رۇستەم قاراسۇ
ئىجادىيەتلىرى
ئەزەلدىنلا پۇتبول خۇمار خەلقىمىز،
ئىھساقلىقلار ئەۋلادىدىن چۈنكى بىز.
يايراپ كېتەر پۇتبول تەپسەك تېنىمىز،
پۇتبول تەپكەن ئەجداتلارغا ئىزچى بىز.
بوشاشمىغىن مەيدانىڭدا ئەزىمەتلەر،
بارچە خەلق تىلىمەكتە تىلەكلەر.
يەر چىشلىسۇن ئالدىڭلاردا رەقىپلەر،
زەپەر قۇچۇپ يايراپ كەتسۇن يۈرەكلەر.
بىر نىيەتتە، بىر مەقسەتتە ھۇررا دەپ،
رەقىپلەرگە بوش كەلمەستىن پۇتبول تەپ.
ئون بىر جەڭچى تىزىلىڭلار بولۇپ سەپ،
يۇرتۇڭلارغا قوشۇڭلار كۆپ شان-شەرەپ.
تۇغقانلار
يىراقلاردا سېغىندىمغۇ تۇغقانلار،
بۇ ھالىمغا ئېچىندىمغۇ تۇغقانلار.
بويۇن قىسىپ ياقا-يۇرتتا يۈرگەندە،
قەدرىڭلار زەپ ئۆتۈلدىغۇ تۇغقانلار.
ھەر ئاخشىمى يىگانە مەن تۇغقان يوق،
كۈڭلۈم ئاچتۇر گەر بولسىمۇ قارنىم توق.
كۈلەلمەيمەن غېرىبلىقنىڭ دەستىدىن،
تۇغقانلارغا مەندەك تەشنا بولغان يوق.
قانات ئىكەن تۇغقان دېگەن ئىنسانغا،
بىلەر بۇنى مۇساپىر بوپ باققانلار.
يالغۇز ئاتنىڭ ئاشمىقى تەس داۋاندىن،
كارۋان بولۇپ داۋان ئاشساق تۇغقانلار.
ھاياتلىقتا
ھاياتلىقتا تېڭىرقايمىز بەكمۇ كۆپ،
بىلەلمەستىن ماڭار يولنى يولمۇ كۆپ.
ئويلاشماستىن باسقان قەدەم يىغلىتار،
شۇ سەۋەبلىك ھەممىمىزدە ئويمۇ كۆپ.
تەڭرى ئەمەس، لېكىن بىزلەر بەندە بىز،
بىلىپ بىلمەي گاھى يولدىن ئازىمىز.
بىلگەن ھامان يانار ئاقىل كەينىگە،
ئازمايمەن دەپ ئېيتالايمىز قايسىمىز؟
ياخشىلارنىڭ ئىزلىرىدىن گۈل ئۈنەر،
ھاياتلىقمۇ ياخشىلارغا ھەم كۈلەر.
يامانلارنىڭ تۆت كۈنلۈكتۇر كۈلكىسى،
ھامان بىر كۈن ھەسرەت بىلەن ياش تۈكەر.
رۇستەم قاراسۇ.................ئاتۇش
ئالاتاۋدا يېزىلدى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-7 12:20