تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 2074|ئىنكاس: 1

بىزار قىلىش ۋە بۇزغۇنچىلىق[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تىللا
243
تۆھپە
87
UID
9596
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بىزار بولۇش  ۋە بۇزغۇنچىلىق



مەقسۇت ئەمىن ئەركيار



    بىزار قىلىش بىزار بولۇشتىن كۆچۈپ كەلگەن بولىدۇ.بۇزغۇنچىلىق – بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراشنىڭ ئاسارىتىنى ئۈلگە قىلمىغان بولسا يېڭىلىقتۇر.
    بىزار قىلىش بىزار بولۇشنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىشى بولىدىغان بولسا قىسمەتلىرىمىزدىن ۋايىم يېيىشنىڭ ئورنىغا باشقا ئىشلارنى قىلساق بولىدۇ.
    شۇنداقمۇ ئادەملەر بولىدۇكى،بىزار بولۇش ۋە ئاغرىنىشنى ھاياتىنىڭ مەزمۇنى قىلىۋالغان. ئۇلارمىللەتنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ ئىناقلىقىدىن ئىچى پۇشىدۇ،بىزار بولىدۇ.مىللەتنىڭ مۆتىۋەرلىرىنىڭ ئۆمۈرلۈك قان-تەرىگە خەلق تەرىپىدىن بېرىلگەن ئازغىنە مەرتىۋىسىدىن ئۆزلىرىچە قاتتىق بىزار بولىدۇ. ئۇلار بىلىمدىن،بىلىشتىن ۋە ئۆزلىرىدىن بىلىملىكلەرنىڭ كۆپلىكىدىنمۇ بىزار بولىدۇ. ئىشقىلىپ ئۇلار ئۆزلىرىنى مۇھەببەتتىن ئاپىرىدە قىلغان ئاتا-ئانىسىدىنمۇ بىزار بولىدۇ.ئۇلار بىرسىنىڭ ئۆزيېقىنلىرىنى،قەۋم-قېرىنداشلىرىنى،مىللىتى ئىچىدىكى ياشلارنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردىكى قىسمەن ئازغۇنلۇقلىرىنى پۈتۈن مىللەتكە كىيدۇرۈپ تۇرۇپ ئەيپلەپ،كۆرە كۆرۈپ كېتىشلىرىنى كۆرسە ياكى ئاڭلىسا جېنى سۆيۈنىدۇ.ئۇلار مىللەتنىڭ ئىچكى-تاشقى بېسىملىرىغا،تارىخى رېئاللىقىغا ئۆزلىرىنى شاھىت ھېسابلايدۇ،ئۆزلىرىنى دەۋىرنىڭ بىلەرمەنلىرى،ئۇقۇمۇشلۇقلىرى سانايدۇ.ئەمەلىيەتتە،ئۇلار خەلقنىڭ تەغدىرى ۋە مىللەتنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز ئىشلەۋاتقانلارنىڭ،ھايات ھەقىقىتىگە يېتىپ پىنھان ياشاۋاتقان تەپەككۇرلۇق قېرىنداشلىرىنىڭ ئەتراپىدا لىق تولۇپ تۇرغانلىقىنى ھېس قىلىشمايدۇ. مەنمەنچىلىك،كۆرەلمەسلىك،ئاغرىنىش،...ئاخىرىدا ئۆچمەنلىك ۋە بۇزغۇنچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.ئۇلار ئۆزلىرىچە ھەقىقەتنى،ئۆزلىرىنى ئىسپاتلىغاندەك ھېس قىلىشىدۇ. ئۇلار كىمگە نېمىنى ئىسپاتلاپ بەرگەنلىكىنى بىلىشمەيدۇ.جاھان شارىنىڭ ئايلىنىۋاتقانلىقىنى ۋە شۇنچە چوڭلىقىنى ئويلاشمامدۇ؟تارىخ ۋە قىسمەتنىڭ بىرھەرىپ-بىرھەرىپتىن يېزىلىدىغانلىقىنى،ھەربىر قىلىۋاتقان ئەمەلىنىڭ مىللەتنىڭ كەلگۈسى تەغدىرى ئۈچۈن پايدىلىق ياكى پايدىسىزلىقىنى ئويلاشمامدۇ؟ ئۇلار ئىنسانىيەتنى سۆيۈشنى،ئۆزمىللىتىنىڭمۇ ئىنسانىيەت ئالدىدا ئەقلىي جەھەتتىن جاۋاپكار ۋە قەرىزدار ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشامدۇ؟ ئۇلارنىڭ قورساقلىرى تەپەككۇرىنىڭ ئاخىرقى چىقىش نۇقتىسىمۇ؟ ئۇلار ئاغزى بىلەنلا پىكىر قىلامدۇ؟ئۇلار ئاغزى قىلىۋاتقان تەپەككۇرىنىڭ،تۈزۈۋاتقان جۈملىلىرىنىڭ ئۆز لەۋزىلىرىنىڭ ئۆتمۈشىدەك نۇرسىز قالىدىغان قىسمىتىنىڭ سەۋەبلىرىنى ئويلىشارمۇ؟
    ئۇلار بىزارلىق ۋە بۇزغۇنچىلىقنىڭ ئاقىۋىتىنى بالدۇراق تۇنۇپ يەتسە ئىدى!
    ھەرقانداق قەۋمنىڭ ئىچكى بىرلىكى شەخسىيەت ۋە ھەسەتنىڭ ئۈستىدىن غالىپ كېلىپ،ئۇمۇملۇق ئېڭى،يېڭىلىق ئېڭى،ئىلىم-مەرىپەت ئېڭى ۋە چىن ئىنسانىي مۇھەببەتكە چۆمۈلگەندە جۇلالىنىدۇ.ھەيرانلىق ئىچىدە ئۇلارنىڭ ئۆتمۈشتىن كەلگۈسىگە ئاتلىيالماي «مىللەتپەرۋەر»سۈيقەستچىلەرگە،دەل ئۇلار ئۆزلىرى نەپرەتلىنىدىغان،ئىبرەتلىك ھېسابلايدىغان ئادەملەرگە ئايلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق.
    ئىچكى نىزالارنىڭ،نەپسانىيەتچىلىكنىڭ،تەپرىقىچىلىكنىڭ زىينىنى كۆپ تارتقان خەلقىمىز يېڭى ئەسىرنىڭ جۇشقۇن مارشى ئىچىدە ئاغرىنىش ۋە بۇزغۇنچىلىقنىڭ زىينىنى مۆلچەرلەپ يەتتى،ئازغۇن پەرزەنتلىرىنى يېتەكلەپ كېتەلىگۈدەك قۇدرىتى بولغان ئەلنىڭ تەغدىرى ئۈستىدىن تولىمۇ ئۇمىدسىز خىياللارنى قىلىشمۇ ئارتۇقچە. ئەمەلىيەتتە،ھەممىمىز نادان،بىلىمسىزلەرمىز! ھەر ۋاقىت ئۆزىمىزنى باشلىنىش نۇقتىسىدا دەپ ئويلىساق كەڭ كەتكەن گۈزەل كائىناتنىڭ تېخىمۇ كۆپ رېئاللىقىنى بايقايمىز.

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
چالقۇشى
تىللا
461
تۆھپە
278
UID
13725
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر ۋاقىت ئۆزىمىزنى باشلىنىش نۇقتىسىدا دەپ ئويلىساق كەڭ كەتكەن گۈزەل كائىناتنىڭ تېخىمۇ كۆپ رېئاللىقىنى بايقايمىز..................................


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-9 16:09, Processed in 0.069055 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991