مەن كۈتكەندەك كۈتمىدى يۈرەك
مەقسۇت ئەمىن ئەركيار
كۈتۈشلەردە روھىم يۈتكەندەك،
كەلگىن جانان قايتىپ كەل تېزرەك.
ئىككى دۇنيا كۈتەتتىم سېنى،
مەن كۈتكەندەك كۈتمىدى يۈرەك.
يېغىن پەسلى باغلار باھارسىز،
كۈتۈش بەلكىم بەخىت قارارسىز.
زۆھرە تاڭغا يۈز ئاچقان كەبى،
كەلگىن جېنىم،سۆيگۈ گۇناھسىز!
گەپ يوق
مەقسۇت ئەمىن ئەركيار
يامغۇر يەرگە سىڭمەكتە،بورانلار ھۇۋلىسا گەپ يوق،
بۇلبۇلنىڭ بۇغۇق ئۈنى،كاككۇكلار توۋلىسا گەپ يوق.
ئەلىمى تاغدىن ئېشىپتۇ تاغچىنىڭ،تارغاقچىنىڭ،
كۆك ئوسما سۇلاش بۈگۈن قاشلارغا قويمىسا گەپ يوق!
غەيۋىتى زەپ ھۆركىرەيدۇ،جۈرئىتى يەر تېگىدە،
بىرلىكى ھاسىل ئەمەس جېدەل،«ساپا»سىدا گەپ يوق.
ئوتتۇردا قاڭشار بولمىسا كۆزنى كۆز يەرمىش ئۇدۇم،
غۇرۇرنى پاناھ قىلغان چىرايلىق خاتاسىدا گەپ يوق.
بىكارچىنى بىرزامان كالتەكتە ئىشقا ھەيدىگەن،
گۈل زامان،ئاقنانچىنىڭ بەرگەن «ۋاپا»سىدا گەپ يوق.
بىرى غولى قۇرۇپ خامان سۇرارغا شامال كۈتەر،
بىرلىرى كۆلگىسىدە،چالغان دۇتارسىدا گەپ يوق!