بۈگۈن ئىشخانامغا كېلىپ قولۇم سەل بوشىغاندا تورغا چىققان ئىدىم . توردا «ئۇيغۇر ھازىرقى زامان سەنئىتىدىكى يىگانە پىشىۋا ، چالغۇچىلارنىڭ ئۇستازى دەپ تەرىپىلەنگەن غىجەك پىرى ... كومپوزىتۇر ئەكرەم ئۆمەر (غىجەك) 2012- 6 ئاينىڭ 2- كۇنى سەھەردە بىيجىڭدا 48 يىشىدا تۇيۇقسىز ئالەمدىن ئۆتتى... » دىگەن خەۋەرنى كۆرۈپ قالدىم . مەرھۇمنىڭ روھىغا دۇئا قىلىش بىلەن بىرگە بۇ سەنئەتكارغا بولغان چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە سېغىنىشىمنى ئۆزەم تارتقان سۈرەتلەرنى ئاختۇرۇپ بىر قۇر كۆرۈپ چىقتىم . 2012-يىل 4-ئاينىڭ 6-كۈنى ئۈرۈمچى خەلق سارىيىدا چوڭ تىپتىكى مىللىيچە سېمفونىيە «گۈزەل شىنجاڭ»نىڭ شىنجاڭدا سەييارە ئويۇن قويۇش مۇزىكا كېچىلىكىدىكى ئۇنىڭ ئوبرازى كۆز ئالدىمدا نامايەندە بولۇپ ، ئۇنىڭ ئورۇندىغان مۇڭلۇق مۇزىكىسى قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلىغاندەك بولدى . ئۇزاققا سوزۇلغان چاۋاقلار ھازىرمۇ ئېسىمدىن چىقمايدۇ . مانا بۇ كۆرۈنۈش ، مەرھۇمنى ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشۈم بولۇپ قېلىشىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن .
