تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 3230|ئىنكاس: 5

يېزىلارنىڭ ‹‹«سۈزۈك سۇ - كۆك ئاسمىنى»› ›نى كىم قوغدايدۇ؟[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

تىللا
185
تۆھپە
15
UID
5032
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 16:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يېزىلارنىڭ ‹‹«سۈزۈك سۇ - كۆك ئاسمىنى»› ›نى كىم قوغدايدۇ؟




      يېزىلارنىڭ مۇھىت سۈپىتى كۆكتات سېۋىتى ، گۈرۈچ خالتىسى ، سۇ ئىدىشىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىنىڭ جان تومۇرى . بۇ ئاساسنى تۇتۇپ تۇرالمىغاندا بىزنىڭ ساغلاملىقىمىز ۋە بەختىمىز قۇرۇق گەپكە ئايلىنىپ قالىدۇ .
       5-ئىيۇن ، مۇھىت قوغداش مىنىستىرلىقى ‹‹2011-يىللىق جۇڭگو مۇھىت ئەھۋالى ئاخباراتى ›› نى ئېلان قىلدى . بۇنىڭدا، گەرچە دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىتىنىڭ ئومۇمىي گەۋدىلىك سۈپىتى مۇقىم ساقلانغان بولسىمۇ ، ئەمما يېزىلارنىڭ مۇھىتى ئەكسىچە ئادەمنى ئەندىشىگە سالىدۇ ــ دەپ كۆرسىتىلگەن ، بۇ يالغۇز ئەسكەرتىشلا ئەمەس : ھازىرقى جەمئىيەتتە ‹‹مۇھىت ھوقۇق-مەنپەئەتى ›› ئېڭى بارغانسېرى قويۇقلاشماقتا . بىر PM2.5 پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىر مەيدان ‹‹ شەھەر مۇھىتى بورىنى ›› نى پەيدا قىلىپ قالسا ، بىرمۇنچە ئادەم ، يېزىلارنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى بارغانسېىرى ئاجىزلىشىپ كېتەرمۇ ؟ دېگەنگە دىققەت قىلىشى مۇمكىن .


1.jpg



      يېشىل تاغ ــ سۈزۈك سۇ ، ساپ ھاۋا ، ئىلگىرى كىشىلەردە يېزىلارغا قارىتا مۇشۇنداق چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرغان ، ھالبۇكى ھازىر كۆپلىگەن جايلارنىڭ يېزىلىرى ‹‹غايىۋىي جەننەت ›› تىن ئايرىلىپ ، ‹‹باياشات ماكان ›› دىن يىراقلىشىپ ، پاسكىنا سۇلار ھەرتەرەپكە ئېقىپ ، ئىس-تۈتەكلەر تەرەپ-تەرپكە تارقاپ ، تۇپراق زەھەرلىنىپ ، بۇلغانغان ئېغىر ئاپەت رايونىغا ئايلىنىۋاتىدۇ .
      يېزىلارنىڭ مۇھىتى قاچان قولدىن كەتتى ؟
      بۇ جۇڭگوغا نىسبەتەن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
      يېزا مۇھىتىنىڭ قولدىن كېتىشى ، يېزا مۇھىتىنى قوغداشنىڭ ئۇزۇن مۇددەت بوش قالغانلىقىنىڭ نەتىجىسى . شەھەرلەرنىڭ بۇلغىنىشى نىسبەتەن مەركەزلەشكەن ، تۈزەش تېخنىكا ھۈنەر-سەنئىتى پىىشپ يېتىلگەن بولغاچقا ، تۈزەش ئۈنۈمى ئاسان كۆرۈلىدۇ ، ئۇزۇندىن بۇيان دۆلەت ۋە يەرلىكلەرنىڭ بۇلغىنىشنى تۈزەش تۈرلىرى ، مەبلەغنىڭ مايىللىقى بىلەن ، شەھەرلەرنىڭ مۇھىتىدا نىسبەتەن زور ياخشىلىنىشلار بولدى . بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا ، يېزىلارنىڭ مۇھىت ئاساسىي ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرى ئارقىدا قېلىپ ، كۆپلىگەن يېزىلاردا ، ھەتتا ئاساسىي ئەخلەت ، پاسكىنا سۇلارنى يىغىۋېلىش ئەسلىھەلىرى بولمىدى . بۇلارنى ئۆز ئورنىدا بىر تەرپ قىلىش توغرىسىدا تېخىمۇ سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ . ‹‹ئەخلەتلەر شامالدا ئۇچۇپ ، پاسكىنا سۇلار پارلىنىپ تارقىلىش ›› ھادىسىلىرى ئۇمۇميۈزلۈك مەۋجۇت . ئادەمنى تېخىمۇ ئەندىشىگە سالىدىغىنى شۇكى ، يېزىلارنىڭ بۇلغىنىشتىن مۇداپىئە كۆرۈش ــ تىزگىنلەش مېخانىزىمى تېخى راۋانلاشمىدى ، مەبلەغ كاپالىتى ، نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش كۈچى يەنىلا كەمچىل بولغاچقا بۇلغىنىش ئەھۋالى داۋاملىق يامانلىشىۋاتىدۇ.
       يېزا مۇھىتىنىڭ قولدىن كېتىشى ، شۇنداقلا بىرمۇنچە جايلارنىڭ يېزىلاردا بۇلغىنىشتىن مۇداپىئە كۆرۈش ــ تۈزەشكە سەل قاراپ ، بۇلغىنىشنىڭ كۆچىشىگە قارىتا بىر تەرپلىمە قارىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى . نۆۋەتتە ، يېزىلاردا تۇرمۇشتىن بولغان بۇلغىنىش ، چارۋا ، ئۆي قۇشلىرىنى بېقىشتىن بولغان بۇلغىنىش ، خىمىيەلىك ئوغۇت ۋە دېھقانچىلىق دورىلىرىنى ئىشلىتىش كەلتۈرۈپ چىقارغان يېزا ئىگىلىكە دائىر مەنبەلىك بۇلغىنىشلار مەۋجۇت بولۇپلا قالماستىن ، يەنە سانائەت نۇقتىلىرى مەنبەلىك بۇلغىنىشلارمۇ مەۋجۇت . شەھەرلەردىكى مۇھىتنى قوغداش سالمىقىنىڭ ئاشۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ ، شەھەرلەر رەت قىلغان ئېغىر بۇلغىغۇچى كارخانىلار ، يەنە بىرمۇنچە يېزىلارنىڭ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش قىزغىنلىقىغا ئايلاندى . بۇ ئېغىر بۇلغىغۇچى كارخانىلارنىڭ يۇتۇۋېلىشى ، يېشىل تاغ ، سۈزۈك سۇلارنى پىلە قۇرتىدەك ئورىۋېلىشى ، يېزىلارنىڭ مۇھىت سۈپىتىنىڭ جىددىي تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
      ئوبيېكتىپراق قىلىپ ئېيتقاندا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، دۆلەت كەينى-كەينىدىن ‹‹مۇكاپاتلاش ئارقىلىق تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈش ›› قاتارلىق سىياسەت ھەم تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ، يېزىلارنىڭ مۇھىتىنى قوغداش خىزمەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خېلى كۆپ ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى ، ئەمما مەبلەغ چەكلىك بولغاچقا ، نۆۋەتتە كۆپىنچىسى ئۈلگە كۆرسىتىش باسقۇچىدىلا تۇرۇپ قېلىپ ، ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش تەسكە توختاۋاتىدۇ. شەھەر ئاھالىلىرىغا ئوخشاش ، كەڭ يېزا ئاممىسىمۇ سۈپىتى ئەلا بولغان مۇھىت ئاممىۋى مەھسۇلاتلىرىغا ئېرىشىش ھوقۇقىغا ئىگە . بۇ يۈز مىليونلىغان يېزا ئاھالىسىنىڭ تەن-ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئېھتىياجى بولۇپلا قالماستىن ، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيەتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە بولۇشقا تېگىشلىك تېخىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
      تېخىمۇ كەڭرەك نەزەر تاشلاپ قارىغاندا ، يېزا مۇھىتى پەقەتلا دېھقانلارنىڭ مۇھىت ھوقۇق-مەنپەئەت مەسىلىسى ئەمەس . يېزا مۇھىتىنىڭ سۈپىتى كۆكتات سېۋىتى ، گۈرۈچ خالتىسى ، سۇ ئىدىشىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ‹‹جان تومۇرى ›› بولۇپ ، بۇ ئاساسنى قوغداپ قالالمىغاندا پۇقرالارنىڭ ساغلاملىقى ۋە بەختى قۇرۇق خىيالغا ئايلىنىپ قالىدۇ . شۇنداقلا ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ‹‹خەلقنى پاكىزە سۇ ئىچىش ، ساپ ، يېڭى ھاۋادىن نەپەسلىنىش ، ئىشەنچلىك يېمەكلىكلەرنى يېيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ›› توغرىسىدا بەرگەن ۋەدىسىمۇ قۇرۇق گەپكە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن .


2.jpg



      يېزىلاردىكى بۇلغىنىشنىڭ ئېغىرلىشىش يۈزلىنىشنى چەكلەشتە ، دەرۋەقە سېلىنمىنى كۆپەيتىپ ، تەكشۈرۈش-بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ ، ئاخىرقى چېكىگىچە تۈزەش ؛ ئۆتكەل ئېغىزلىرىنى ئالدىغا سۈرۈپ ، شەھەرلەردە ‹‹ھەممە ئادەم بىزار بولغان ›› ئېغىر بۇلغىغۇچى سانائەتلەرنى يوشۇرۇنچە يېزىلارغا ئېلىپ كىرىشنى توساش كېرەك . پەقەت نۆۋەتتىكى بىر قىسىم جايلارنىڭ مۇھىتنى قوغداشتا شەھەرلەرگە ئېتىبار بېرىپ ، يېزىلارغا سەل قارايدىغان ، تۈزەشكە ئەھمىيەت بېرىپ ، ئالدىنى ئېلىشقا سەل قارايدىغان ھادىسىلىرىنى ئۆزگەرتىپ ، يېزىلارنىڭ مۇھىتىنى تۈزەش سۈرئىتىنى تېزلەتكەندىلا، ئاندىن يېزىلارنىڭ ‹‹يېشىل تاغ ، سۈزۈك سۇ›› لىرى بارلىققا كېلىدۇ ، شۇنداقلا ئاندىن پۈتۈن مەملىكەت ‹‹ھەركۈنى كۆپكۆك ئاسمان بولۇش›› قا ئىگە بولىدۇ.

      تەرجىمە قىلغۇچى: مەھەممەت بارات


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
نىفىت
تىللا
529
تۆھپە
300
UID
461
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 17:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھيتنى قوغداش ھەممە كىشىنىڭ بۇرچى !!


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
تۈركەر
تىللا
567
تۆھپە
292
UID
2386

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 17:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنىلا ئىپتىدائىي جەمئىيەت ياخشىمۇ نىمە؟ ئادەملەر ۋە ھايۋانلارنىڭ گەندىسى ۋە سۆڭەك ئۇستىغانلىرىدىن باشقا ھېچقانداق بولغانما ئەخلەت چىقمايدىغان،


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
تۈركەر
تىللا
567
تۆھپە
292
UID
2386

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 17:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەر شارىدا قاچان سانائەت ئىنقىلابى باشلاندى شۇنىڭدىن بۇيان ھاسىل بولغان تۈرلۈك ئەخلەتلەر بارغانسىرى كۆپىيىپ ھازىر چېكىگە يەتمەكتە، مەن ئويلايمەن ئەگەر بۇنىڭغا دۇنيا خاراكتىرلىك مۇۋاپىق چارە كۆرۈلمىسە ئىنسانلار ئۆز-ئۆزىنى ھالاكەتكە باشلاپ مېڭىشى مۇمكىن،،،،،،،،، ئىنكاسىم بەك چوڭ ھەجىملىك بولۇپ كەتتىمۇ نىمە بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tvrkar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-7 17:09  



Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
تۈركەر
تىللا
567
تۆھپە
292
UID
2386

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 17:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ تەسەۋۋۇرۇمدىكى يەرشارى قىزىرىپ پىشقان ئالمىغا ئوخشىسا، ئادەملەر بولسا ئالمىغا چۈشكەن قۇرۇتقا ئوخشايدۇ، نىمە دەپ دىسىڭىز،  بازاردىكى بەزى قىزىرىپ پىشقان ئالمىنىڭ تېشى چىرايلىق بولغان بىلەن ئىچىدىن سېسىپ تۈگەشكەن بولىشى مۇمكىن چۈنكى ئۇنىڭ ئىچىنى قۇرۇتلار يەپ تۈگەتكەن، ئادەملەرمۇ ھازىر ئاشۇ قۇرۇتلاردەك يەر شارىنى ھەر قايسى جەھەتلەردىن كولاپ يىيىشكە باشلىماقتا، ئاللاھ ئۆز پانىھىدا ساقلىغاي بۇ غايەت زور ئالمىنىڭ ئىچىدىن سېسىپ گۇمران بولۇشىنى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tvrkar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-7 17:17  



Rank: 8Rank: 8

تىللا
185
تۆھپە
15
UID
5032
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 17:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tvrkar يوللىغان ۋاقتى  2012-6-7 17:16
مىنىڭ تەسەۋۋۇرۇمدىكى يەرشارى قىزىرىپ پىشقان ئالمىغا ئ ...

بەك توغرا گەپ قىپسىز، بۇ ئوخشىتىش ناھايىتى يېقىن كەپتۇ.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-9 13:33, Processed in 0.080647 second(s), 28 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991