تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 680|ئىنكاس: 1

تەبىئەت پەلسەپىسى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

ئىسىمى
نىجات ئىبراھىم
تىللا
36
تۆھپە
9
UID
2116
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تەبىئەت پەلسەپىسى



▲ئات بوش توپىدا ئاسان مۈدۈرۈپ كېتىدۇ،ئادەم شېرىن-شېكەر سۆزلەر ئىچىدە ئاسان يىقىلىپ چۈشىدۇ.
▲4يىل جاپالىق ئىشلەپ تاپقان-تەرگىنىنى بىر كۈندە تۈگىتىۋېتىش،مانا بۇ تومۇزغىنىڭ تۇرمۇشى.
▲بېلىققا قانات چىقارغاندىن كۆرە،كۆلچەك ياساپ بەرگەن ياخشى.
▲بوران دەرەخنىڭ چۇڭقۇر يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.
▲زەنجىۋىلنىڭ كونىسى ياخشى،بامبۇك نوتىسىنىڭ يۇمرىنى(ياخشى).
▲ئېگىز بويلۇقلار ھېمىشە بېشىنى تۆۋەن سېلىپ سۆزلەيدۇ.
▲كومپاس مەنزىلدىن دېرەك بەرمەيدۇ.
▲تاغ سۇلىرىنىڭ سۈزۈك بولىشى ئۇنىڭدا قۇم-شېغىل،ئەخلەت-چاۋارلارنىڭ بولمىغانلىقىدا ئەمەس،بەلكى ئۇنىڭ مەرت،ئىدراكلىق،غۇبارسىز،كەڭ قورساق بولغانلىقىدا.
▲چىشلىق چاقلىرىنىڭ نازۇك بولىشى سەۋەبلىك،سائەت تەمكىن كۆرۈنىدۇ.
▲ئىككى پىل سوقۇشۇپ قالسا،چىملىق بالا-قازاغا ئۇچرايدۇ.
▲توخۇ سوتچى بولسا،سۈۋەرەك مەڭگۈ ئادىللىققا ئېرىشەلمەيدۇ.
▲چاشقان ئۇۋىسىنىڭ يېنىدىلا مۈشۈكنى مازاق قىلالايدۇ.
▲خورازنى ئۆلتۈرىۋەتكەن تەقدىردىمۇ تاڭنىڭ ئېتىشىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ.
▲بىر دانە شىرنىڭ يۈز تۇياق قويغا رەھبەرلىك قىلىشى،بىر تۇياق قوينىڭ يۈز دانە شىرغا رەھبەرلىك قىلىشىدىن قورقۇنۇچلۇق.
▲ئاق چۈمۈلە ئۆزى يۈدۈپ كېتىپبارغان شال پاخىلىنى پەقەت ياخشى كۆرمەيدۇ،قارىماققا يېقىن ئادىمىڭىزنىڭ سىزنى سۆيىشى ناتايىن.
فېلياتونلاردىن تاللانمىلار ژورنىلىنىڭ2012-يىللىق5-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى
نىجات ئىبراھىم


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 3Rank: 3

تىللا
219
تۆھپە
44
UID
11362
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 09:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەمنى تەپەككۇر قىلىشقا ئۈندەيدىغان ياخشى تېما ئىكەن .


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-9 13:32, Processed in 0.070623 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991