تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 4080|ئىنكاس: 2

‹‹ۋېنىرانىڭ قۇياش يۈزىدىن كېسىپ ئۆتۈش ھادىسى›› كۆرۈلدى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئىسىمى
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
تىللا
1376
تۆھپە
717
UID
26

تۆھپىكار

يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 11:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  
   2012-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 4:10 لار ئەتراپىدا 21-ئەسىردىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق ‹‹ۋېنىرانىڭ قۇياش يۈزىدىن كېسىپ ئۆتۈش ھادىسىسى›› كۆرۈلدى . بۇ ھادىسە چەت ئەللەردە كۆرۈلگەن ۋاقىتلىرىنى ھېسابلىغاندا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ تەخمىنەن ئالتە سائەت 39 مىنۇت 49 سېكونت 5 دەقىقە داۋام قىلغان بولۇپ ، ئاسترونومىيە تارىخىدا ھەقىقەتەنمۇ كەمدىن-كەم كۆرۈلىدۇ . كۈن تۇتۇلۇش ھادىسىسىدە ئالەم سىستېمىسىدىكى توققۇز سەييارىنىڭ بىرى بولغان ۋېنىرا (زۆھرە، چولپان يۇلتۇز) قۇياشنىڭ يۈزىنى توسۇۋالىدۇ . مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بۇ ‹‹ۋېنىرانىڭ قۇياش يۈزىدىن كېسىپ ئۆتۈش ھادىسىسى ››نى كۆرگىلى بولىدۇ . بۇ ۋاقىتتا كىشىلەر ‹‹كىچىك قارا مەڭ››لەرنىڭ قۇياشنىڭ يۈزىدىن ئاستا-ئاستا توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيدۇ . بۇنىڭ ئىچىدە مەملىكىتىمىزنىڭ شەرقىي قىسىم رايونلىرىدىكى كىشىلەر بۇ ھادىسىنىڭ پۈتۈن جەريانىنى كۆرەلەيدۇ . ئىگىلىنىشىچە ، كېلەر قېتىملىق ‹‹ۋېنىرانىڭ قۇياش يۈزىدىن كېسىپ ئۆتۈش ھادىسىسى›› 2117-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى يۈز بېرىدىغان بولۇپ، يەنە 105 يىل 5 ئاي ساقلىشىمىزغا توغرا كېلىدىكەن.
    كۈن تۇتۇلۇش ھادىسىسى (ۋېنىرانىڭ قۇياش يۈزىدىن كېسىپ ئۆتۈش ھادىسىسى) بولسا ۋېنىرانىڭ قۇياش بىلەن يەر شارى ئوتتۇرىسىدا ھەرىكەت قىلىپ ، قۇياش ، يەر شارى ، ۋېنىرا ئۈچ سەييارە بىرلا ۋاقىتتا بىر تۈز سىزىق ئۈستىگە كەلگەن ۋاقىتتا، ۋېنىرانىڭ قۇياش يۈزىنىڭ قىسمەن جايلىرىنى توسۇۋېلىشىدىن شەكىللىنىدىغان بىر خىل ئاستىرونومىيەلىك ھادىسىدىن ئىبارەت. شۇ سەۋەبتىن بۇ ھادىسە مەلۇم نۇقتىدىن يەنە ‹‹كۈن تۇتۇلۇش ھادىسىسى›› دەپ ئاتىلىدۇ.
    ‹‹ۋېنىرانىڭ قۇياش يۈزىدىن كېسىپ ئۆتۈش ھادىسىسى›› كېسىپ ئۆتۈشتىن بۇرۇنقى سىرتقى ئۇرۇنۇش ، كېسىپ ئۆتۈشتىن شتىن بۇرۇنقى ئىچىكى ئۇرۇنۇش، ھەرىكەت قىلىپ مەركىزىگە كېلىش، كېسىپ ئۆتۈشتىن كېيىنكى ئىچكى ئورۇنۇش ، كېسىپ ئۆتۈشتىن كېيىنكى تاشقى ئورۇنۇش قاتارلىق بەش جەرياندىن تەركىب تاپىدۇ.




06.jpg

09.jpg
03.jpg
04.jpg
05.jpg
10.jpg
01.jpg




08.jpg


بۇ قېتىملىق ‹‹ۋېنىرانىڭ قۇياش يۈزىدىن كېسىپ ئۆتۈش ھادىسىسى››نىڭ مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كۆرۈلگەن ۋاقىتلىرى



07.jpg
02.jpg
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
نۇرئېلىجان ھېدايەت
تىللا
759
تۆھپە
544
UID
504
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 17:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ۋاقىتتا قەشقەردە تېخى مۇياش چىقماپتىكەن ئەمسمۇ؟


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1319
تۆھپە
952
UID
3175

ئاۋانگارت ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 10:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ۋاقىتتا مەن دىققەت قىلماپتىمەن .بۇندىن كىيىن ھەر كۇنى سەھەردە قاراپ باقسام بولغىدەك جۇمۇ؟\
بۇ ئالاھىدە  بىرئىشكەن ئەمەسمۇ؟ھەممىمىزنىڭ دىققەت قىلىشىغا ئەرزىدۇ.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-9 13:33, Processed in 0.077075 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991