باداشقان قۇرۇپ ئولتۇرۇش روھىي بېسىمنى يوقىتىدۇ
دائىم باداشقان قۇرۇپ ئولتۇرۇشنى مەشىق قىلىش پۇت،ئوشۇق، يانپاش سۆڭەكنىڭ ئىلاستىنكىلىقىنى ياخشىلاپ، پۇت ۋە يانپاش سۆڭەكنى ئېگىلىشچان قىلىدۇ.يەنە بەدەننىڭ تۆۋەن قىسمىنىڭ قان ئايلىنىشىنى ئازايتىپ ۋە ئاستىلىتىپ، بەدەننىڭ يۇقىرى قىسمىنىڭ ، بولۇپمۇ كۆكرەك بوشلۇقى ۋە مېڭىنىڭ قان ئايلىنىشىنى تېزلىتىدۇ. ئەڭ مۇھىمى، بۇ ئولتۇرۇپ نەپەس ئېلىشقا پايدىلىق بولۇپ، نەپەسلىنىش سېستىمىسىنى توسالغۇغا ئۇچراتمايدۇ،بەلكى نەپەسنى راۋانلاشتۇرىدۇ.
كرىسلودايېتىپ تىلېۋىزور كۆرۈش ئاسانلا قان نوكچىسى پەيدا قىلىدۇ
تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ئۇزۇن ۋاقىت كىرىسلودا يېتىپ تېلېۋىزور كۆرۈش ئۆپكىدە قان نوكچىسى بولۇش خەتىرىنى بىر ھەسسە ئاشۇرىۋېتىدىكەن.
تەتقىقاتتىن قارىغاندا، ساغلاملىقنى ساقلاش ئۈچۈن، چوقۇم ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تاللاپ، بەدەن چېنىقتۇرۇپ، ئۆپكە ۋە ۋىنادا قان نوكچىسى بولۇش خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەككەن.
ماتېرىيالدىن ئېلىندى