تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 1479|ئىنكاس: 2

ئەي قىز (2) (مەخمۇت ئاۋۇت) (مۇزاتى)[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
مەخمۇت ئاۋۇت
تىللا
151
تۆھپە
61
UID
11967
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەي قىز

(2)

مەخمۇت ئاۋۇت(مۇزاتى)

پەرىلەر پەرىسى-ئايجامال ئەي قىز،

كېلىدۇ زوقۇم بولغاچ غۇبارسىز؛

پەخرىمسەن مىللىتىم-ئاۋامنىڭ ئەي قىز،

ھاياتلىق يولىدا قالدۇرغاچ پاك ئىز.


زىممەڭگە يۈكلەنگەن بۇرچۇڭ مۇقەددەس،

كەلگۈسى ئانىسەن، بۈيۈكسەن پەۋەس؛

لايىقتۇر تەرىپلەش، قامچىلاش ئەمەس،

گەر ئېزىپ شەيتانغا قىلمىساڭ ھەۋەس.

قۇياشتەك چېھرىڭگە باققاندا كىشى،

جېنىغا جان قوشار ياققاچقا ئىشى؛

پاك شەرمى-ھايادىن يۇقار تەشۋىشى،

شادلىنار بارچە دىل بولۇپ قۇردىشى.

كۆز تېگىپ كەتمىسۇن پاكلىق جىسمىڭغا،

داغ چۈشۈپ قالمىسۇن گۈلدەك ئىسمىڭغا؛

چۈشمىسۇن ھەم كۈيە كەڭرى رىسقىڭغا،

تىلەيمەن چىن ئىنساپ سەبىي دىلىڭغا.

پارلىقىڭ-ھۆرمىتىڭ، ئاۋامنىڭ بەختى،

غۇرۇرۇڭ-ۋىجدانىڭ ئۇ تاجۇ-تەختى؛

ئەخلاقىڭ كۆتۈرەر ئەلنىڭ ھۆرمىتى،

بولغۇسى سەن بىلەن يۇرتۇم جەننىتى.

سۆيۈنەر ئەل دىلى سېنىڭدىن ئەي قىز،

تەرىپلەر، ماختىشار بولغاچ پەخرىمىز؛

ئەل گۈلى-زىننىتى، ئۈمۈدى ئەي قىز،

ئاداشما، ئۆڭمىگىن  يولۇڭدىن ھەرگىز.


  

شېئىرىنىڭ ئاپتورى: باي ناھىيىسىدىن: مەخمۇت ئاۋۇت(مۇزاتى)

2012-يىل 6-ئاينىڭ 2-كۈنى(باي)



شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 2

تىللا
69
تۆھپە
48
UID
16875
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۆيۈنەر ئەل دىلى سېنىڭدىن ئەي قىز،

تەرىپلەر، ماختىشار بولغاچ پەخرىمىز؛

ئەل گۈلى-زىننىتى، ئۈمۈدى ئەي قىز،

ئاداشما، ئۆڭمىگىن  يولۇڭدىن ھەرگىز.




Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
نىفىت
تىللا
533
تۆھپە
300
UID
461
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرى ھىسىياتقا باي ئىكەنسىز !!


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-9 16:09, Processed in 0.071186 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991