
بالىلىقتىكى ئاۋازىم ، ئېسىمدە ھېلىمۇ. ئاسماندا ئاي ،يەردە دەريا، دەريادىمۇ تۇرىدۇ تولۇنئاي ، ئاپا دەريالاردىن سۈزۈپ بەر ، شولىسى ئۇ دەپ زىنھار ئالدىما . 
بالىلىققا قايتقۇم بار مۇڭداشقۇم بار يۇلتۇزلار بىلەن، تەئەججۈپتە ئاسمانغا قاراپ. ھەسەن –ھۈسەن باغرىغا كىرىپ، پەرۋاز قىلسام كېچە ھەم كۈندۈز، ئايلارغا تاراپ. 
كەپتەرگە قونۇپ، بۈركۈتكە قونۇپ، ئۈزسەم كۆك قەھرىدە . يەنە، ئورغاق ئايغا ئېسىلىۋالغۇم بار. گاھ - گاھىدا شۇڭغۇپ دېڭىزغا، بېلىجاندىن تاتلىققىنە، ھېكايىلەرنى ئاڭلىۋالغۇم بار .

ئانامنىڭ گۈللۈك كۆينىگىنى كىسىپ قونچاقلىرىمغا
كۆينەك تىكىپ كەيگۈزۈۋالسام . رەڭلىك لېنتىلارنى ، چاچلىرىغا چېگىپ . كەمپۈتنىڭ ئىچىدىن چىققان مارجانلارنى ، بوينىغا چىرايلىققىنا ئېسىۋالسام، دادامنىڭ پۈتلىرىغا ئېسىلىپ يىغلاپ، بۆشۈك ياساتسام. ئەللەي ئېيتىپ، ئەللەي ئېيتىپ ، مەنمۇ بىللە ئۇخلاپ كەتسەم .

خىياللىرىم ، تاتلىق بەك تاتلىق. تاڭ نۇرىغا قوشماق ئاداش بولۇپ، شۇڭغۇپ كىرسەم دېڭىزغا . سۇ تەكتىدە تۇرغان پەرىگە، ئۈزۈپ يۈرسەم ئەگىشىپ بىردەم. 
بالىلىقىم تاتلىق خىيالىم، تىللىرىمدا تۈمەن سۆزلىرىم . خالاپ قالسام ناۋادا ئۆزۈم، ئاسمانلاردا ئۇچار ھېسلىرىم. خىياللارغا پاتقان قۇياشقا، ئاشنا بولغان سەبى چاغلىرىم. ئەتراپلارغا ھاڭۋېقىپ قاراپ، سۇئاللارغا تولغان كۆزلىرىم.

بالىلىقىمنى ئەسلەپ 
ئەڭ-ئەڭ بەخىتلىك چاغلىرىم ئىدى، ئانام ئېتىكىگە بېشىمنى قويغان. بارماقلىرى تارىغان چاچلىرىمنى ھەم، غەمسىز شۇنچىلىك ھېسلارغا تولغان. 
ئەركىلەپ دادامغا كەپسىز چۇرقىراپ، يىراقتىن ئۆزۈمنى باغرىغا ئاتقان. پۇرىسا بۇرنۇمغا كاۋاپنىڭ ھىدى ، سىز يەپسىز ماڭا يوق دەپلا دومسايغان.
بىر ھاززا يىغلىتىپ ئالسا قوينىدىن، قۇزىدەك خوشلۇقتا تاقلاپ سەكرىگەن، زوقلىنىپ ئاناممۇ قىلىقلىرىمغا ھەم، كايىغان دادامغا ئەمماكى كۈلگەن.
نەقەدەر بەخىتلىك ئىدى شۇ كۈنۈم، ئىزلەيمەن شۇ كەپسىز شوخلۇقلىرىمنى . .ئىزلەيمەن ئۇنىڭدىن تۇنۇش ھىدلارنى. بىر يىغلاپ بىركۈلگەن شۇ بالىلىقمنى.
|