتى. ئۇ يەرگە بارساق بىزنى ئۇ كىشىلەر بوش قويۇۋەتمەيدۇ دە!مەن ئالغان قەرىزنىغۇ تۆلەرمىز ،بىراق  مەن بۇ قىزنى ئېلىپ قېچىپ كەلگەن تۇرسام ۋاي بولدىلا!! بۇلانى ئويلاپ كاللامنى ئاغرىتمايلا قوياي،ئىشقىلىپ مەيلى خاتا بولسۇن ياكى توغرا بولسۇن مەن بۇ ئىشنى قىلىپ بولدۇم .بۇنىڭغا ئەمدى پۇشايمەن قىلمايمەن. كەچمۇ كىردى، پويىزغا چىقتۇق پويىزدا نۇرغۇن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار  بارئىكەن، ئۇلار بىلەن ھال-مۇڭ بولۇپ بىر كىچە-كۈندۈز يول مېڭىپ يۇرتىمىزغا ئاياق باستۇق. ئانا يۇرتۇم شىنجاڭ دىيارىغا ئاخىرى كېلەلىدىم. پاھ! نېمىدىگەن جىق ئۇيغۇرلار بۇ!ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىرى ئىنتايىن ئۆتۈلگەن بۇ ئىككەيلەن ئۈرۈمچىدىكى ھەربىر ئۇيغۇردىن زوق ئېلىۋاتىمىز.چېھرىمىزدىن كۈلكە جىلۋىلىنىپ تۇراتتى. خۇشال بولىمىزدە ئەلۋەتتە! ھېلىمۇ شىنجاڭغا ئاياغ باسمىغىلى ئىككى يىل بولدى ئەمەسمۇ.شۇنداق قىلىپ يۇرتقا كەتمەكچى بولدۇق بىراق قىز قەتئىيلا كەتكىلى ئۇنىمايۋاتاتتى.قىزنىڭ خاتا باسقان بىر قەدىمىي ئۇنى يۇرتىغا بارغۇدەك يۈز ئابرويىنى قويمىغان تۇرسا ،گەرچە خاتالىق بۇ قىزدا بولمىسىمۇ لېكىن بىزنىڭ جەمئىيتىمىز بۇ قىزنى قايتا قوينىغا ئېلىپ پەپىلىشى مۇمكىن ئەمەس! دېمىسىمۇ نۇرغۇن كۈلپەت تارتىپ ئەمدىلىكتە ئاتا ئانىسىنىڭ ئالدىغا نېمە دەپ بارىدۇ دەيسىز. ئۇنىڭغا قايتا -قايتا تەربىيە ئىشلەپ  ئۇنى يۇرتىغا ئاپىرىپ قويىشىم كېرەكلىكىنى  ئېيتتىم. ئۇنى مىڭ بىر تەستلىكتە ماقۇلغا كەلتۈرۈپ يۇرتىغا ماڭدۇق.ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرىشىمىزگىلا يىغا زارى بىلەن ھويلىنى بىر ئالدى.مەن دېمىدىممۇ،ئانا بالىغا قانداقمۇ چىدىيالىسۇن.قىزنىڭ ئانىسىغا ئۇنى تاپشۇرۇپ قايتىپ كەلدىم. راستىمنى دېسەم قىزغا كۆزۈم قىيمايتتى ،بىز ھېلىكەممۇ خېلى ۋاقىتنى بىرگە ئۆتكەزدۇق، نۇرغۇن جاپالارنى تارتتۇق. قىزنى ياخشى كۆرۈپمۇ قالغان ئىدىم. بىراق رىئاللىق ھامان رىئاللىق بولىدىكەن. ئۇنىڭ كۈلپەتلىرىنى بىر چۈش بولۇشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتىم. بىراق بۇ چۈش ئەمەس، بۇ ئەمەلىيەت ،بۇ قىز ماڭا ماس كەلمەيدۇ! ماس كەلدى دېگەن تەقدىردىمۇ ئۆيۈمدىكىلەر ھەرگىز قوشۇلمايدۇ، شۇڭلاشقا ئۆزۈمنى بىھۇدە ئازاپلىغۇم كەلمىدى. ياراتقان ئاللاھ ئىگەم ئىككىلىمىزنىڭ بەختىنى ئۆزى بېرىدۇ.قىز بىلەن خوشلىشپ يۇرتقا كەلدىم. ئاپام داداملار خوشلىقىدا يىغلاپ سالدى. بولغان ئىشلارنى كىيىن ئاكامغا ئېيتىپ بەردىم. ئاكام ئاچچىقلانغان بولسىمۇ مەندىن تەسىرلەندى بولغاي،ئارتۇق گەپ قىلمىدى.بىراق نۇرغۇن قەرز ئېلىپ باشقىلارنى ئالدىغىنىمغا سەل ئاچچىقى كەلدى.بۇ ئىش ئويلىغانسىرى ئادەمنىڭ بېشىنى قاتۇرىدىغان تۇرسا،ئاكاممۇ ئارتۇق گەپ قىلمىدى... شۇنداق قىلىپ ئىشلىرىمىز ئۇتۇقلۇق بولۇپ ئانا يۇرتىمىزغا كېلىۋالدۇق. بۇئىشلارنى ئويلاشتىن ھېلىھەممۇ قورقىمەن.ياراتقان ئۇلۇغ ئاللاھ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان بەندىلىرىنى ھەرخىل قىسمەتلەرگە سالىدىكەن. كىمنىڭمۇ ئاشۇ قىزدەك بەخىتسىز بۇلۇپ قالغۇسى بار دەيسىز.
     ئىنسان دۇنياغا تۇغۇلۇپ نۇرغۇن ئىشلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزىدىكەن.شۇنداقلا نۇرغۇن كۈلپەتلەرنى تارتىدىكەن. باشتا ئالغان  بىر خاتا  قەدەم ئادەمنى بەلكىم بىر ئۆمۈر ئازاپلايدىكەن. شۇڭلاشقا قەدىرلىك ئوقۇرمەنلىرىم قولىمىزدىن كېلىشچە ياردەم قىلغۇدەك ئىش بولسا چوقۇم ياردەم قىلايلى. قىلغانلىرىمىز ھەرگىز بىكارغا كەتمەيدۇ. بىزنىڭ ياخشىلىقلىرىمىز باشقا كىشلەرگە بىخ سۈرۈپ باشقا كىشىلەردە مېۋە بىرىدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇن يېنىڭىزدىكى ھەربىر كىشىنى قەدىرلەڭ. ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىشتىن ئېھتىيات قىلىڭ. چۈنكى ئۆز مىللىتىمىزنىڭ قەدرىنى سىز قىلمىسىڭىز باشقا بىرى ھەرگىز قەدرىنى قىلمايدۇ سىزنىمۇ شۇنداق، سىز قانچە باي بولۇڭ ئىختىدارلىق كىشى بولۇڭ سىزنىمۇ ئوخشاشلا قەدىرىنى قىلمايدۇ.
خاتىمە: يۇرتۇمغا قايتىپ كىلىپ يەنە كاۋاپ سېتىش قاراىغا كەلدىم ،بازىرىممۇ يامان ئەمەس. ئۇ قىز بىلەنمۇ ئاكا- ئۇكا بۇلۇپ ئۆتۈپ كىلۋاتىمىز.ئۇنىڭ بىلەن خېلى بىر ۋاقىت ئالاقەم ئۈزۈلۈپ قالدى. مەنمۇ تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە كۆڭۈل بۆلمەي بەك سۈرۈشتۈرمەپتىمەن بىر كۈنى ماڭا بىر ناتۇنۇش تېلفۇن كەلدى. تېلفۇن قىزنىڭ ئانىسىدىن كەلگەن ئىدى،ئانىسىنىڭ دىيىشچە قىز ئەيدىس بىلەن يۇقۇملىنۇپ تۈگەپ كەتكىلى ھەپتە بولغانلىقىنى ماڭا بىرىدىغان بىر خەت بارلىقىنى ئېيتتى. پوچتا ئادىرسىمنى دەپ بىرىپ تېلفۇننى قويدۇم. كۆز ياشلىرىم مەڭزىمنى بويلاپ ئىقىپ كەتكىننى سەزمەپتىمەن ! جاھاننىڭ خوۋلۇقىنى كۆرەلمەي ئۆلۈپ كەتكەن قىزغا شۇنداق ئېچىندىم. تەغدىرگە ئامال يوقكەن ئۇلۇغ ئاللاھ قىزنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەت قىلسۇن. بۇ كېسەل مىللىتىمىز كىشىلىرىگە سالجىدەك چاپلاشقان ھازىرقى كۈندە ئادەمنىڭ ئىچى ئېچىشماي قانداقمۇ تۇرالىسۇن.ئۇلۇغ ئاللاھ  مىللىتىمىز كىشىللىرنىڭ ئىمانىنى مۇستەھكەم قىلغىن. نىجىس كسەلدىن يىراق قىلغىن ....
نەچچە كۈندىن كىيىن خەت كەلدى،پوچتىدىن خەتنى ئالدىم،خەتتە مۇنداق يېزىلغان ئىدى.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىق ئاكا قانداق ئەھۋالىڭىز ياخشى تۇرۋاتامدۇ؟ مىنىڭ ئەۋالىمنى سورىسىڭىز مىنىڭ ئەھۋالىم ئىنتايىن ياخشى، سىزنى مەن قانچە تەرىپلىسەم ئازلىق قىلىدۇ، سىزنىڭ قىلغان ياردىمىڭىزنى مەن بۇ دۇنيادا ھەرگىزمۇ قايتۇرۇپ بولالمايمەن. شۇڭا سىزگە مەڭگۈ دۇئا قىلىپ سىزنىڭ بەخىتلىك بولىشىڭىزنى ئۇلۇغ ئاللاھتىن تىلەيمەن. ياراتقان ئاللاھ ئىگەم سىزگە رەخمەت قىلسۇن. ئاكا مەن بۈگۈن دوختۇرغا بارغان ئىدىم. مەن ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىپتىمەن. ياراتقان ئاللاھنىڭ بۇ كسەلنى بەرگىنىدىن ئىنتايىن خوش بولدۇم .ئاڭلىسام ۋاقتىممۇ ئاز قاپتۇ.ئاكا سىزمۇ بىلىسىزغۇ ،مېنىڭ بۇ يورۇق جاھاندا ياشىغۇدەك ھېچبىر رولۇم قالمىغان.قانداقلا بولمىسۇن بېقىپ چوڭ قىلغان ئانامنىڭ دۇئاسىنى ئېلۋالدىم. رەخمەت سىزگە ئاكا، ياراتقۇچى ئىگىمىزدىن ئوغۇللارنىڭ ھەممىسىنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ تىلەيمەن.ھە راست، خېتىمدە بولسىمۇ بۇ گەپلىرىمنى سىزگە دەۋالاي ،بولمىسا بۇ گەپلىرىم ئىچىمگە پاتماي قالدى. مەن سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدىم ،بىراق ئۆزۈمنى سىزگە تەڭ قىلالمايمەن ئاكا.ئەگەر ئۆلۈپ قايتا تۇغۇلۇش نېسىپ بولۇپ قالسا ئىدى، سىزنى مەڭگۈ قەدىرلەيتتىم. مېنى قانداق چۈشەنسىڭىز كارىم يوق ئىشقىلىپ سىزنى بەكلا ياخشى كۆرەتتىم. بۇلارنى سىزگە ئيتىۋېلىپ خېلى يىنىكلەپ قالدىم. مىنى تىللىسىڭىزمۇ مەيلى بەرىبىر مەن ئاڭلىمايمەن ئەمەسمۇ. بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم خەت يېزىپ بېقىشىم بولغاچقا جدديلىشىپ نۇرغۇن گەپلىرىمنى ئۇنتۇپ قالدىم. شۇڭلاشقا گېپىمنى مۇشۇ يەردە توختىتاي ،سىزگە مەڭگۈ بەخىت تىلەپ سىڭلىڭىز، دىلرابادىن.
خەتنى ئۇقۇپ بولغۇچە ئارانلا بەرداشلىق بىرەلدىم.يۈرۈكۈمنى ئېغىر بىر نەرسە بېسىۋالغاندەك بولۇپ دېمىم سىقىلىپ كەتتى .بۇرنۇمنىڭ ئۇچى ئېچىشىپ كۆزۈمدىن يەنە بىر قېتىم ياش چىقىپ كەتتى،بۇ ياش قىزغا ئىچ ئاغرىتقىنممۇ ياكى ئاشۇنداق بىر قىسىم پەسكەشلەرگە بولغان نەپرىتىمنىڭ كۈچلۈكلىكىدىنمۇ ئۆزۈممۇ بىلمەيتتىم.ئەلۋىدا سىڭىلچاق ياتقان يېرىڭىز جەننەت بولسۇن. سىزنىڭ روھىڭىزغا ئاتاپ دۇئا قىلىپ تۇرىمەن .
    قەدىرلىك ئوقۇرمەنلىرىم  ھېكايەمدە نۇرغۇن چېكىتلەرنى چەككەن بولساممۇ بۇ چېكىت ئەڭ ئاخىرقى چېكىت. ياقتۇرۇپ ئۇقۇغىنىڭلارغا كۆپ رەھمەت، تېنىڭلارنىڭ بىر ئۆمۈر سالامەت بۇلۇشىنى ئۇلۇغ ئاللاھدىن تىلەيمەن.....
ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىتۆھپەيىغىشسەۋەبى
sarsanroh + 20赞一个!
qaynam + 2ياخشى يېزىپسىز ....
Erkman + 20赞一个!

ھەممە باھا نومۇرى : تۆھپە + 42  باھا خاتىرىسى

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
زاھىرجان
تىللا
571
تۆھپە
211
UID
20416
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 12:15:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بەك تەسىرلىك ھىكايىكەن «تاتلىقجان» تىكىستتىكى «مەن» بولساھەقىقى بىر ۋىجدان ئىگىسى ئىكەن!!!!


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ياسىنجان
تىللا
444
تۆھپە
229
UID
24291
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 12:55:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ....ئۆزىڭىزنىڭ بېشىدىن ئۆتكەندەكلا ياخشى يېزىپسىز...تاس قالدى كۆزۈمدىن ياش چىقىپ كەتكىلى


Rank: 3Rank: 3

تىللا
259
تۆھپە
73
UID
16982
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 14:43:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


Rank: 2

ئىسىمى
ئىلياس
تىللا
86
تۆھپە
34
UID
23194
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 17:10:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھايات-ئىنسانلارغا نىمىلەرنى كۆرسەتمەيدۇ، ئۇ گاھىدا كۈلدۈرسە گاھ يىغلىتىدۇ... شۇ  قارا كۆز يىگىت -قىزلىرىمىزنىڭ ئىنساب ئىمانىنى تىلەيمەن .. ئامىن !!!


Rank: 6Rank: 6

تىللا
518
تۆھپە
251
UID
14497
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 21:25:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بەك ياخشى يېزىپسىز، رەخمەت.


Rank: 1

تىللا
34
تۆھپە
2
UID
23839
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 23:17:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىڭىزنىڭ بېشىدىن ئۆتكەندەكلا ياخشى يېزىپسىز
شۇنداقمۇ يە


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
كاپىتان
تىللا
1020
تۆھپە
397
UID
5645

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 00:15:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر ئەرلىرىدە يىگىتلىك يەنىلا كوپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ.


ياشلىقىڭدا توت ئۈزۈڭنى گۈلۈڭ كۈندە ئېچىلماس،پۇشايماننىڭ  قاچىسى قېرىغاندا تېپىلماس.

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئابدۇرېھىمجان ئاتاۋۇللا
تىللا
1180
تۆھپە
507
UID
4607
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 01:02:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەن ياخشى يىزىلغان ھىكايىكەن، بەك تەسىرلىك چىقىپتۇ، سىنارىيەلەشتۈرۈپ كىنو قىلىپ ئىشلىەۈدەك يىزىلىپتۇ.
راس گەپ قىلسام مەن يىغلاپ سالدىم،  زاڭلىق قىلماڭلا ھە،


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئابدۇرېھىمجان ئاتاۋۇللا
تىللا
1180
تۆھپە
507
UID
4607
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 01:08:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   serjat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-25 01:09  



كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-4 05:14, Processed in 0.110403 second(s), 30 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991