تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 8534|ئىنكاس: 13

ماھىر غىجەكچى مەخمۇت ئابلېزغا تون كىيدۈرۈلدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

تىللا
185
تۆھپە
15
UID
5032
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ماھىر غىجەكچى مەخمۇت ئابلېزغا تون كىيدۈرۈلدى


8c89a58fbd3a11366f9106.jpg


      2012-يىل 3-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن، تونۇلغان مۇقام سەنئەتكارى، ماھىر غېجەكچى مەخمۇت ئابلېز ئەپەندىگە تون كىيدۈرۈش مۇراسىمى ئاق بوز ئات رېستورانىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پائالىيەتكە مەخمۇت ئابلىز ئەپەندىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان، دوستلىرى، خىزمەتداشلىرى، يۇرتداشلىرى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نۇقتىلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن بولۇپ، 300 تىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى.



2.jpg


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مەسلىھەتچىلەر ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور يېتەكچىسى، تىلشۇناس، پىروفېسسور ئارسلان ئابدۇللا تەھۇر مەخمۇت ئابلىزنىڭ تەرجىمىھالىنى تونۇشتۇردى



      پائالىيەتتە مەخمۇت ئەپەندىنىڭ سەنئەت ھاياتى تونۇشتۇرۇلدى، ئۇنىڭ قۇمۇل ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمەكتە ئۇزۇن يىل ئىشلەپ، قۇمۇل 12 مۇقامىنى توپلاش، رەتلەش، ئېيتىش، شۇنداقلا مۇقام ۋارىسلىرىنى تەربىيەلەش جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. ئۇنىڭ يۇرتداشلىرى، كەسىپداشلىرى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۇنىڭغا گۈلدەستىلەرنى تەغدىم ئەتتى، تون كىيگۈزدى. ھەممەيلەن مەخمۇت ئابلىزغا زور ئۇتۇق، ئائىلىسىگە سالامەتلىك، ئاسايىشلىق تىلەشتى.

      تونۇلغان مۇقام سەنئەتكارى، ماھىر غېجەكچى مەخمۇت ئابلىز ئەپەندىنىڭ تەرجىمىھالى:

      مەخمۇت ئابلىز 1950-يىلى قۇمۇل شەھىرىنىڭ ئاستانە يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1958-يىلىدىن 1966-يىلىغىچە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى شۇ يەردە ئوقۇغان. 1966-يىلىدىن 1976-يىلىغىچە يېزىدا قايتا تەربىيە ئالغان ۋە يېزا، ناھىيە، ۋىلايەت تەۋەسىدىكى ئىشتىن سىرتقى سەنئەت پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان. ئۇنىڭ سەنئەت جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى ئالاھىدە ئېتىبارغا ئايلىنىپ 1976-يىلى 1-ئايدا قۇمۇل ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكىگە قوبۇل قىلىنغان، مەخموت ئابلىز قۇمۇل سەنئەت ئۆمىكىگە قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن پىشقەدەم ئۇستازلاردىن كەسپىي بىلىملەرنى كەمتەرلىك بىلەن ئۆگىنىپ ئۆزىنىڭ سەنئەت جەھەتتىكى ماھارىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تىرىشتى. شۇ چاغلاردا ئالقىشقا ئېرىشىۋاتقان «غېرىب - سەنەم»، «غۇنچەم»، «گۈلنىسا»، «ۋەتەن قۇربانلىرى»...قاتارلىق درامىلاردا رول ئالدى ۋە مۇزىكا ئورۇنلاش جەھەتتىكى تالانتىنى نامايان قىلدى.


3.jpg


      مەخمۇت ئابلىز 1978-يىلى «يۇرتىمىز گۈللەيدۇ مەڭگۈ»، «ئايدىڭدا» قاتارلىق ناخشىلىرى بىلەن ئىجادىيەت سېپىگە رەسىمي قەدەم قويدى. شۇندىن ئېتىبارەن ھازىرغا قەدەر 100 گە يېقىن ناخشا-مۇزىكا ئىشلىدى. بۇ ئىجادىيەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى رادىيودا، ئاز بىر قىسمى تېلېۋىزوردا ئېلان قىلىندى.

      مەخمۇت ئابلىز 2005-يىلى پېنسىيەگە چىققانغا قەدەر ئىجاد قىلغان ناخشا-مۇزىكىلاردىن ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدىكى ھەرخىل باھالاش پائالىيەتلىرىدە «قۇمۇل سۆيگۈسى»، «قۇمۇلنى كۆرۈڭ دوستلار» قاتارلىق ناخشىلىرى 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، «مۇقاملىرىم»، «قەدىرلىگىن ھاياتنى»، «قىزىمغا»، «قار لەيلىسى»، «سالام ئۇستاز»، «چۆمدى قۇمۇل پەيزىگە» قاتارلىقلار 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.



4.jpg



      2002-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن «يېڭى ئەسىردىكى تۇنجى قېتىملىق سەنئەت كۆرىكى» دە «بايرام ناخشىسى» ناملىق ناخشا ئالاھىدە ئىجادىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشتى . 1996-يىلى قۇمۇل ۋىلايەتلىك مەمۇرى مەھكىمە بىلەن شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىرلىشىپ ئىشلىگەن چوڭ تىپتىكى بەدىئىي فىلىم «قۇمۇل بوستانلىقىدا نەزمە»، 2005-يىلى ئىشلىگەن «قوغۇن يۇرتىدا مەشرەپ» قاتارلىق بەدىئىي فىلىملەردە مەخمۇت ئابلىز مۇزىكا يېتەكچىسىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، فىلىمنىڭ تاماشىبىنلار بىلەن ئوڭۇشلۇق يۈز كۆرۈشىشىدە ئالاھىدە ھەسسە قوشتى.




5.jpg



      2002-يىلى قۇمۇل ۋىلايەتلىك ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى مۇزىكا ئەترىتى يېڭى ياش كۈچلەرگە «قۇمۇل ئون ئىككى مۇقامى» نى ئۆگىتىش كۇرسى تەشكىللىدى. مەخمۇت ئابلىز بۇ جەھەتتە ئۆزىنىڭ پىشقەدەملىك سالاھىيىتى بىلەن يېتەكچىلىك قىلىپ «قۇمۇل ئون ئىككى مۇقام» نى بەش شەھەر، ئون ئىككى تاغدىكى پۇراقلىرى ھەم ئورتاقلاشقان، قېلىپلاشقان، شەكلىدە كۇرسانتلارغا يەتكۈزدى، 2008-يىلى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسسى بىلەن قۇمۇل ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى بىرلىشىپ «قۇمۇل ئون ئىككى مۇقامى» نى لېنتىغا ئېلىشتا مەخمۇت ئابلىز مۇزىكا يېتەكچىسى ۋە مۇزىكا تەھرىرلىكىگە تەكلىپ قىلىندى. ئۇ ھاردىم –تالدىم دېمەستىن، بىر تەرەپتىن نوتا يېزىپ، بىر تەرەپتىن ئۆگەتتى ھەم ئۆزىمۇ مۇزىكا چېلىش، مۇقام ئېيتىشقا قاتنىشىپ «قۇمۇل ئون ئىككى مۇقامى» لېنتىسىنىڭ سۈپەتلىك چىقىشىغا يەنە بىر كىشىلىك ھەسسە قوشتى.



6.jpg



مەخمۇت ئابلېز قۇمۇل ۋىلايەتلىك ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ سەنئەتكارلىرى بىلەن بىللە




      2006-يىلى ئەركىن كېرەم بىلەن بىرلىشىپ قۇمۇل خەلق ناخشىلىرىدىن «ئايخېنىم سۈزۈك چىراي»، «بىدەرت داغەي»، «ئەي يار»، «يار سېنىڭ قەلەندەرىڭ بولاي» ...قاتارلىقلارنى رادىيو ۋە تېلېۋىزىيە ئارقىلىق كەڭ جامائەتچىلىككە سۇندى. شۇنداقلا يېقىندا مەخمۇت ئابلىزنىڭ ئىجراسىدىكى «قۇمۇل مۇقاملىرىدىن ئارىيە»، «شاھ يىگىت» ناملىق پىلاستىنكىنى ئىشلەپ كۆرۈرمەنلەرنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندى. مەخمۇت ئابلىز ياخشى بىر سەنئەتكار بولۇپلا قالماي، يەنە مۇنەۋۋەر ئاتا، ھازىر يېقىملىق ناخشىلىرى بىلەن رايونىمىز ئىچى ۋە سىرتىدا ھەتتا چەت ئەللەردىمۇ تونۇلغان سودىيەئاي مەخمۇت تەلەپچان ئاتىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىشلىگەن پەرزەنتلىرىنىڭ بىرى.




7.jpg




پائالىيەت مەيدانىدىن كۆرۈنۈش



8.jpg



مەخمۇت ئابلىز ئاكىنىڭ كۈيۈئوغلى مەۋلان ناخشا ئېيتماقتا



9.jpg




مەخمۇت ئابلىز ئاكىنىڭ قىزى سودىيەئاي مەخمۇت ناخشا ئېيتماقتا




10.jpg



مەخمۇت ئابلىز ئانىسى بىلەن




11.jpg



شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسسى 107.4 سەنئەت رادىيوسىنىڭ باش نازارەتچىسى، ئۇيغۇر رادىيو درامىچىلىق ساھەسىدىكى تۆھپىكار سىنارىست، رېژىسسور ھەجەرگۈل قاسىم سۆز قىلدى




12.jpg



«شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى، ژۇرنالىست، شائىر، نەسىرچى، مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىدىكى ئەڭ يۇقىرى مۇكاپات-جۇڭگو تۇلپار مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى بەگمەت يۈسۈپ ئەپەندى سەنئەتكار مەخمۇت ئابلىزغا بېغىشلانغان شېئىرنى ئوقۇماقتا




13.jpg



داڭلىق كىيىم لايىھەلىگۈچى خانىش ھاپىز ئۆزى تەييارلىغان توننى مەخمۇت ئابلىز ئەپەندىمگە سوۋغا قىلدى




14.jpg



مەخمۇت ئابلىز ئاكىنىڭ سىڭلىسى يۈرەك سۆزلىرىنى ئېيتماقتا



مەنبە: تەڭرىتاغ تورى.



شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
نىفىت
تىللا
529
تۆھپە
300
UID
461
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن !! مەن بولغان بولسام بىر ئاق يىپەك دوپپىسىنى سوۋغا قىلاتتىم !!


Rank: 4

ئىسىمى
كاپىتان
تىللا
352
تۆھپە
165
UID
5645
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن!! مەخمۇت ئاكىمىزغا ۋە ئائىلىسىدىكىلەرگە ئۆتۆق يار بولسۇن!!


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مۇنەۋەر
تىللا
429
تۆھپە
236
UID
12654
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن  .  مەخمۇت ئاكىمىزنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
چالقۇشى
تىللا
455
تۆھپە
277
UID
13725
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇنداق بىرىنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن دىسە.................................................


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
قۇربان غۇپۇر ئۇلباس
تىللا
205
تۆھپە
79
UID
2099
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنداقمۇ ئىقتىدارلىق سەنئەتكارلىرىمىز بار ئىكەندە!


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مېھرىم
تىللا
1131
تۆھپە
818
UID
1246

قىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن . خوشاللىقلار  ياراشسۇن ئىلاھىم .


يىغلاپ تۇغۇلدۇم كۈلۈپ ياشايمەن .

Rank: 4

ئىسىمى
ئېلى ئەخەت
تىللا
356
تۆھپە
110
UID
4933
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


Rank: 4

ئىسىمى
پەرھات
تىللا
314
تۆھپە
200
UID
12762
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن  .  مەخمۇت ئاكىمىزنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن.


Rank: 1

تىللا
8
تۆھپە
2
UID
2770
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-9 13:31, Processed in 0.091493 second(s), 28 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991