تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 5899|ئىنكاس: 8

موماي «10مىڭ يۈەنگە بوۋاق ساتىمەن» دەپ خېرىدار چاقىرغان[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

ئىسىمى
پەرھات
تىللا
314
تۆھپە
200
UID
12762
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

موماي «10مىڭ يۈەنگە بوۋاق ساتىمەن» دەپ خېرىدار چاقىرغان


20120602125429681.jpg


    ئىككى كۈن ئىلگىرى، سۈيشيەن ناھىيەسى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى چارلاش چوڭ ئەترىتى ئاممىنىڭ بىر ئايالنىڭ كوچىدا ئۈچ چاقلىق ھارۋا ھەيدەپ بىر قىز بوۋاقنى 10 مىڭ يۈەنگە ساتىمەن دەپ ۋارقىرىغانلىقى توغرىسىدىكى مەلۇماتىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ تېزدىن يېتىپ كېلىپ بۇ تۆت ئايلىقتىن ئاشقان قىز بوۋاقنى قۇتقۇزۇۋالدى ھەمدە ئائىلىسىدىكىلەرنى تاپالمىغانلىقىدىن قايتۇرۇپ كېلىپ ئايال ساقچىلار نۆۋەتلىشىپ قارىدى. سەنشيەن ناھىيەىسى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى چارلاش چوڭ ئەترىتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئىككى كۈن ئىلگىرى چۈشتىن بۇرۇن، سۇيشيەن ناھىيىسى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى چارلاش چوڭ ئەترىتىدىكى يۈمېي، خۇاڭسۈيخۇا قاتارلىق تۆت ساقچى يولدا چارلاش قىلىۋاتقاندا، ئاممىنىڭ سۇيشيەن ناھىيەسى شۈيكو يول ئېغىزىدىكى ئانا بالىلار دوختۇرخانىسىغا يېقىن ئەتراپتا، بىر موماينىڭ ئۈچ چاقلىق ھارۋىنى ھەيدەپ بىر قىز بوۋاقنى 10 مىڭ يۈەن باھادا ساتىمەن دەۋاتقانلىقىنى، نۇرغۇنلىغان ئاممىنىڭ ئۇلارنى ئورىۋالغانلىقى توغرىسىدىكى دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇپ ئالغان.
    ساقچى جىخۇشىن مۇنداق دېدى: شۇ چاغدا ناھايىتى ھەيران قىلىپ ئەترەتتىكىلەرنى باشلاپ نەق مەيدانغا يېتىپ بارغاندا، ئۇ ئايال بىزنى كۆرۈپ قاچتى. بىز يېتىشىپ بېرىپ ئۇنىڭ ھارۋىسىدا ھەقىقەتەن تۆت ئايلىقتىن ئاشقان بىر قىز بوۋاقنىڭ يىغلاپ ياتقانلىقىنى، ئۇنىڭدىن سىرت يەنە بىر ئالتە ياشلار ئەتراپىدىكى بىر ئوغۇل بالىنىڭ بارلىقىنى كۆردۇق دېدى.
     شۇ چاغدا ساقچىلار موماينىڭ قېشىغا بېرىپ، ئىككى بالا سىزنىڭمۇ دەپ سورىغاندا، ئوغلۇم ئاجرىشىپ كېتىپ، ئۆزى يالغۇز بېقىشقا ئامالسىز قالغانلىقتىن بىرسىنى سېتىۋەتمەكچى بولغانلىقىنى ئېيتتى. موماي جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىگە ئېلىپ كېلىنگەندىلا راست گېپىنى قىلىپ ئۆزىنىڭ فامىلىسىنىڭ ليۇ ئىكەنلىكىنى، ئوغۇل بالىنىڭ ئۆزىنىڭ نەۋرىسى ئىكەنلىكى، قىز بوۋاقنى تېپىۋالغانلىقىنى ئېيتتى.
     ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ شۇ كۈنى ئەتىگەنلىك تاماقنى يېگەندىن كېيىن،ئۈچ چاقلىق ھارۋىسىنى ھەيدەپ دۇڭجياڭ يول ئېغىزىدا ئەدىيالغا يۆگەكلىك قىز بوۋاقنى ئۇچرىتىپ ئۇنى ھارۋىسىغا سېلىپ، بۇنداق ئوماق قىز بوۋاقنى چوقۇم ياخشى باھادا ساتقىلى بولىدۇ دەپ ئويلاپ ئۇدۇل بازارغا كېلىپ بوۋاقنى ساتىدىغانلىقىنى ئېيتقان. جىن خۇشىن بۇ بوۋاقنىڭ ئاتا ئانىسىنى تاپالىساقلا، ئاندىن ھەقىقىي ئىش ئايدىڭلىشىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ موماينى قانۇن بويىچە تۇتۇپ تۇرۇش كېرەك دەيدۇ.
بوۋاق ئىلىپ كېلىنگەندە قورسىقى ئاچقانلىقىدىن توختىماي يىغلايتتى. ئايال ساقچى لى ۋېيلى سۈت پاراشوكى ئەكېلىپ بەرگەندىن كېيىن، بوۋاق ئاندىن يىغلاشتىن توختىدى.ئەھۋالنى ئېنىق سورىغاندىن كېيىن، ئايال ساقچىلار بۇ بوۋاقنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈپ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ناھايىتى ياخشىلىقى ئېنىقلاندى.
سۇيشيەن ناھىيىلىك ساقچى تەرەپ جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىشىنى، بۇ بوۋاقنىڭ ئاتا-ئانىسىنى تېپىلىشى ئۈچۈن ياردەم قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
نىفىت
تىللا
529
تۆھپە
300
UID
461
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر مەن كۆرسەم چوقۇم خەۋىرىنى بىرىمەن .


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
چالقۇشى
تىللا
461
تۆھپە
278
UID
13725
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ ......پەرزەنىتلىرىمىزنى قارا نىيەتلەردىن  ساقلىغىن ........................................


Rank: 6Rank: 6

تىللا
698
تۆھپە
372
UID
780
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنداق تۇۋلاپ ساتدىغان بەسەي بۇلمىسا بۇ،،،،ۋۇي  قانۇنى ساۋادى تۇۋەن ،ئەخلاق -پەزىلىتى ناچار دۇت مۇماي !


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مەلىكە مەتتوختى
تىللا
1812
تۆھپە
984
UID
684

جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي بىچارە بوۋاق ، يېقىنراق بولغان بولسا مەن بېقىۋالاركەنمەن


ھايات ـــ مەن ئۈچۈن بىر سىناق.

Rank: 4

ئىسىمى
كاپىتان
تىللا
352
تۆھپە
165
UID
5645
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇچرىغانلا نەرسىنى ساتىدىكەندە!.
بۇ مۆماي ياش ۋاختىدا قايسى كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغان بۇلغىيتتى؟؟؟؟؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   KAPITA تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-3 22:45  



Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مۇنەۋەر
تىللا
429
تۆھپە
236
UID
12654
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىيىتىڭ قارىلىقىغا قاراڭلار   ئاللا ھەممىمىزنى بالىلىرىمىزغا قاندۇرغاي.


Rank: 3Rank: 3

تىللا
219
تۆھپە
44
UID
11362
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   بۇ موماي قانوننىڭ جازاسىغا تارتىلىشى كېرەك ، چۈنكى ئۇ بوۋاقنى ساقچى ئورۇنلىرىغا تاپشۇرۇپ بەرمەي ،بەلكى
نەپسانىيەتچلىك قىلىپ پۇلغا ساتماقچى بولغان .


Rank: 2

ئىسىمى
خەيرىگۈل
تىللا
50
تۆھپە
21
UID
16947
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 13:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ موماي باشقڭلارنىڭ بالڭسىنى ساتقۇچە ئۆزىنىڭ نەۋرىسنى سېتىۋەتسىچۇ كاشكى، شۇ ۋاقىتتا باشقىلارنىڭ ھېسسىياتىنى چۈشەنگەن بولاتتى بۇ نائەھلى!


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-9 15:57, Processed in 0.103939 second(s), 31 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991