ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھان مەيدانىغا كىرمەكتە

قاتناش ساقچىلىرى يولنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان مەيدانىغا ۋاقتىدا يېتىپ كېلىشى ئۈچۈن «يېشىل چىراغ» يېقىپ بەردى ئۆز مۇخبىرىمىز نىجات نىياز خەۋىرى، فوتوسى: بۈگۈن يىلدا بىر قېتىم كېلىدىغان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى باشلاندى، بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرىدىن 24 مىڭ 912 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە 154 مىڭ 700 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىجتىمائىي پەندىن ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچى 53 مىڭ 400 ، تەبىئىي پەندىن ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچى 95 مىڭ 700 ، ئۈچ خىل مەكتەپ ( تېخنىك مەكتەپ، كەسپىي ئوتتۇرا مەكتەپ، ئالىي كەسپىي ئوتتۇرا مەكتەپ ) نىڭ ئوقۇغۇچىسى 5500 ، نۆۋەتتە مەكتەپ پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچى 134 مىڭ 100، ئۆتكەن نۆۋەتلىك ئوقۇغۇچى 20 مىڭ 600 ئىكەن. ئۇرۈمچى رايونىدا تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولۇپ، 24 مىڭ 912 ئوقۇغۇچى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىكەن. لېكىن 2008- يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئادەم سانى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا يەتكەن بولۇپ، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملىتىدىغانلارنىڭ سانىدا تۆۋەنلەش كۆرۈلگەن، لېكىن بۇ يىل يەنە تۇنجى قېتىم ئۆرلىگەن.



ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھان مەيدانىغا كىرمەكتە ، ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ ئىمتىھاننى ئوڭۇشلۇق بېرىشى ئۈچۈن ئۇلارغا ياخشى تىلەكلەرنى تىلىمەكتە 


ئىمتىھان باشلاندى. ئاتا-ئانىلار تەقەززالىق ئىلكىدە بالىلىرىنىڭ ئىمتىھاندىن خۇشال-خورام چىقىشىنى كۈتمەكتە بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bulak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-7 12:13
|