تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 1870|ئىنكاس: 4

خەپ ھاراق (مۇخەممەس) (مەخمۇت ئاۋۇت) (مۇزاتى)[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
مەخمۇت ئاۋۇت
تىللا
151
تۆھپە
61
UID
11967
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

خەپ ھاراق



(مۇخەممەس)


(بىر مەيخور تىلىدىن)


مەخمۇت ئاۋۇت(مۇزاتى)


پۇلۇم باردا چىڭ ياماشتىڭ خەپ ھاراق،

پۇللىرىمنى بۇزۇپ چاچتىڭ خەپ ھاراق،

بىھۇش قىلىپ كۆڭۈل ئاچتىڭ خەپ ھاراق،

پۇلۇم تۈگسە زەھەر چاچتىڭ خەپ ھاراق،

مېنى سېرىپ بەدەر قاچتىڭ خەپ ھاراق.


زورلاش بىلەن ئوتلاپ سالدىم بىر نۆۋەت،

ئىككىنچىسى كەلدى يەنە قىپ دەۋەت،

ئۈچىنچىدە تەنگە كىردى جاسارەت،

ئىچكەنسىرى قىلالمىدىم قانائەت،

ئاستاغىنا ھىم چىرماشتىڭ خەپ ھاراق.



شۇندىن بېرى تۇتار پات-پات خۇمارى،

بولماس ئىچمەي ئۈلپەتداشلار قاتارى،

چىشلىۋالسا قىلار مېنى ئاھ-زارى،

شۇنداقتىمۇ بولغاچ يامان خۇمارى،

غۇلاچ كېرىپ قوينۇڭ ئاچتىڭ خەپ ھاراق.


دائىم ئىشكەچ ئايلاندۇردى زابويغا،

كەيىپلىكتە سالدى مېنى ھەر كويغا،

ئەقلىم يوقاپ ئوخشاپ قالدىم تومپايغا،

شالىم چېچىپ يۈردۈم قاتراپ ھەر جايغا،

ھۇش-كاللامنى ئېلىپ قاچتىڭ خەپ ھاراق.


مەسخۇش يۈرگەچ يۈرۈشمىدى ئىشلىرىم،

مۇشت-پەشۋا يەپ ساق قالمىدى چىشلىرىم،

كەتتى زايە ۋاقتىم، يازۇ-قىشلىرىم،

كۆرگەنلىرىم بولدى خىيال-چۈشلىرىم،

تاۋىقىمغا توپا چاچتىڭ خەپ ھاراق.


كەيىپلىكتە تاپالمىغاچ ئۆيۈمنى،

يۇرت ئىچىدە تۆكۈۋالدىم يۈزۈمنى،

ئەمدى ھېچكىم ئىلىك ئالماس سۆزۈمنى،

ئەجەپ بولدۇم تونالمىدىم ئۆزۈمنى،

زەئىپلەشتىم، سەن ياماشتىڭ خەپ ھاراق.


ئىچىۋەردىم بىلىپ ئۇنى غەنىمەت،

كېلىپ ئېغىر بولالمىدىم سالامەت،

ئىشتىن قېلىپ كەملىدى پۇل-دارامەت،

گاراڭ يۈرگەچ قاچتى مەندىن قۇت-ئامەت،

زاۋاللىققا سەن يول ئاچتىڭ خەپ ھاراق.


رىقابەتتە سەن يەڭدىڭ، مەن ئۇتۇلدۇم،

جىنايەتكە يول ئېلىپ مەن تۇتۇلدۇم،

تەربىيىدە ئۆزگەرتىلدىم، كۈتۈكدۈم،

بۇ نىجىستىن پاكلاندىم ھەم قۇتۇلدۇم،

سەسكەندۈردۈڭ،ھەدىن ئاشتىڭ خەپ ھاراق.


كەچتىم سەندىن يولىمايمەن يېنىڭغا،

جەۋرى سالدىڭ قىيناپ مېنىڭ جېنىمغا،

كۈيە بولدۇڭ بىسات ، پۇلۇ-مېلىمغا،

خەنجەر ئۇردۇڭ ساپ يۈرۈگۈم-دىلىمغا،

لەنەت ساڭا، زېھنىم قاچتى خەپ ھاراق.


..............................................


ئەي يارەنلەر بۇ كوچىغا كىرمەڭلار،

بولۇپ خۇمار شىرىن خىيال سۈرمەڭلار،

ئۇ باشلىسا ھەريان ئېزىپ يۈرمەڭلار،

ئىبرەت بولسۇن مەندەك كۈننى كۆرمەڭلار،

تۇيۇق يولغا ئىشىك ئاچتىڭ خەپ ھاراق.



ئاپتورى : باي ناھىيىسىدىن: مەخمۇت ئاۋۇت(مۇزاتى)

يېزىلغان ۋاقتى: 2012-يىل 6-ئاينىڭ4-كۈنى(باي)


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
古丽仙
تىللا
845
تۆھپە
325
UID
7115
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي ھاراق  نەس ھاراق
سەندىن نىرى تۇرعان ياحشىراق     


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مېھرىم
تىللا
1131
تۆھپە
818
UID
1246

قىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەسلىك ، پەسلىك دەپتىكەن ، ئەڭ ياخشى نىرى تۇرغان ياخشى .مۇخەممەس  ياخشى  چىقىپتۇ .


يىغلاپ تۇغۇلدۇم كۈلۈپ ياشايمەن .

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مۇنەۋەر
تىللا
429
تۆھپە
236
UID
12654
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى ياخشى يېزىلىپتۇ.مەزمۇنى مول ئىكەن.


Rank: 6Rank: 6

تىللا
682
تۆھپە
356
UID
2930

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلغان مۇخەممەسكەن،ئەجىرىڭىزگە رەخمەت.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-9 15:57, Processed in 0.078841 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991