ئۆز مۇخبىرلىرىمىز ئالىمجان ئابدۇراخمان، ئارسلان كامىللارنىڭ بېيجىڭدىن ئەۋەتكەن خەۋىرى ، ففوتوسى : 6-ئىيۇن ئېلىپ بېرىلغان جۇڭگو B دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ 8-ئايلانما مۇسابىقىسىدە ، بېيجىڭ ياشلار كوماندىسى بېيجىڭ شىجىنشەن تەنتەربىيە مەيدانىدا شىنجاڭ تاش ئالما كوماندىسىنى كۈتىۋالدى. 90 مىنۇتلۇق كەسكىن ئېلىشىش نەتىجىسىدە شىنجاڭ تاشئالما 1 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن بېيجىڭ ياشلار كوماندىسىنى ئۇتىۋالدى. نۆۋەتتە شىنجاڭ كوماندىسى جۇڭگو B دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ شىمالىي مۇسابىقە رايونىدا 17 نومۇر ئالدى. بۇ مەيدان مۇسابىقە 6-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تە باشلاندى، نەقمەيدانغا بېيجىڭدىكى ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن كەلگەن 500گە يېقىن شىنجاڭلىق ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق، قىرغىز ئوقوغۇچىلار كېلىپ شىنجاڭ كوماندىسىغا ھۇررا توۋلاپ مەدەت بەردى. 
ئەزىمەتلىرىمىز مەيدانغا كىردى مۇسابىقە باشلىنىپ بېيجىڭ كوماندىسى ساھىپخانلىق ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، رېتىملىق ھۇجۇم تەشكىللىدى، بىراق، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ قاتتىق مۇداپىئەسى بېيجىڭ كوماندىسىنىڭ ھۇجۇملىرىنى تارمار قىلىپ، ئۇلارغا توپ كىرگۈزۈش پۇرسىتى بەرمىدى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە، بېيجىڭ كوماندىسى ئاكتىپ ھۇجۇمغا ئۆتۈش تاكتىكىسىنى قوللۇنۇپ، توختىماي ھۇجۇم تەشكىللىگەن بولسىمۇ، بىراق شىنجاڭ كوماندىسىغا تەھدىت ئېلىپ كىلەلمىدى. ئەكىسچە، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ مۇداپىئەنى ئاساس قىلىپ تېزلىكتە قايتارما ھۇجۇم قىلىش تاكتىكىسى بېيجىڭ كوماندىسىنى خېلى چۆچۈتۈپ قويدى، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ بىر توپى ۋاراتار گارغا تىگىپ چىقىپ كەتتى. شۇنداق قىلىپ ئىككى كوماندا 0 دە 0 تەتىجە بىلەن ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىسىنى ئاياقلاشتۇردى.

مۇسابىقە مەيدانىدىن كۆرۈنۈش كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىشى بىلەن شىنجاڭ كوماندىسى تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتىپ ئاكتىپ ھۇجۇمغا ئۆتتى. بېيجىڭ كوماندىسىنىڭ ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىسىدىكى ئەۋزەللىكى پۈتۈنلەي يوقىدى، شىنجاڭ كوماندىسى توختىماي ھۇجۇم قوزغىغان بولسىمۇ بىراق توپ كىرگۈزۈش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىدى، ئەكىسچە بېيجىڭ كوماندىسى بىر قېتىملىق بۇلۇڭ توپ پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، بىر توپ كىرگۈزۈپ، بىر توپ ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى. شىنجاڭ كوماندىسى بىر توپ كەينىدە قالغاندىن كېيىن مەيۇسلەنمىدى، ئەكىسچە، تېخىمۇ شىددەتلىك ھۇجۇملارنى قوزغاپ قارشى تەرەپ ئەزالىرىنى تەمتىرتىشكە باشلىدى، كېيىنكى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 40 مىنۇت بولغاندا، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ 7-نومۇرلۇق ئەزاسى ئەسقەر ئەپچىللىك بىلەن ۋاراتاغا بىر كاللا توپ ئۇردى، توپ قارشى تەرەپ ۋراتارىنىڭ بېشىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ ۋاراتاغا كىرەي دەپ قالغاندا قارشى تەرەپ بېكىنىڭ بەدىنىگە تېگىپ يېنىپ چىقتى، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ 9- نومۇرلۇق ئەزاسى ئەخمەتجان يېنىپ چىققان توپنى تېپىپ كىرگۈزۈپ، نەتىجىنى 1 دە 1 قېلىپ تەڭلەشتۈردى. پۈتۈن مەيدان قىقاس چۇقان بىلەن لەرزىگە كەلدى، تېخىمۇ رىغبەتلەنگەن شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ھۇجۇملىرى تېخىمۇ شىددەتلىك بولۇپ، قارشى تەرەپكە قاتتىق تەھدىت ئېلىپ كەلدى .

ئەزىمەتلىرىمىز مەيداندا كېيىنكى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 45 مىنۇت بولغاندا، شىنجاڭ كوماندىسى قارشى تەرەپ چەكلەنگەن رايونى ئالدىدا بىر قېتىملىق ئىختىيارىي توپ باشلاش پۇرسىتىگە ئېرىشتى، 2-نومۇر مۇستافا توپنى ۋاراتاغا بىۋاستە تېتىپ كىرگۈزىۋەتتى. مۇسابىقە نەتىجىسى 2 دە 1 بولۇپ ئۆزگەردى.

شىنجاڭ كوماندىسى كوللىكتىپ سۆرۈتى مۇسابىقىنىڭ ئاخىرىدا ئىككى كوماندا قايتا توپ كىرگۈزۈش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىدى. شۇنداق قىلىپ شىنجاڭ كوماندىسى 2 دە 1 نەتىجە بىلەن بېيجىڭ ياشلار كوماندىسىنى ئۇتۇپ قىممەتلىك ئۈچ نومۇرغا ئېرىشتى. 11-ئىيۇن شىنجاڭ كوماندىسى شىنجاڭ تەنتەربىيە مەركىزى تەنتەربىيە مەيدانىدا چىڭخەي سېنكې كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.


مۇسابىقە مەيدانىدىن كۆرۈنۈش

بېيجىڭدىكى مۇسابىقە كۆرگىلى كەلگەن پوتبول مەستانىلىرى

مۇسابىقە مەيدانىدىن كۆرۈنۈش

مۇسابىقە مەيدانىدىن كۆرۈنۈش

بېيجىڭدىكى مۇسابىقە كۆرگىلى كەلگەن پوتبول مەستانىلىرى

مۇسابىقە مەيدانىدىن كۆرۈنۈش

مۇسابىقە مەيدانىدىن كۆرۈنۈش

بېيجىڭدىكى مۇسابىقە كۆرگىلى كەلگەن پوتبول مەستانىلىرى

مۇسابىقە مەيدانىدىن كۆرۈنۈش

كوماندا ئەزالىرى توپ كىرگۈزگەنلىكىنى تەبرىكلىدى

كوماندا ئەزالىرى توپ كىرگۈزگەنلىكىنى تەبرىكلىدى

شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ باش تېرىنىرى سىرگى، كوماندىنىڭ غەلبىسىنى تەبرىكلىدى

بېيجىڭدىكى مۇسابىقە كۆرگىلى كەلگەن پوتبول مەستانىلىرى

كوماندا ئەزالىرى توپ مەستانىلىرىغا رەھمىتىنى بىلدۈردى
|