تېمىسىز
.
(مۇزاتى)
.
بۇ دۇنياغا كۆز ئېچىپ يىغلاپتىكەنمەن،
ياشاشنىڭ تەسلىكىنى پەملەپتىكەنمەن،
.
دەرت ئەلەم چېكىشىمنى بىلمەپتىكەنمەن،
شاد-خورام ياشاشنىلا ئويلاپتىكەنمەن،
.
ئانامنىڭ ئاق سۈتىگە قانماپتىكەنمەن،
گۆدەكلىكتە بەڭباشلىق قىپ ساپتىكەنمەن،
.
ئاتا-ئانام كۆزىنى ياشلاپتىكەنمەن،
غۇربەتچىلىك تۇرمۇشتىن قاخشاپتىكەنمەن،
.
باياشات ياشاشنىلا ئويلاپتىكەنمەن،
تۇرمۇشنىڭ مۇڭ-دەردىنى بىلمەپتىكەنمەن،
.
مۇھاببەتنىڭ مېھرىنى سەزمەپتىكەنمەن،
گۈزەللىكنى ئەڭ ئەلا چاغلاپتىكەنمەن،
.
ئاتام سۆزۈن تېگىگە يەتمەپتىكەنمەن،
چوڭلارنىڭ قەدرىنى بىلمەپتىكەنمەن،
.
تۇخۇمنىڭ سېرىقىدەك ياشاپتىكەنمەن،
تۇرمۇشنىڭ جاپاسىنى كۆرمەپتىكەنمەن،
.
ئاتا-ئانا ھەممىدىن ئۇلۇغكەنسىلەر!
سىلەر بەرھەق جەننەتكە لايىقكەنسىلەر!
.
ئەمدىلىكتە قەدرىڭلار ئۆتۈلدى مانا!
تېپىلمايدۇ جاھاندا سىلەردەك دانا!
..............................................
ئاپتورى: باي ناھىيىسىدىن: مەخمۇت ئاۋۇت(مۇزاتى)
2012-يىل 6-ئاينىڭ1-كۈنى