تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 19074|ئىنكاس: 17

جۇڭگو قازاقلىرىنىڭ لاتىنچە ئېلىپبەسى باھالىشتىن ئۆتتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

تىللا
51
تۆھپە
3
UID
5082
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

     جۇڭگو قازاقلىرىنىڭ ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشتا قوللىنىدىغان لاتىنچە ئېلىپبە لايىھەسى مۇتەخەسىسلەرنىڭ باھالىشىدىن ئۆتتى  


   
           يېقىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاخبارات، نەشرىيات، مائارىپ قاتارلىق بىرقانچە ئالاقىدار تارماقلىرىدىن تەشكىللەنگەن مۇتەخەسىسلەر گۇرۇپپىسى ئۈرۈمچىدە ئۆلچەم تەكشۈرۈپ بېكىتىش يىغىنى ئېچىپ، ئاساسلىق تەتقىق قىلىپ ئىشلىگۈچى ئورۇن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتى ئاتالغۇلار ئىشخانىسىنىڭ تېمىغا مەسئۇل خادىمى مۇرات سۇلتاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە تەتقىق قىلىپ ئىشلەنگەن «جۇڭگو قازاقلىرىنىڭ ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشتا قوللىنىدىغان لاتىنچە ئېلىپبە لايىھەسى» دۆلەت ئۆلچىمىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىپ ماقۇللىدى. بۇ ئۆلچەمنىڭ ئېلان قىلىنىشى جۇڭگو قازاقلىرىنىڭ ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشتا قوللىنىدىغان لاتىنچە ئېلىپبە لايىھەسىنىڭ ھازىرغىچە دۆلەت ئۆلچىمى بولماسلىقتەك ھالەتنى ئۆزگەرتىدۇ.  
      جۇڭگو قازاقلىرىنىڭ ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشتا قوللىنىدىغان لاتىنچە ئېلىپبە لايىھەسى (تۆۋەندە قىسقارتىپ «لايىھە» دېيىلىدۇ) بولسا جۇڭگو مائارىپ مىنىستىرلىقى بىلەن دۆلەت تىل-يېزىق كومىتېتى پەن تەتقىقات پىلانى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى 2006-يىلى 10-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتى ئاتالغۇلار ئىشخانىسىنىڭ ئالىي تەرجىمانى مۇرات سۇلتاننىڭ تەتقىق قىلىپ ئىشلىشىگە چۈشۈرۈپ بەرگەن بىر تۈرلۈك پەن تەتقىقات ۋەزىپىسى (تۈر نومۇرى: MZ115-70 )، يەنى ئىنگلىزچە 26 ھەرپتىن پايدىلىنىپ، تۈرلۈك ۋاسىتىلەردە ئۇچۇر تارقىتىلىدىغان بىر تۈرلۈك قازاقچە يېزىق توشۇغۇچىدىن ئىبارەت. 2008-يىلى، ئالىي تەرجىمان مۇرات سۇلتان مەزكۇر تەتقىپ قىلىپ ئىشلەش ۋەزىپىسىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ، تۈر تاماملاش دوكلاتىنى ئۆز ۋاقتىدا تاپشۇرۇپ، جۇڭگو مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەت تىل-يېزىق كومىتېتى ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. 2009-يىلى، جۇڭگو پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تەتقىقات ئورنى جۇڭگو مائارىپ مىنىستىرلىقى بىلەن دۆلەت تىل-يېزىق كومىتېتى مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىنىڭ ھوقۇق بېرىشى ئارقىلىق، مەزكۇر تېمىنى دۆلەت ئۆلچىمىنىڭ تەلىپى سۈپىتىدە ئالىي تەرجىمان مۇرات سۇلتانغا قايتىدىن چۈشۈرۈپ بەردى. شۇنداق قىلىپ يەنە جۇڭگو قازاقلىرىنىڭ ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشتا قوللىنىدىغان لاتىنچە ئېلىپبە دۆلەت ئۆلچىمى لايىھەسىدىن ئىبارەت مۇشۇنداق بىر تۈر بارلىققا كەلدى. قازاق تىلىدىكى باشقا يېزىق توشۇغۇچىلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، جۇڭگو قازاقلىرىنىڭ ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشتا قوللىنىدىغان لاتىنچە ئېلىپبە دۆلەت ئۆلچىمى لايىھەسى قولايلىق بولۇش، چاققان بولۇش، تونۇش ئاسان بولۇش، يېزىش ئاسان بولۇش، يوللاش ئاسان بولۇش قاتارلىق ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە. بۇنىڭ ئۈچۈن، مۇرات سۇلتان مەخسۇس قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىگە بېرىپ ئىلىم ئالماشتۇردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مۇرات سۇلتان تەتقىق قىلىپ ئىشلىگەن جۇڭگو قازاقلىرىنىڭ ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشتا قوللىنىدىغان لاتىنچە ئېلىپبە لايىھەسى دۆلەت ئىچىدىكى كەڭ ئوقۇرمەنلەر ۋە تورداشلارنىڭ دىققىتىنى تارتىپلا قالماستىن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا چەتئەللەردىمۇ ناھايىتى زور تەسىر پەيدا قىلدى، قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك گېزىت-ژۇرناللاردا مۇرات سۇلتاننىڭ لايىھەسىنى قوللايدىغان ماقالىلەر كۆپ قېتىم ئېلان قىلىنىپ، ھەمدە ئۇنىڭ ئەينى چاغدىكى لايىھەسى ئېلان قىلىنىپ، مۇئەييەن جامائەت پىكرى پەيدا قىلدى. جۇڭگو قازاقلىرىنىڭ ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشتا قوللىنىدىغان لاتىنچە ئېلىپبە لايىھەسى ئۆلچىمىنى تۇرغۇزۇشتا، ئۇچۇر دەۋرىدىكى ئېلېكترونلۇق ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش تەلىپى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش ئاساسىدا ئۆزگىچە تەتقىق قىلىپ ئىشلەش پىرىنسىپى، ئۆزگىچە ئۆلچەم ۋە ئۆزگىچە ھەرپ تاللاش تەلىپى بەلگىلەندى، ھەمدە كۆپ قېتىم مۇتەخەسىسلەر تەكشۈرۈپ بېكىتىش يىغىنى چاقىرىلدى.
      نۆۋەتتە مەزكۇر «لايىھە»نىڭ تېخى دۆلەت ئۆلچىمى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ئۆلچەمنىڭ تۈزۈپ چىقىلىشى مۇشۇ ساھەدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇپ، كەڭ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداشقا، ئۆلچەمگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان باشقا ئېلىپبە لايىھەلىرىنى شاللاپ تاشلاشقا، يېزىق ساھەسىنىڭ ئىجازەتلىك بوسۇغىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ يەنە مەزكۇر جۇڭگو قازاقلىرىنىڭ ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشتا قوللىنىدىغان لاتىنچە ئېلىپبە لايىھەسىنىڭ قېلىپلىشىشى ۋە ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەزكۇر لايىھەنىڭ ئىشەنچىلىكلىكىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈپ بېكىتىش يىغىنى مۇتەخەسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتىنىڭ سابىق مۇدىرى پروفېسسور ئەۋېلقان قالىنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا: «بۇ قېتىم ماقۇللانغان بۇ لايىھەنى ئەڭ ئاخىرقى ئۆزگەرمەيدىغان مەڭگۈلۈك لايىھە دەپ قاراشقا بولمايدۇ، چۈنكى ئىشلىتىش جەريانىدا بىز ھازىر ئويلاپ يېتەلمىگەن بەزى ئەھۋاللار كۆرۈلۈش ئېھتىمالى زور، شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ يەنە ۋاقتى كەلگەندە زۆرۈر بولغان تۈزىتىش كىرگۈزۈش مەجبۇرىيىتىمىز بار».  
يازغۇچى: جانار زەكېن   
تەرجىمە قىلغۇچى: ئۆمەر نىياز

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
نىفىت
تىللا
529
تۆھپە
300
UID
461
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭچۇ ؟ بىزنىڭ ئۆتۇپ بولغانمۇ ياكى ؟


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
چالقۇشى
تىللا
455
تۆھپە
277
UID
13725
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭمۇ بارمۇ ؟؟؟؟؟؟؟؟


Rank: 6Rank: 6

تىللا
698
تۆھپە
372
UID
780
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇڭگۇ قازاقلىرى ئەرەب ئىلىببەسى ئاساسىدىكى قازاق يىزىقىدىن ۋاز كەچمەس ھە...


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
بىغەمزات
تىللا
409
تۆھپە
222
UID
388
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kargay يوللىغان ۋاقتى  2012-6-3 20:48
جۇڭگۇ قازاقلىرى ئەرەب ئىلىببەسى ئاساسىدىكى قازاق يىزى ...

ئۇنداق بولمايدۇ...مىنىڭچە بۇ بىز ھازىر ئۇيغۇرچە كونا يىزىقنى قوللىمايدىغان دىتاللاردا ئىشلىتىۋاتقان ULY (ئۇيغۇر لاتىن يىزىقى)بىلەن ئوخشاشمىكىن.


باشقىلار سىنى چوڭ كۆرگەندە، ئۆزەڭنى كەمتەر تۇتۇشنى بىل!
باشقىلار سىنى پەس كۆرگەندە، ئۆزۈڭنىڭ قەدرىنى قىلىشنى بىل!

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5733
تۆھپە
2911
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇ ل ي بىلەن ئوخشاش بولسا كېرەك!

مۇمكىن  بولسا ق ل ي بىلەن ئۇ ل ي رەسمىي  يېزىق  قىلىۋېتىلسە ...


ئۇشبۇ جاھانكى ئىككى ئىشىكلىك قەسىرگە ئوخشار،
بىرىدىن نەچچىسى كىرىپ، بىرىدىن شۇنچە چىقار.

Rank: 4

تىللا
284
تۆھپە
76
UID
5302
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز قازاقلارنىڭ ئالدىدېمۇ ياكى كەينىدېمۇ قۇلۇنۇشتا


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
قۇربان غۇپۇر ئۇلباس
تىللا
205
تۆھپە
79
UID
2099
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ قېلىپلاشقان ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىمىز بىكىتىلگىلى 10 يىلدىن ئاشتى. نۇرغۇن زىيالى كىشىلەر، مۇشۇ قىلىپلاشقان ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىنى قوشۇمچە ئىشلىتىدۇ.


Rank: 2

تىللا
180
تۆھپە
13
UID
118
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kargay يوللىغان ۋاقتى  2012-6-3 20:48
جۇڭگۇ قازاقلىرى ئەرەب ئىلىببەسى ئاساسىدىكى قازاق يىزى ...

ئەنسىرىمەڭ . قازاقلار جاندىن كەچسە كېچىدۇكى ، تىل - يېزىقىدىن كەچمەيدۇ . بۇ جەھەتتە بىز ئۇلارنىڭ ئالدىدا يەرگە قارىساق بولىدۇ . چۈنكى بىزنىڭ تىلىمىزدىكى ئەبجەش سۆزلەر قازاق تىلىدىكى ئەبجەش سۆزلەرنى نەچچە ھەسسىلەيدۇ .
بەلكىم ئۇلار ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى يېزىقلارنى كىرگۈزۈش مۇمكىن بولمىغاندا يانداش ئىشلىتىش ئۈچۈن بۇ لايىھەنى تۈزگەن بولسا كېرەك . QLY دىگەندەك .....


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5733
تۆھپە
2911
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېزىقتىن كېچىش تىلدىن كېچىش بولامدۇ؟


ئۇشبۇ جاھانكى ئىككى ئىشىكلىك قەسىرگە ئوخشار،
بىرىدىن نەچچىسى كىرىپ، بىرىدىن شۇنچە چىقار.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-9 12:35, Processed in 0.080313 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991