تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 6273|ئىنكاس: 12

ساغلاملىققا پايدىلىق 8 خىل يېمەكلىك ( 1 )[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

تىللا
236
تۆھپە
36
UID
4006
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 12:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ساغلاملىققا پايدىلىق 8 خىل يېمەكلىك (1)


43B6DD5A81C1ED3E0A26BA4BEE38872B.jpg


    بىرىنچى. پالەك
    1. قان ئازلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولمايدۇ: پالەك تەركىبىدە مول مىقداردا تۆمۈر بار، تۆمۈر بولسا ئادەم بەدىنىدىكى قان ياساشنىڭ ئاساسلىق خام ئەشيالىرىنىڭ بىرى، ئاياللارنىڭ ھەيز مەزگىلىدىكى ئەڭ ياخشى يېمەكلىكى ھېسابلىنىدۇ. دائىم پالەك ئىستېمال قىلىپ بەرسە، كىشىنىڭ يۈزىگە قان يۈگۈرۈپ، يۈزلىرى پارقىراپ تۇرىدۇ، قان ئازلىق كېسىلىدىن يىراقلىشىدۇ.
    2. بەدەننى كۈچلەندۈرىدۇ: پالەك تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئاقسىل بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ يېتىلىشىگە ياردەم بېرىدۇ، زېھنىي قۇۋۋەتنى ئۇرغۇتىدۇ.
    3. تېرىنى ياخشىلايدۇ: تەركىبىدە ۋېتامىن K بولۇپ، بۇ نۇرغۇنلىغان كۆكتات ۋە مىۋىلەرنىڭ تەركىبىدە كەمچىل. ئادەمنىڭ چېچى پارقىراق، تېرىنىڭ ئاپئاق ھەم نۇرلۇق بولۇشىدا ۋېتامىن A,B,C لارغا ئېھتىياجلىق بولۇپلا قالماستىن، ۋېتامىن K مۇ كەم بولسا بولمايدۇ.
    4. زەھەر تازىلايدۇ: پالەك ئادەمنىڭ ئاشقازان – ئۈچەيلىرىدىكى زەھەرنى تازىلاپ، قەۋزىيەت بولۇشتىن ساقلىنىپ، تەرەتنىڭ راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. شۇنداقلا پالەكنىڭ ئسسىقلىق مىقدارى ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ، دائىم ئىستېمال قىلغاندىمۇ سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ. دائىم پالەك يەيدىغان كىشىلەرنىڭ يۈزلىرى نۇرلۇق بولغاچقا، كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ، تۆمۈر كەمچىل بولۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان قان ئازلىقتىن خالى بولىدۇ.
    5. كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاسرايدۇ: بىز ۋېتامىن A كەمچىل بولسا كۆز قۇرغاقلىشىپ، نەرسىلەرنى كۆرۈشىنى غۇۋالىشىدىغانلىقىنى بىلىمىز. پالەكنىڭ تەركىبىدىكى كاروتىن ئادەم بەدىنى ئىچىدە ۋېتامىن A غا ئايلاندۇرۇلغاندىن كېيىن، كۆرۈش تور پەردىسىنىڭ ئاجىزلىشىش خەتىرىنى تۆۋەنلىتىدۇ. دائىم كومپيۇتىر بىلەن ھەپىلىشىدىغان كىشىلەرگە ئاز بولمىغان ياردىمى بار.
    6. كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرىدۇ: پالەك تەركىبىدە مول مىقداردىكى ۋېتامىن A,B,C لار تۇراقسىز كەيپىياتىڭىزنى ياخشىلاپ، جىددىي كەيپىياتنى تۆۋەنلىتىپ، ئارىسالدىلىقتىن خالاس قىلىدۇ.

6B9FABDBF6CD8D79F9BCE12EEBCE1FE4.jpg


    ئىككىنچى. شوخلا
    1. راكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ: شوخلىنىڭ تەركىبىدىكى لىكوپېننىڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش رولى بولۇپ، ئۇ ھۆجەيرىلەرنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراشتىن ساقلايدۇ، ھەمدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان ھۆجەيرىلەرنى تۈزەپ، ئادەم بەدىنىدىكى ئەركىن رادىكاللارنى كونتىرول قىلىدۇ ۋە يوقىتىدۇ. يۈرەك قان تۇمۇرلىرى سىستېمىسىنى قوغداپ، يۈرەك كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش، يۇقىرى قان بېسىمى كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىنى ئازايتىپ، راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە قارشى تۇرۇشتا بەلگىلىك رول ئوينايدۇ.
    2. ئىشتىھانى ياخشىلايدۇ: شوخلا تەركىبدىكى مول مىقداردىكى ۋېتامىن A,C,P,B، سېللۇلوزا، ئورگانىك كىسلاتا، كالتىسىي قاتارلىقلار بولۇپ، دائىم ئىستېمال قىلغاندا ئېغىز بوشلۇقى يارىسىدىن ساقلىنىپ، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاپ، ئىشتىھايىڭىزنى ئاچىدۇ.
    3. زېھنىي قۇۋۋەتنى ئۇرغۇتىدۇ: شوخلا بىلەن بولكىنى بىللە ئىستېمال قىلىپ بەرسە، كىشىنىڭ سەۋىرچانلىقىنى ئاشۇرىدۇ، ئەگەر تۇخۇم سېرىقى، ئىسلانغان گۆش بىلەن ئىستېمال قىلىپ بەرسە، زېھنىي قۇۋۋەتنى ئۇرغۇتىدۇ.
    4. ئاقارتىش: تېرىڭىزنىڭ ئاقلىقىنى ساقلاشنى ئارزۇ قىلامسىز؟ بۇنىڭدا ئەلۋەتتە شوخلا يېيىش كەم بولسا بولمايدۇ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ۋېتامىن P بولسا ھۆجەيرىلەرنىڭ مېتابولىزىم رولىدا كەم بولسا بولمايدىغان ماددا بولۇپ، تېرىدىكى رەڭ پېگمېنتلىرىنىڭ رەڭگىنى سۇسلاشتۇرۇپ، چۆكۈۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

5555285EEF4EF3D8A05CC0E556795F6A.jpg


    ئۈچىنچى. شاكىلات
    1.خۇشاللىققا ئىگە قىلىدۇ: شاكىلاتنىڭ تېنچلاندۇرۇش رولى بولۇپ، ئۇنىڭ تەمى ۋە پۇرىقى ئادەمنىڭ چوڭ نېرۋىسىدىكى خۇشاللىق مەركىزى تۈگۈنىنى غىدىقلاپ، كىشىنى خۇشال قىلىدۇ.
    2. چىشنى ئاسرايدۇ: مېنىرالسىزلاشتۇرۇش ئاقىۋەتتە چىرىگەن چىشنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىدۇ. بىراق ، شاكىلات بۇ جەرياننىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلىتىدۇ.

FF0C970CA35BA8EE7B5EF6DA96E1E212.jpg


    تۆتىنچى. بېلىق
    1. كەيپىياتنى ياخشىلايدۇ: بېلىق تېنىدە بىر خىل ئالاھىدە ياغ كىسلاتاسى بولۇپ، ئۇ ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسىدىكى «خۇشاللىق ھورمۇنى» بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. شۇڭلاشقا كىشىلەر كەيپىياتى تۆۋەن چاغدا، ئاڭلىق ھالدا بېلىقنى كۆپرەك يەپ بەرسە، كەيپىياتىمۇ ئاستا – ئاستا يۇقىرى كۆتۈرىلىدۇ. بېلىق گۆشى تەركىبىدە يەنە مول مىقداردا ماگنىي بىلەن بور بولۇپ، ماگنىينىڭ تېنىچلاندۇرۇش رولى بار، دائىم بېلىق يەپ بەرسە، جىددىي كەيپىياتنى پەسەيتىدۇ.
    2. تاماكىنىڭ زىيىنىنى تۆۋەنلىتىدۇ: ئارتېرىيە قېتىشىشنىڭ دەسلەپكى ئالامىتى بولسا، ئىچكى تېرىلەرنىڭ ئىقتىدارى بۇزۇلىدۇ (يەنى ئارتېرىيە كېڭىيەلمەيدۇ)، تاماكا چېكىش دەل ئىچكى تېرىلەرنىڭ ئىقتىدارىنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بىراق بېلىق گۆشى تەركىبىدىكى ئامىنو كىسلاتاسى ئارتېرىيە قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، شۇڭا تاماكىنى ئۇزۇنغىچە تاشلىيالمىغاندا، بېلىقنى كۆپرەك يەپ بېرىش كېرەك.


    ئالىمجان نەسىردىن تەرجىمىسى


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مېھرىم
تىللا
1131
تۆھپە
818
UID
1246

قىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 12:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



مەن شاكىلاتقە بەك ئامراق  لىكىن بىلىق يىمەيمەن چۈنكى  مەن سۇغا چۆكۈپ كەتكەندە  پۇتۇمنى بىلىق يەۋالغان .



يىغلاپ تۇغۇلدۇم كۈلۈپ ياشايمەن .

Rank: 3Rank: 3

تىللا
236
تۆھپە
36
UID
4006
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 13:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
mehrim يوللىغان ۋاقتى  2012-6-7 12:56
مەن شاكىلاتقە بەك ئامراق  لىكىن بىلىق يىمەيمەن چۈنكى   ...

ھې ھې !


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
چالقۇشى
تىللا
455
تۆھپە
277
UID
13725
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 13:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھا ھا ھا .............ھەمىسى مىنىڭ ياخشى كۆردىغان يىمەكلىرىم ئىكەن ...................


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
نىفىت
تىللا
529
تۆھپە
300
UID
461
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 15:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
mehrim يوللىغان ۋاقتى  2012-6-7 12:56
مەن شاكىلاتقە بەك ئامراق  لىكىن بىلىق يىمەيمەن چۈنكى   ...

اللە ھازىر پۇتىڭىز يوق ئىكەندە !!! شىنجاڭدىكى بىلىقلار گۆشخۇر ئەمەس ئىدىغۇ ، پۇتىڭىزنى يىگۇدەك !!


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
نىفىت
تىللا
529
تۆھپە
300
UID
461
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 15:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qalikux يوللىغان ۋاقتى  2012-6-7 13:22
ھا ھا ھا .............ھەمىسى مىنىڭ ياخشى كۆردىغان يىمەكلىرىم ...

سەن شاكىلاتقا ئۆچ ئىدىڭغۇ ؟


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
نىفىت
تىللا
529
تۆھپە
300
UID
461
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 15:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايتۇرۇك2 سىزنىڭ ساغلاملىق توغىرىسىدا يوللىغان تىمىڭىزنى كۆرۇشنى ياخشى كۆرىمەن !! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nifit تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-7 15:24  



Rank: 4

ئىسىمى
كاپىتان
تىللا
352
تۆھپە
165
UID
5645
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 16:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پالەك يىمىگىنىمگە ئۇزۇن بوپتۇ، دەرھال ئاتلىناي.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مېھرىم
تىللا
1131
تۆھپە
818
UID
1246

قىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 17:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nifit يوللىغان ۋاقتى  2012-6-7 15:22
اللە ھازىر پۇتىڭىز يوق ئىكەندە !!! شىنجاڭدىكى بىلىقلار ...

نملەرنى دەيدىغانسىز پۇتۇم با مېنىڭ ، شۇ سۇغا چۆكۈپ  كەتتىم دوسلىىم مېنى سۈدىن ئىلىپ چىقىپ  بولغۇچە  پۇتلىرىمنىڭ بارماقلىرنى چىشلەپ قان قىلۋىتىپتىكەن بەك تەس ئوڭشالغان  بارماقلىرىم ،  شۇدىن باشلاپ بىلىق يىمەيمەن . ئەگەردە  بىرەرسى سۇدا ئۆلۈپ كەتسە بىلىق كۆلچىكىگە تاشلاپ قويۇپ بىقىڭ  بىلىق ئادەم گۆشى يەمۇ يىمەمدۇ شۇ چاغدا بىلىسىز .


يىغلاپ تۇغۇلدۇم كۈلۈپ ياشايمەن .

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
چالقۇشى
تىللا
455
تۆھپە
277
UID
13725
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 17:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nifit يوللىغان ۋاقتى  2012-6-7 15:23
سەن شاكىلاتقا ئۆچ ئىدىڭغۇ ؟

سەن ئەزەلدىن مەندىن شاكىلات ياخشى كۆرەمسەن دەپ سوراپ باقمىغان........


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-9 12:36, Processed in 0.088602 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991