ھايۋانلارنىڭ ئادەملەرگە ئەرزى
ئېشەك: ئىنسانلار ئۆزلىرىى ئىنتايىن دۆت تۇرۇپمۇ يەنىلا بىزنى ھەمىشە”دۆت ئېشەك“ ،دەپ تىللايدۇ.
مۈشۈك:ئادەملەر باشقىلارغا سۈيقەست ئىشلىتىپ تۇرۇپمۇ ئۇ،”ئوغرى مۈشۈك“ نىڭ ئىشى، دەيدۇ.
چاشقان:ئادەملەر كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتنىلا ئويلاپ،يىراققا نەزەر تاشلىمايدۇ-يۇ،بىراق بىزنى”چاشقان بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرىدۇ“،دەپ تىللايدۇ.
تۈلكە:بەزى ئادەملەر مۇغەمبەر قىياپەتكە كىرىۋېلىپ باشقىلارغا ھەيۋە قىلىدۇ،ئەمما بىزنى” تۈلكىنى كۆرەڭلەتكەن يولۋاسنىڭ ھەيۋىسى “، دەپ تىللايدۇ.
توشقان: بەزى ئادەملەر كۆپ ئورۇندىن ئۆي ئىگىلەپ تۇرۇپمۇ بىزنى” قۇۋ توشقاننىڭ ئۇۋىسى ئۈچ “، دەپ تىللايدۇ.
......
ھايۋانلار،ئادەملەردە”ئادەمگە خاس ئەخلاق“ بولىشىنى،ھايۋانلارنىڭ پاكلىقىغا داغ تەككۈزمەسلىكىنى بىردەك تەلەپ قىلىدۇ.
نەتىجە
قۇرۇلۇشنى مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملاشقا ئامال بولمىدى.
ھۆددىگەر قۇرۇلۇش ئەترىتىنىڭ باشلىقىنى ئەيىپلەپ،-ماڭا شارائىت توغرىلىق سۆزلىمەي،نەتىجىسىنىلا دوكلات قىلساڭ كۇپايە،-دېدى.
قۇرۇلۇش ئەترىتىنىڭ باشلىقى سمېنا باشلىقىنى تەنقىتلەپ،- ماڭا قائىدە سۆزلەپ ئولتۇرماي،نەتىجىسىنىلا سۆزلىسەڭ كۇپايە،-دېدى.
سمېنا باشلىقى ئىشچىلارنى تىللاپ،-سەنلەرگە شۇنى دەپ قوياي،ماڭا شارائىت توغرىلىق، قائىدە توغرىلىق سۆزلەشنىڭ ھاجىتى يوق، نەتىجىسىنىلا كۆرسەم كۇپايە......،-دېدى.
شۇنىڭ بىلەن،ئىشچىلار سمېنا قوشۇپ ئىشلىدى.
كىيىن،قۇرۇلۇش توساتتىن ئۆرۈلۈپ چۈشتى.
نەتىجىدە،ساقچىلار كېلىپ ھۆددىگەرگە،-سوت ساڭا ئەڭ ئاخىرقى نەتىجە چىقىرىدۇ،-دېدى.
يىتتۈرۈش
ياپونىيەلىك بىر ئادەم ۋېلىسپىتىنى يىتتۈرۈپ قويغان ئىكەن،ساقچى تاغىلار شىددەت بىلەن ھەركەتلىنىپ،قىسقىغىنە ئۈچ كۈن ئىچىدە ئاجيىپ ماھارەت بىلەن ئەنزىنى پاش قىلىپ، مالنى ئىگىسىگە ساق-سالامەت قايتۇرۇپ بەرگەن.
بىز سانسىزلىغان ۋېلىسپىت ۋە موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى يىتتۈردۇق،ئەمما ساقچى تاغىلار،-قايتىپ كېتىپ خەۋىرىمىزنى كۈتۈڭلار،-دېدى.كۈتۈلمىگەن ئەھۋال يۈز بەرمىسە،مۇشۇ كۈتۈشتە،بىرنەچچە يىل كۈتىمىز.
فېلياتونلاردىن تاللانمىلار ژورنىلىنىڭ2012-يىلى5-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى
نىجات ئىبراھىم