گۈل ۋە دوپپا
شۇنداق قارىسام ياتىقىمنىڭ ئالدىدىكى بۇلتۇر ئۆزۈم كۆچۈرگەن ئەتىرگۈل پەقەت بىر دانە پورەكلەپ ئىچىلىپتۇ ، ئۇزاقتىن ئۇزاق زوق ئېلىپ قاراپ كېتىپتىمەن ، ئۆز ئەمگىكىنىڭ مېۋىسى باشقىچە بولىدىكەن ، گۈلگە قاراپ مەندە شۇنداق بىر ئىلھام پەيدا بولدى ، ئەگەر ۋاقىتنى چىڭ تۇتمىسام قوشنامنىڭ ئۇششاق كەپسىز بالىلىرىنىڭ ئۈزۈپ توزىتىۋېتىشىدا گەپ يوق ئىدى . يەنە شۇنداق قارىسام يولدىن دوپپا كەيگەن بىر كىچىك قىزچاق ئۆتۈپ قالدى .... "دوپپا" ...ئىلھاملىرىمغا يەنە ئىلھام قوشۇلدى ..... شۇنداق قىلىپ بۇ ئۈچ پارچە ئىجادىي ئەسىرىم مەيدانغا كەلدى . قىممەتلىك باھا ۋە يىڭىچە تەكلىپلىرىڭلار بولسا كۆرسەتمە بېرىشىڭلارنى چىن قەلبىمدىن ئۈمىد قىلىمەن .( رەھمەت )



بۇ سۈرەتكە ھېچقانداق قوشۇمچە نۇر ( چىراق ) ئىشلەتمىگەن ( شۇ چاغدا ھاۋا توپا رەڭ بولۇپ قۇياش نۇرىمۇ تولۇق ئەمەس ئىدى ) ۋە ياكى رەسىمخانىدەك ئالاھىدە ئورۇندا تارتىلمىغان ، پەقەت ھويلىدا سۆگەت تال ئاستىدىكى ئارام ئېلىش ئۈچۈن قويۇلغان قىزىل داستىخان سېلىنغان ئۈستەلنىڭ ئۈستىگە قويۇپلا تارتىلغان ....