تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 1870|ئىنكاس: 4

ھەققانىي: « ئاڭلىق» ئەر (ساتىرا )[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

تىللا
139
تۆھپە
45
UID
13150
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

<< ئاڭلىق>> ئەر


( ساتىرا )


بەزەنلەرنىڭ گىپى چوڭ لېكىن بىلسەك چاغلىق ئەر،

مېڭىش،تۇرۇش،يۈرىشى ئايالىغا باغلىق ئەر،

<< كۆڭلى-كۆكسى كەڭ>>لىكتە بۇ دىياردا داڭلىق ئەر،

چاپسا ھەر يان جورىسى قىلماس ئىچى تارلىق ئەر،

بىخوتلۇقنىڭ سۈيىدە ئۈزۈپ كەتكەن <<ئاڭلىق>>ئەر.


<< يايراڭ،توغرا چۈشەندىم،خاتىرجەممەن سىزدىن>> دەپ،

سوراپ كۆرمەس جۇپتىدىن،يانفۇن كەلسە كىمدىن؟دەپ،

كېتىۋەرسە كارى يوق،<<سەل زېرىكتىم ئۆيدىن>>دەپ،

<<تۇتۇپ قالدى تۇققانلار،باراي ئۆگۈن-ئىندىن>>دەپ،

قونۇپ قالسا كىلىشنى،كۈتۈپ كەتكەن<<ئاڭلىق>>ئەر.


پەرۋايى يوق قىلچىمۇ،خوتۇن نەدە،ئۇ نەدە،

جۈپتى ئۈنەر دۈشەنبە چىقىپ كەتسە جۈمەدە،

دەپ سورىماس پۇل تاپسا تاپتىڭ قايسى ھۈنەردە،

شۇنچە قىزغىن خۇشچاقچاق بۈگۈن ئۆيگە كىرەردە،

ئەركىلىسە ناز قىلىپ كۈلۈپ كەتكەن << ئاڭلىق>>ئەر.


دىققەت قىلماس كۈندە بىر مودا چىقسا ئۇچىغا،

قىممىتىنى ئاياقنىڭ ئېلىپ كېيسە پۇتىغا،

زەن قويمايدۇ پايپاقسىز ئۇچۇق قالغان يوتىغا،

ھېچ كەلمەيدۇ ئاچچىقى چىقىۋالسا كوچىغا،

غىلجىڭلىسا خۇلقىغا كۆيۈپ كەتكەن <<ئاڭلىق>>ئەر.


ئۆيدە ئەرگە نازلىنىپ،سىرتتىن تاپار باشپاناھ،

كېزەر ئويناپ رېستۇران،مېھمانخانا،ئاشخانا،

تۈنتەڭلەردە ئېپكىلىپ قويسا ھەتتا سانتانا،

يەنە<<توغرا چۈشۈنۈپ>>كۈلۈمسىرەر ئۇ يانا،

مۇنداق ئىشقا ئەسلىدىن كۆنۈپ كەتكەن <<ئاڭلىق>>ئەر.


نەق مەيداندا تۇتۇلۇپ قالغاندىمۇ خانىمى،

يات بىرسىدىن ئۈنسىمۇ قورساققا بىر ھارىمى،

پۇر كەتسىمۇ جاھانغا شەرمەندىلىك داۋرىڭى،

بۇ دۇنيادا بارمىكىن ئەرنىڭ شۇنداق گالۋىڭى،

ھېچ ئىش يوقتەك ئۆي تۇتۇپ يۈرۈپ كەتكەن<<ئاڭلىق>>ئەر.


خوتۇن ئالدىم دەپ قويۇپ سوراپ كۆرمەس ھالىنى،

سۈرۈشتۈرۈپ كۆرمەيدۇ ئۆيدە يوق ۋە بارىنى،

ئەر تاپمىسا ئۆزىنىڭ ئەرلىك ئورۇن-جايىنى،

سىرت تارتىيدۇ ئاشۇنداق خوتۇن خەقنىڭ رايىنى،

<<ئەر كۈنلىسە ئۆي گۈللەر>>ئەگەر بىلسەڭ ئاڭلىق ئەر.


گۇناھ قويماس خوتۇنغا تاپساڭمۇ يۈز قازىنى،

چۈنكى ئۆتتۈڭ يۇرۇتماي پاك سۆيگۈنىڭ شامىنى،

چۈشۈنەلمەي بىر ئۆمۈر ساختىلىقنىڭ دامىنى،

بۇلغىۋەتمە غورۇرلۇق ئەركەكلەرنىڭ نامىنى،

ئەرلىك ئابروي-تەختىدىن چۈشۈپ كەتكەن <<ئاڭلىق>>ئەر.


ھەربىر كىشى جۈپتىنى جەزمەن كۈنلەپ قويغۇلۇق،

ھېكمەت قالغان ئەجداتتىن دەل مۇشۇ ئىش توغرۇلۇق،

چەكتىن ئاشسا<<ئاڭلىقلىق>>بوپ بولىدۇ بولغۇلۇق،

ئازمايدىغان ئىنسان يوق،شوڭا ھۇشيار تۇرغۇلۇق،

بەس!ئويغانسۇن ۋىژدانى ئۆلۈپ كەتكەن<<ئاڭلىق>>ئەر.


*******

مەنبە:  ئۆز قەلىمىم.(ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانىي)

         2011-يىل 2-سان <<كىروران>> ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان.


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
چالقۇشى
تىللا
455
تۆھپە
277
UID
13725
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇتۇننى كۈنلىمىگەن ئەر دەييۈزدۇر......قىيامەت كۈننى  قاتتىق ئازاپقا قالىدۇ ............................


Rank: 2

تىللا
129
تۆھپە
42
UID
5535
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 23:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆڭلى زەيپانە،ئىمانىي سۇس،ئەركەكلىك گېنى ئۆلىۋاتقان بىر قىسىم ئەرلەرگە تەككەن ئەجەل قامچىسى جۇمۇ -بۇ شىئېر!!! بۇنىڭدىن ئىسىل يېزىشمۇ تەس.
تورداشلارغا يەنە بىر سوۋغا!!!

غەيۋەتلەر
(ساتىرا)
ئابدىۋېلى راخمان (ھەققانى)
پاناھ بولۇر بۇلۇڭ-پۇشقاق خىلۋەتلەر،
ياخشىلارغا يۈكلەر پاتمان ئىللەتلەر،
تۆكۈلگەندەك تاغاردىن قىغ-ئەخلەتلەر،
ساپ مۇھىتنى بۇلغايدىكەن غەيۋەتلەر.

كۆڭۈللەرگە سېلىپ مالال-غەشلىكنى،
ئىناقلىققا كولاپ ئورا-يەرلىكنى،
ئېغىزلاردا قويماي زەررە-نەملىكنى،
ھىچبىر تىنىم تاپمايدىكەن غەيۋەتلەر.

ئاقنى كۆرسە تەپ تارتماستىن<< قارا>> دەپ،
ساقنى كۆرسە<< يىرىڭ يىغقان يارا>> دەپ،
دۇرۇسلارنى <<كۆڭلى بەكمۇ ئالا>> دەپ،
پىتنە-تۆھمەت چاپلايدىكەن غەيۋەتلەر.

قۇبۇل قىلماي تارىخدىكى ساۋاقنى،
ئىگەللەپ ئۆي،كوچا،دوقمۇش قاۋاقنى،
پىچىر-پىچىر قىلىپ ھەر بىر قۇلاقنى،
ئارامىدا قويمايدىكەن غەيۋەتلەر.

ھەر جۈملىسى تېپىپ جېدەل-ئاپەتنى،
ئاستىن-ئۈستىن قىلىپ ھەقنى-ناھەقنى،
كۆزلەيدىكىن قايسى مۇددىئا-مەقسەتنى،
زادى جىمجىت ياتمايدىكەن غەيۋەتلەر.

پاكىت ياساپ گۇمانىدىن-پەرەزدىن،
ئازارچىلىق تېپىپ كەلدى ئەزەلدىن،
ئاگاھ بولغاي دوست-يارەن بۇ مەرەزدىن،
پۇرسەت كۈتۈپ غاجايدىكەن غەيۋەتلەر.



كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-9 13:31, Processed in 0.071784 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991