تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 4131|ئىنكاس: 9

ئالامەت يۇمۇر[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئىسىمى
ئالىمجان
تىللا
145
تۆھپە
18
UID
17623
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

توخۇ  سېتىش



      بىر كۈنى ئانىسى 16-17 ياشلارغا كىرگەن بالىسىغا ئۆيدىكى خورازنى بازارغا ئاپىرىپ سېتىۋېتىپ كېلىشىنى بۇيرۇپتۇ  ۋە 30يۈەندىن كەم ساتماسلىقنى تاپىلاپ يولغا ساپتۇ؛ بۇ بالا يولدا ماڭغاچ كۆپرەك پۇلغا سېتىپ ئاشقىنىنى خەجلەشنى ئويلاپ بازارغا كىرىپتۇ. بىر ئادەم كېلىپ:
      - خوراز  قانچە پۇل ؟
      - 60 كوي.
      - 30 كويغا بىرەمسەن؟
      - ياق كەم بولا - دەپ بەرمەپتۇ.
      شۇنىڭ بىلەن بىر ئايال كېلىپ خورازنى 50 يۈەنگە ئۆيىگە ئاپىرىپ سويۇپ بېرىشكە  كېلىشىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ بالا  ئۇ ئايالنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، توخۇنى ئەمدى بوغۇزلاي دەپ تۇرۇشىغا، ئىشىكنى بىرسى چېكىپتۇ، ئايال جىددىيلىشىپ ئۇ بالىغا:
      -يولدىشىم خاتا چۈشىنىپ قالمىسۇن، سىزنى مۈكتۈرۈپ تۇراي - دەپلا  بالىنى توخۇ بىلەن قوشۇپلا  ئىشكاپقا سولاپ قويۇپ، بېرىپ ئىشىكنى ئاچسا بۇ ئايالنىڭ مەخپىي يولدىشى ئىكەن، بۇ ئايال چاندۇرماي  ئۆيگە باشلاپ، چاي قۇيۇپ بېرىپ بىرگە پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ، توخۇنىڭ گېپىنى دەي دەپ تۇرۇشىغا  يەنە ئىشىك چېكىلىپتۇ، ئايال دەرھاللا  ئۇنىمۇ  ھېلىقى ئىشكاپقا سولىۋېتىپ، ئىشىكنى ئاچسا بۇ قىتىم ئېرى راستىنلا كېلىپ قالىدىكەن، ئايال ئامالسىز قېلىپ تاماق ئېتىپ يەپ، ئېرى بىلەن ئەندىشە ئىچىدە  بىرگە يېتىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىشكاپتىكىلەر  چىقالماي ئىشكاپتا تۈنەيدىكەن، يېرىم كېچە بولغاندا بالىنىڭ ئىچى پۇشۇپ ھېلىقى ئادەمگە:
      - ئاكا توخۇ ئالامسىز؟ - دەپتۇ. بۇ ئادەم بۇ گەپتىن تېرىكىپ ئاۋازىنى ئۆزگەرتىپ تۇرۇپ:
      - كېچىدە ئاز گەپ قىل شۇمتەك - دېسە، بالا:
      - ئالمىسىڭىز  ۋاقىرايمەن، - دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەم يۈزى چۈشۈپ كېتىشتىن قورقۇپ:
      - قانچىگە ساتىسەن؟
      - 100كوي - دەپتۇ.  
      - 30 كويغا ئالاي.
      - 100 كويغا ئالمىسڭىز ۋارقىرايمەن - دەپتۇ، بۇ ئادەم ئامالسىز توخۇنى ئاپتۇ، يەنە بىردەمدىن كېيىن بالا:
      - ئاكا توخۇنى 20 كويغا ماڭا سېتىپ بېرىڭ - دەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان ئادەمنىڭ ئاچچىقى كېلىپ:
      - مېنى ساراڭ كۆرمە ھېلى بېكار بوغۇۋېتىمەن - دېسە، بالا:
      - ئەگەر ساتماي بوغىمەن دېسىڭىز  ئىشكاپنى تېپىپ  ۋارقىرايمەن، - دەپتۇ. ئۇ ئادەم ئامالسىز  توخۇنى بېرىپتۇ، شۇنداق قىلىپ بۇ بالا كېچىچە توخۇ ئېلىپ - سېتىپ 500 يۈەن تېپىپتۇ.      ئەتىسى ئەتىگەندە ھېلىقى ئايال مەخپىي ئېرىنى ئاۋۋال چىقىرىۋېتىپ، ئاندىن بالىغا توخۇسىنى ئالمايدىغانلىقىنى دەپ ئۆيدىن چىقىرىۋېتىپتۇ.
      شۇنداق قىلىپ بۇ بالا خۇشال ھالدا قايتىپ، ئۆيگە كىرسە ئانىسى ئاچچىقلاپ ئاخشام نېمىشقا ئۆيگە كەلمىگەنلىكىنى سوراپ بولغۇچە، دادىسى كېلىپلا بالىنىڭ قولىدىن تارتىپلا سىرتقا ئېلىپ چىقىپ:
      - يانچۇقىڭدىكى 500 كوينى چىقىرە  شۇمتەك - دېگۈدەك..........

ئايپاتەم مۇشۇ يەردەئىشلەمدا؟


    گېنىرال دائىم ئۆيدىن تاماق يىيىشكە ئادەتلەنگەن ئىكەن، بىراق ئايالى ئايپاتەم گاڭپەن،شويلا،پولو،شۆۋىگۆرۈچتىن باشقا تاماقلارنى ئېتەلمەيدىكەن،بۇ تاماقلارنى يەۋېرىپ زېرىككەن گېنىرال باشقا خىلدىكى تائاملاردىن يىمەكچى بولۇپ بىر ئاشپۇزۇلغا كىرىپ تاماق يىمەكچى بولۇپ مۇلازىمەتچىگە تاماق بۇيرۇتۇپتۇ،مۇلازىم بىردەمدىن كېيىن ئوخشىغان شويلا ئېلىپ چىقىپتۇ ،بۇنى كۆرگەن گېنىرال تۇرۇپ كېتىپ مۇلازىمغا:
-ئايپاتەم مۇشۇ يەردە ئىشلەۋاتامدۇ؟،-دېگۈدەك.

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
چالقۇشى
تىللا
455
تۆھپە
277
UID
13725
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 13:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاھاھا ................تازا كۈلۈپتىمەن....كۈلۈپ بۇلۇپ ھەمىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئاللاھدىن ئىنساپ تىلىدىم......................


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
قاراقاش
تىللا
997
تۆھپە
432
UID
312
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 14:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي نىمانداققىزىق يۇمۇر بۇ  ئاۋازىمنى قۇيۋىتىپ كۈلۈپتىكەنمەن ئىشخانىدىكىلەر قاراپ ھاڭ تاڭ قالدى


مەن ئاپامنىڭ ئاپپاق قاغىسى، يۇمشاق كىرپىسى.

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
نىفىت
تىللا
529
تۆھپە
300
UID
461
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 15:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىزنىڭ چىرايىدا داۋاملىق تەبەسسۇم بولسۇن !! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nifit تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-7 15:26  



Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
古丽仙
تىللا
845
تۆھپە
325
UID
7115
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 17:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەمنىڭ كەيپىياتى ياخشى ئەمەس چاغدا يۇمۇرمۇ بوپ قويىدۇ، خىلى كۈلۈۋاپتىمەن  


Rank: 1

تىللا
10
تۆھپە
3
UID
17530
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 17:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىززق يۇمۇرلاركەن


Rank: 2

ئىسىمى
ئالىمجان
تىللا
145
تۆھپە
18
UID
17623
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 18:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىڭى يۇمۇر بولسىلا يوللاپ تۇرىمەن


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مېھرىم
تىللا
1131
تۆھپە
818
UID
1246

قىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 18:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىغلاپ تۇغۇلدۇم كۈلۈپ ياشايمەن .

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مەلىكە مەتتوختى
تىللا
1812
تۆھپە
984
UID
684

جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 19:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تازا قىزىقككەن يەنە بولسا داۋاملىق يوللاپ تۇرىڭە


ھايات ـــ مەن ئۈچۈن بىر سىناق.

Rank: 6Rank: 6

تىللا
695
تۆھپە
393
UID
1303

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 01:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nifit يوللىغان ۋاقتى  2012-6-7 15:26
ھەممىزنىڭ چىرايىدا داۋاملىق تەبەسسۇم بولسۇن !!

تەبەسسۈمنىڭ ئېلانى بۇلۇپتۇ بۇ
ئاخىرىنى چۈشىرىۋىتەي: شۇڭا تەبەسسۈم ماركىلىق ئائىلە ئىلىكتىر سايمانلىرنى سېتىۋېلىڭ


نەغمە ناۋاسى كۆپ مىللەتنىڭ يىغىسىمۇ كۆپ بولىدۇ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-9 12:36, Processed in 0.080033 second(s), 27 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991