خېجىڭ ناھىيەسى ئۇلانباي ئۆستىڭىنىڭ مۇھىتىنى كىم تۈزەيدۇ؟

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، خېجىڭ ناھىيە بازىرىنى كېسىپ ئۆتىدىغان ئۇلانباي ئۆستىڭىنىڭ سۇيى بۇلغىنىپ ، مۇھىتنىڭ ساپلىقىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزدى . بۇ ئىش ھازىرغىچە ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىمىدى . مەن ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ بۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن . چۈنكى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇلانباي ئۆستىڭىگە تۆكۈلىدىغان ئەخلەتلەر بارغانسېرى كۆپىيىپ كەتتى ، ئۇنىڭ ئۇستىگە ئۆستەڭنىڭ شەرق تەرەپ دامبىسىغا ئۆستەڭنىڭ ئىچىگە قارىتىپ نۇرغۇن ئوبۇرنىلار سېلىنغاچقا چوڭ-كىچىك تەرەتلەر ئۆستەڭنىڭ ئىچىگە ئېقىپ كىرىپ ئۆستەڭ سۇيىنى ئېغىر دەرجىدە بۇلغىۋەتتى . ئۇلانباي ئۆستەڭنىڭ شەرق تەرىپىدە ، ناھىيەلىك ياشانغانلار كومىتېتى ، ياشانغانلار پائالىيەت مەركىزى ، ناھىيەلىك پارتىيە مەكتەپ ، كېزە كەنت ئاھالىلار كومىتېتى ، ئۆستەڭنىڭ غەرپ تەرپىدە ناھىيەلىك 4-ئوتتۇرا مەكتەپ (موڭغۇل مەكتەپ) 1-ئوتتۇرا مەكتەپ ، ناھىيەلىك قاماقخانا ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى ، ناھىيەلىك مېھمانخانا ، 1-3- باشلانغۇچ مەكتەپ قاتارلىق نۇرغۇن ئىدارە- ئورۇنلار بار . ناھىيە رەھبەرلىرىنىڭ ئۆستەڭنى بويلاپ مېڭىپ ، ئەمەلىي ئەھۋالنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ بېقىشنى ، بۇ ئىشقا ئەھمىيەت بېرىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن .
|