تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 8653|ئىنكاس: 12

پىچان ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىغا ئوچۇق خەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

تىللا
3
تۆھپە
1
UID
17377
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

پىچان ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىغا ئوچۇق خەت


    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار مەندىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام ، گەپنىڭ ئۆزىگە كەلسەم مەن پىچان ناھىيەسىدىكى مەلۇم مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ،مەن پىچان ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى ئۈستىدىن شۇنداق شىكايەت قىلماقچى. پىچان ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى پىچان ناھىيەسىدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ 3-ئايدىن باشلاپ تا مۇشۇ ۋاقىتقىچە بولغان تولۇقلىما پۇلىنى بەرمىدى ،ئاللىبۇرۇن تارقىتىپ بولغان سىنىپ مەسئۇللۇق پۇلىنى قايتىدىن يىغىۋالدى . ماڭا ئوخشاش مائاشى دەيكۇەن (贷款)  تولۇقلىما مائاشقىلا قاراشلىق خىزمەتچىلەرگە نىسبەتەن بۇ بەكلا ئېغىر كېلىدىكەن . باشقا ئىدارىدە ئىشلەيدىغانلار تولۇقلىما پۇللىرىنى ئېلىپ بولغىلى نەۋاق، ئۇنىڭ ئۈستىگە مائاش بىلەن تولۇقلىما پۇلنى بىرلا ۋاقىتتا ئالىدىكەن ئەمما بىز ئوقۇتقۇچىلارچۇ؟ مائاشنى بېرىپ بولۇپ تولۇقلىمىنى قاچان بېرىشى شۇلارنىڭ ئىنسابىغا باغلىق . مېنىڭ ئايالىم سودىگەر، يېقىندا بىر پەرزەنتلىك بولدۇم. شۇنىڭ بىلەن ئايالىممۇ ئىشقا چىقالماي بالىغا قاراپ ئولتۇرغاچقا بىزنىڭ ئۆيدىكى ئىقتىسادىي كىرىزىس تېخىمۇ ئېغىرلاشتى ،پۇل يوق، چوڭلاردىن پۇل سوراۋېرىشكە يۈزۈم چىدىمىدى . ئاخىرىدا پىچان ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىدىكىلەرنىڭ بىزدەك قىيىنچىلىقى بار ئوقۇتقۇچىلارنى كۆزدە تۇتۇپ مائاشلىرىمىزنى ۋاقتىدا بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ، بىزمۇ مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىمىزنى چىقىرىشقا ھەرقاچان تەييارمىز.


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

تىللا
325
تۆھپە
226
UID
4104
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ مائارىپتىكىلەرنىڭ كۈنى نىمانچە تەستۇ؟ نىمە ئىش بولسۇن ئوقۇتقۇچىلارغا ئەڭ ئالدىدا ئوق تىگىدىكەن.


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
ئاتتىلا
تىللا
197
تۆھپە
66
UID
4640
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىچان ئۇ پۇللارنى قانداق باھانە-سەۋەپلەرنى تېپىپ، قىرقىپ-قايچىلاپ، بىرنەچچە نەپسانىيەتچى ‹‹خەلق چاكارلىرى›› ئۈلۈشىۋىلىشنىڭ كويىغا چۈشكەن گەپ، ئوقۇتقۇچىلار تېزراق تۇتۇش قىلىپ پۇللىرىنى ئېلىۋالمىسا، ئۇ پۇللار ئىتنىڭ قارنىغا چۈشكەندەك، ھېلىقى ‹‹چاكارلار››نىڭ چۆنتىكىگە چۈشۈپ كېتىشى مۇمكىن.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مۇنەۋەر
تىللا
429
تۆھپە
236
UID
12654
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز مائاشنى دەپ ئىشلىمىسەك نىمە ئىش قىلىمىز شۇ ئىدارە ئورگان مەكتەپلەردە.   سىز ئەڭ ياخشىسى باشقا ئۇقۇتقۇچىلار بىلەب بىرلىشىپ  بۇ ئىشنى ھەل قىلىشقا تىزراق تۇتۇشۇڭ   سىز ئاڭلىغان بولغۇتتىڭىز يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس ،چېڭى چىقسىمۇ دېڭى چىقماس  دىگەن ماقال تەمسىلنى    .سىزنىڭ تىزراق تۇلۇقلىما پۇلىڭىزنى ئۇ قارنى يامانلارنىڭ قارنىدىن  سۇغۇرۋىلىشىڭىزغا تىلەكداشمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   munawar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-4 21:33  



Rank: 2

تىللا
45
تۆھپە
20
UID
2769
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەۋالدىن قارغاندا مائارىپ ئىدارىسنىڭ  كاتتۋشلىرى ئۆزىگە بەك ئىشندىغان ، قانۇننى كۆزگە ئىلمايدىغان نەپسانىيەتچىلىكنىڭ ئۇچىغا چىققان ، قارا قورساق بولسا كىرەك.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مېھرىم
تىللا
1131
تۆھپە
818
UID
1246

قىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەردە دېگەن بىىلەن  بولمايدۇ ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا مەلۇم قىلساڭلا بولىدۇ . ئوبۇل ئەپەندىمۇ ناھايتى ئورۇنلۇق پىكىرلەرنى بىرىپتۇ . شۇنداق قىلىپ بىقىڭ بولمىسا .


يىغلاپ تۇغۇلدۇم كۈلۈپ ياشايمەن .

Rank: 1

تىللا
7
تۆھپە
1
UID
9146
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مائارىپ،سىز بىۋاستىلا شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىنىڭ ھەركۈنى ئەتتىگەن سائەت 7دىن 8كىچە ئاڭلىتىدىغان ئستىل تۈزتىش پىروگىرامىسسىغا تىلفۇن قىلسىڭىز ،
ياكى بۇيەرگە ئىنكاس قىلىپ سۆز قالدۇرۇڭ
http://www.xghfrx.com/
http://www.xghfrx.com/xhly.asp


Rank: 4

ئىسىمى
ئەيسا
تىللا
411
تۆھپە
124
UID
4779
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ مائاش تۇتۇۋېلىشقا بەك ئامراقكەن بۇ سىسىتىمىدىكىلەر.


دۇنيا ئىبرەت بىلەن تولغان،شۇنىڭدەك ئىبرەت ئالمىغۇچىلارنىڭ كۆز-ياشلىرى بىلەنمۇ تولغان!.    ‹‹داغ››دىن

Rank: 1

ئىسىمى
نەھرۇل
تىللا
3
تۆھپە
1
UID
17514
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسى 1-،2-،3-ئايلاردا %20 نى تۇتۇۋېلىپ بەرگەن ئىدى. بۇنىڭغا شۈكرى دەپ ئولتۇرساق ئەمدى بولغاندا بېراقلا ھەممىسىنى تۇتۇۋېلىپ بىر تېيىنمۇ بەرمەيۋاتىدۇ. ناھىيە بۇيىچە ھەممە ئىشچى خىزمەتچىگە تارقاتمىغان بولسا مەيلى ئىدى، ھەممىمىز ناھىيە مالىيىسى خاراپلىشىپتۇ، دەپ ئويلىغان بولاتتۇق. لېكىن ئوقۇتقۇچىلاردىن باشقا سېستىمىدىكىلەر (مائارىپ ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىلىرىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە) ئايمۇ-ئاي تولۇق ئېلىۋاتىدۇ.  سەۋەبىنى ھېچ بىلەلمىدۇق.


Rank: 4

تىللا
249
تۆھپە
87
UID
404
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن پىچان مائارىپ سىسىتېمىسىدىكى تونۇشۇمدىن ئۇقۇشۇمچە، تولۇقلىما پۇلىنى ئۆستۈرمەكچىكەن، ئۆستۈرگەن پۇلنى كېيىن تولۇقلاپ بەرسە، مالىيەدە قالايمىقانچىلىق چىقىدۇ دەپ(مالىيەدە ئىشلەپ باققانلار بىلىدۇ)بىراقلا قوشۇپ بەرمەكچىكەن. ئالدىرىماي ساقلاپ بېقىڭ.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-9 13:31, Processed in 0.076083 second(s), 28 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991