ماڭا تېزراق بىر مەسلىھەت بەرگەن بولساڭلار
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قانۇن مەسلىھەتچىللىرى،ياخشىمۇ سىزلەر؟مەن بىر چوڭ تىپتىكى يۈك ماشىنا شوپۇرى ،ئازىراق كاشىلىغا يولۇقۇپ ،سىزلەردىن مەسلىھەت سوراپ بىقىشقا مەجبۇر بولدۇم،قىممەتلىك ۋاقتىڭلارنى چىقىرىپ ماڭا مەسلىھەت بېرىشىڭلارنى سەمىمى ئۈمىت قىلىمەن! 2012-يىلى5- ئاينىڭ 6-كۈنى،غۇلجا ناھىيە ،قارا ياغاچ يېزىسىدىكى مەلۇم كۆمۈر كانغا كۆمۈر باسقىلى باردىم.كۆمۈر كاندا ماشىنىلار ناھايىتى كۆپ ئىكەن،لېكىن مېنىڭ ماشىنام كۆمۈر بىسىش ئۆچىرەت تالۇنىنى تېخى ئالالمىغان ئىدى،ئۆچىرەت تالونىنى ئالماي تۇرۇپ كۆمۈر بېسىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى! مەن شوپۇرنى ماشىنىدا قالدۇرۇپ،تاماققا كەتتىم،شۇچاغدا بىزنىڭ ئارقىمىزدا تۇرغان بۆرىتالا نوپۇسىدىكى بىر ماشىنا قەستەنگە مېنىڭ ماشىنامنى ماشىنىسى بىلەن سوقۇپ ،ماشىنامنى ئوتتۇرا دەرىجىدە زەخمىلەندۈرۈپ ،ئۇنىڭ بىلەنلا بولدى قىلماي،ماشىنا كابىنكىسىغا توپلىشىپ بېسىپ كىرىپ شوپۇرنى ئۇرۇپتۇ،ئۇلارنىڭ قولىدا تۆمۈركالتەكلەر بار ئىكەن!ئەتراپتىكىلەر كېلىپ جىدەلنى بېسىقتۇرغاندىن كىيىن مەن كەپتىمەن! قارشى تەرەپنىڭ سۆزىگە قارىسام،مېنىڭ ئۆچېرەت تالونىم بار !سېنىڭ ماشىناڭ مېنىڭ ئالدىمغا كىرىۋالدى شۇڭا موشۇنداق قىلدىم دېگەن داۋلىنى ئوتتۇرىغا قويدى.مەن ،ئۇنى دېدىم! ئۇ بۇنى دېدى! كېلىشەلمىدۇق،ئاخىرى يەرلىك ساقچىخانىغا دىلو مەلۇم قىلدۇق،ساقچىخانا خادىملىرى نەق مەيدانغا كېلىپ،خاتىرە قالدۇردى،بىزدىن ئەھۋال ئىگەللىدى،ھەم:ھازىرچە قاتناش ساقچىسىغا دىلو مەلۇم قىلماڭلار،بىز مۇرەسسە قىلىپ باقايلى !دىدى.مەن ماقۇل بولدۇم،ھەم تەلىۋىمنى ئوتتۇرغا قويدۇم. 1-ماشىنامنىڭ رىمونت ھەققىنى كۆتەرسۇن! 2-موشۇ سەۋەپتىن ماشىنامنىڭ ئىشتىن قىلىش چىقىمىنى تۆلەپ بەرسۇن! قارشى تەرەپ مېنىڭ ماشىنامنىڭ رىمۇنت خىراجىتىنى كۆتىرىمەن،باشقا چىقىمىنى تونىمايمەن دەپ تۇرىۋالدى.ئۇنىڭ داۋلىسى ،ئۇلار مېنىڭ ماشىنامنىڭ كابىنكىسىغا بېسىپ كىرىپ شوپۇرىمنى ئۇرۇش جەريانىدا بىرسىنىڭ بىر تال چىشى چۈشۈپ كېتىپتىمىش! ئاخىرى مۇرەسسەدە كېلىشەلمەي،ئەتىسى غۇلجا ناھىيىسى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى ،مەلۇم ئوتتۇرا ئەترىتىگە دىلو مەلۇم قىلدىم.قارشى تەرەپ ئۆزى قاتناشقان ئىستىراخۇانىيە شىركىتىگە دىلو مەلۇم قىلدى،ئىستىراخۇانىيە خادىملىرى كېلىپ،نەق مەيداننى سۈرەتكە تارتىپ،بىر قاتار باھالاشلارنى قىلغاندىن كىيىن،بارلىق مەسئۇلىيەتنىڭ قارشى تەرەپتە ئىكەنلىكىنى،مېنىڭ ماشىنامنى تولۇق تۆلەپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ كېتىپ قالدى،چۈشتىن كېيىن قاتناش ساقچىلىرى كەلدى،ئۇلارمۇ ئوخشاش تەكشۈرۈشلەرنى تاماملىغاندىن كېيىن،ھەر ئىككى ماشىنىنى تۇتۇپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ماشىنىلارنى ئۆزلىرىنىڭ ماشىنا توختۇتۇش ئورنىغا قاماپ قويدى!شۇ ئىشلار بىلەن كەچ بولۇپ كەتتى،ئەتىسى ئەتىگەندە قاتناش ساقچى ئوتتۇرا ئەترىتىگە بارساق ،ئۇلار بىزنى غۇلجا ناھىيەلىك قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى ،ۋەقە بۆلىمىگە بېرىڭلار! دېدى. ئۇ يەرگە بارساق ،ئۇلار بىزدىن ئازراقلا ئەھۋال ئىگەللەپ،بۇ قاتناش ۋەقەسى ئەمەس ئىكەن! دەپ بىزنى قايتۇرىۋەتتى.بىز يەنە ئوتتۇرا ئەترەتكە باردۇق،ئۇلار:بۇ بىزنىڭ خىزمەت دائىرىمىزدىكى ئىش ئەمەس ئىكەن،ماشىناڭلارنى ئېلىپ كېتىڭلار!دېدى.مەن ،ماشىنامنى ھازىرچە ئەكىتەلمەيمەن ،سىلەرنىڭ ماشىنا توختىتىش مەيدانىڭلاردا تۇرۇپ تۇرسۇن،ماشىنا توختىتىش ھەققىنى تولۇق تۆلەي!دېسەم ،قاتناش ساقچىسى ماڭا ۋارقىراپ كەتتى،مەن ئەھۋالنى چۈشەندۈرىۋاتقان ۋاقىتتا ئەترەت باشلىقى چىقىپ:ماشىنىنى ھەيدىگەن قايسىڭ!دەپ ۋارقىرىدى مەن:ماشىنا مېنىڭ،ھەيدىگەن نەۋرە ئىنىم،دېيىشىمگە يۈگىرەپ كېلىپ بىر شاپلاق سالدى!ھەم بۇيەردىن يوقال! دەپ مېنى قوغلاپ چىقاردى،بۇ بىر شاپىلاق ماڭا ئىنتايىن ھار كەلدى،دەرھال 110غا: قاتناش ساقچىسى ئادەم ئۇردى دەپ دىلو مەلۇم قىلدىم،ئۇلار يېتىپ كىلىپ ،ئەھۋال ئىگەللەپ ،ئەتە جاۋاپ بېرەيلى دەپ كېتىپ قالدى مەن ئاشۇ ماشىنىدا بىر مېيىپ بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ئائىلىنى بېقىۋاتقان بولغاچقا ماشىنىنىڭ ھەلەكچىلىكىدە ،ئەسلىدىكى ساقچىخانىغا يەنە باردىم.ئۇلار كېلىش مەقسىدىمنى ئۇققاندىن كىيىن،يەنە بىر قېتىم مۇرەسسە قىلىپ باقماقچى بولدى.مۇرەسسەنىڭ يەنىلا ئۈنىمى بولمىدى،مەن :مەسئۇلىيەتنى يا ماڭا،يا قارشى تەرەپكە،يا ئىككىمىزگە بۆلۈپ بىر ئىسپات چىقىرىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدىم.ئۇلار بولىدۇ ئىسپات چىقىرىپ بېرىشكە ۋاقىت كېتىدۇ،ئىمكان بار مۇرەسسە ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىمىز!دەپ مېنى يولغا سالدى ،ئەپسۇسكى تا ھازىرغىچە يا مۇرەسسە قىلىمىدى ،يا ئىسپات چىقىرىپ بەرمىدى.ھەر قېتىم تېلېفون قىلىپ سۈرۈشتۈرسەم،قارشى تەرەپ بۆرىتالاغا كېتىپ قاپتۇ،ئالاقىلىشالمايۋاتىمىز،دەپلا جاۋاپ بېرىدۇ،مانا بىر ئاي بولدى، 110نىڭمۇ قاتناش ساقچىسىنىڭ ئادەم ئۇرۇشى ھەققىدە ھېچقانداق جاۋابىنى ئالالمىدىم!ماشىنام تېخى شۇ پېتى ياسالماي تۇرىدۇ،چۈنكى ئىگە بولىدىغان ئادەم يوق! سوئالىم: 1-يۇقۇرىقىدەك ئەھۋالدا مەن قايسى ئورۇنغا ئەرىز قىلىشىم كېرەك؟ 2-قاتناش ساقچىسىنىڭ ئادەم ئۇرىشى توغرىمۇ،مەن دىلو مەلۇم قىلساممۇ110ماڭا ھىچقانداق جاۋاپ بەرمىدى،بۇ قانۇنلىقمۇ؟ 3-يۇقارقى سەۋەپتىن ماشىنام بىر ئاي ئىشتىن قالدى،ماشىنامنىڭ ئىشتىن قېلىش ھەققىنى تەلەپ قىلسام بولامدۇ؟ئايلىقىغا قانچە پۇل تەلەپ قىلسام بولىدۇ ؟(ماشىنام 30توننىدىن يۇقىرى يۈك باسالايدۇ) 4-ساقچىخانىنىڭ قارشى تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشالمايۋاتىمىز،دېيىشى توغرىمۇ؟ئۇلارنىڭ قارشى تەرەپنى ماڭا تېپىپ بېرىش مەسئۇلىيىتى بارمۇ يوق؟ياكى ئۆزەم تاپامدىم؟ 5-بۇ دىلوغا زادى قايسى ئورۇن مەسئۇل بولىدۇ؟ئۇلارنىڭ ھۆكۈم چىقىرىش مۆھلىتى قانچىلىك؟ياكى ۋاقىت سۈرىكى يوقمۇ؟ خاپا بولماي ماڭا تېزراق بىر مەسلىھەت بەرگەن بولساڭلار،ۋاقىت بەك ئۇزىراپ كەتتى! ھالۋىنى ھېكىم يەپ ،تاياقىنى يېتىم يەپتۇ ! دېگەندەك بولغۇلۇق ماڭا بولمىسۇن!رەھمەت!
|