بوۋاينىڭ تەۋەرۈكى
دېھقان بوۋاي رەسىملەرنى كونا جايغا ئېلىپ قويدى.
-سېغىنىپسىز-ھە!
-گەپ كەتمەيدۇ. 86 دىن ئاشتىم، ئۇ ئالەمگە كەتكەن ھەمراھىمنى سېغىنىمەن، ئوغلۇمنى سېغىنىپ يولىغا قارايمەن.
-خەت-خەۋەر يوقمۇ؟
خەۋەر بار، خەت يوق، ئوغلۇم بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ يىراق يۇرتقا كەتكىنىگە 30 يىل بولدى باشتا ھەپتىدە بىر خەت كېلەتتى، كېيىن ئايدا بىر. كېيىن ھەتتا ئارىلاپ نەچچە يىلدا بىر خەت كېلەتتى. ئۇ چاغلاردا سېغىنىش كىشىنى ئانچە قىينىمايتتى. ئوغلۇمنى ئىككى-ئۈچ يىلدا بىر كۆرەتتىم،كۆرۈشكەندە بايرام بلۇپ كېتەتتى. يىللار ئۆتتى، يوللار قىسقاردى.
ھازىر يىراق يۇرتلارغا بىردەمدىلا بېرىپ بولىدىغان گەپ ئىكەن، ئوغلۇم يانفۇن دېگەن نەرسىنى ئەۋەتىپتۇ. كۈندە -
-سۆزلىشىپ تۇرىمىز. ئەمما دىدارلاشمايمىز. ئوغلۇممۇ 50ياشتىن ئاشتى، ئاڭلىسام نەۋرەم شەرقي شىمالدىكى بىر شەھەردەخىزمەت قىلىدىكەن.
مەن ئوغلۇمنى سېغىنىمەن،ئوغلۇم ئوغۇلىنى سېغىنىدىكەن.
سېغىنغاندا رەسىمگە قارايمەن نېمىلا دېمەيلى ئىنسان سېغىنىش ئىچىدە ياشايدىكەن.....
بوۋاي ھويلىسى ئالدىدىكى سۇپىدا ئولتۇرۇپ يىراقلارغا نەزەر تاشلايتتى.
راست يوللار قىسقاردى تۇرمۇش رېتىمى تېزلەشتى، سېغىنغان كىشلىرىمىزنىڭ ئاۋازىنى كۈندە نەچچە رەت ئاڭلايمىز. ھەممىمىز ئۆز ئىشىمىز بىلەن ئالدىراش. لېكىن ئىنسانلار يەنىلا سېغىنىش ئىچىدە ياشايدىكەن.
دەۋىر ئۆزگەردى . جاھان ئاجايىپ يېڭىلىقلارغا تولدى. ئەمما بوۋاي ئېيتقاندەك سېغىنش ئۆزگەرمىدى. سېغىنغاندا -
-دىدارلىشايلى، يولۇڭغا ئىنتىزارلىق بىلەن تەلمۈرگەن ئاتىلار قانسۇن.
سېغىنىش ئنسانغا تەۋەررۈك ئۇ رەسىمدىلا ئەمەس، بەلكى دىداردا مۇڭلۇق كۈي.
مەنبە:جۇشقۇن يازغان.