ئابدۇروسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ
(يەكەن ناھىيە مىشا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن)
بېلىق بىلەن قاقىرا
(شېئىرىي چۆچەك)
ئۆز يۇرتنى كىمكى قىلسا ئەگەر تەرك،
يوقالغاي ئۇندىن بەخت، شادلىق، ئەرك.
<<ئەگەردە ئانا يۇرتۇڭ بولسا ئامان،
بولمايدۇ رەڭگى رويۇڭ ھەرگىز سامان.>>
دېگەنغۇ دانىشمەنلەر سۆزلەپ كالام،
بىر چۆچەك سۆزلەپ بېرەي، ئاڭلا بالام.
پۈكىۋال نەقىش قىلىپ دىل كەشتىگە،
يېتىسەن ئاھ، شۇندىلا گەپ تەكتىگە.
***
بىر كۆلچەك بولغانىكەن شۈنچە تەبئى،
سۇلىرى جىمىرلاركەن زۇمرەت كەبى.
ھاۋاسى زەپ يېقىشلىق، سۈيى كەۋسەر،
ئەتراپى بۈك-باراقسان، يېشىل گۆھەر.
كېلەركەن سۇ ئىچكىلى بۇغا-مارال،
ئۇچار قۇش، بولۇت ھەتتا، يورغا شامال.
بويىدا ھۇزۇر بەخش ئېلىپ ئارام،
ئويناركەن شۈنچە قىزغىن خۇشال-خۇرام.
قىشمۇ ياز مۇزلىماسكەن قوزغاركەن زوق،
بېلىقلار ئوينار ئىكەن پىلتىڭلاپ شوخ.
ياشاركەن شۈنچە ئىجىل ئۆم ۋە ئىناق،
قۇت،بەخت تۇيغۇسىدا غەمدىن يىراق.
كېلەركەن تەرىپىگە ئاجىز قەلەم،
چېكەركەن سۆز تاپالماي شائىر ئەلەم!
بىر كۈنى كۆل بويىغا بىر قاقىرا،
قونۇپتۇ سۇ ئىچكىلى (كۆڭلى قارا!)
بەك ئاۋاق، پاخپاق قانات، پېيى تىكەن،
تۇرقى زەپ بەدبەشىرە، جۇلدۇر كېپەن!
ئۇچقۇدەك تېنىدە ماغدۇر قالمىغان،
ئەسكى تاملىق بەلكى ئۇنى باقمىغان!
زېرىككەن تۇرسا قاقاس باياۋاندىن،
يۈرىكى يېرىلمامدۇ ھاياجاندىن؟!
بولۇپتۇ چىمەنلىككە شۈنچە مەپتۇن،
<<توۋا!>> دەپ ئۆز-ئۆزىگە ئوقۇپ ئەپسۇن!
ساپ ھاۋادىن قېنىپ قېنىپ ئاپتۇ نەپەس،
كۆلچەككە ۋۇجۇدىدا قايناپ ھەۋەس.
سان-ساناقسىز بېلىقلارنى كۆرۈپ بىردىن،
ئېقىپتۇ سېرىق سۇلار ئېغىزىدىن.
شۇ ھامان يۈرىكىدە قۇتراپ يىلان،
بىر مۇدھىش ئىشقا دەرھال تۈزۈپ پىلان.
خىيالغا چۆمۈپ بىر دەم سۈرۈپتۇ ئوي،
(بېلىققا ماتەم ئەمما،ئۆزىگە توي!)
تۇيۇقسىز ھۆڭرەك ئېتىپ تۆكۈپ كۆز ياش،
پالاقلاپ يۇمىلاپتۇ، چوقۇپتۇ تاش!
پەيلىرى يۇلۇنۇپتۇ، ئاغزى قاناپ،
تۇمشۇقى يېرىلىپتۇ، تىلنى چايناپ.
بېلىقلار نالىسىگە بولۇپ ھەيران،
كېلىپتۇ ئۈزۈپ دەرھال قىرغاق تامان.
سوراپتۇ:<<-ھالىڭ نېچۈن بۇنچە خاراب؟
سەۋەبنى ئېيتقىنا تېز، بەرگىن جاۋاب؟
قاقىرا سۆزگە كەپتۇ تىترەپ دىر-دىر،
(مەقسىتى ئىشقا ئاشاي دەپتۇ بىر-بىر):
<<-كۆز نۇرۇم بېلىقلىرىم،جېگەرلىرىم،
سىلەرگە قاراپ شۈنچە كۆڭلۈم يېرىم!
قاراڭلار مۇنۇ زەيكەش ئۆيۈڭلارغا،
قاراڭلار مۇنۇ ئالتۇن بويۇڭلارغا!
گۆھەرنى لەش يۈندىگە تاشلىغاندەك،
بۇلبۇلنى ئەسكى تامغا باشلىغاندەك.
سىلەرگە قانداق كۈن بۇ ، قانداق قىسمەت؟
ئاھ، ئىگەم كۆرسەتمەپتۇ قىلچە ھېممەت!
بار-يوقى ماكانىڭلار ئون بەش قەدەم،
ھاۋاسى بەك بۇرۇقتۇم سۈيى بەتتەم.
پاقىلار كۇرۇلدىشىپ ئاغرىتسا باش،
پاشا ھەم كۇمۇتىلار ئوينىسا شاش.
قانداقمۇ يۈرەلەيمەن سىلەر ئۈچۈن،
ۋا دەرخ! قايغۇرماستىن باغرىم پۈتۈن؟!
بېكىنىپ كىچىككىنە زەيكەش تامان،
دەمسىلەر مۇشۇ ئىكەن ئالەم جاھان؟
ئاھ، دېڭىز قانداق ھەيۋەت، يوقتۇر چېكى،
كۆرۈنمەس شۇڭغىسىمۇ ئەسلا تېگى.
پاھ، ئۇندا ئۈزۈپ ئويناش قانچە ھۇزۇر،
ئۆتىدۇ ھايات دېگەن شۈنچە پۇزۇر.
ئىختىيار قىلسا كىمكى باشلاپ باراي،
ساخاۋەت، ياخشىلىقتا نام قالدۇراي!>>
بېلىقلار ھاياجاندا پىلتىڭلىشىپ،
گەپ بېرىشمەي بىر بىرىگە شىلتىڭ ئېتىپ.
<<-مەن باراي! مېنى ئاۋال!...>> دەپ ۋارقىراپ،
بېشىغا كىيىپتۇ كۆلنى جارقىراپ.
چوڭلىرى قىلسا نەسىھەت ئاڭلىماي،
كەلگۈسى مەنزىلىنى ھېچبىر چاغلىماي.
بەسلىشىپ نۆۋەت بىلەن تارتىپتۇ چەك،
ئارقىدا قالغانلىرى رەنجىپتۇ بەك.
قاقىرا بوپتۇ توشۇماق كۈندە ئۈچ،
بولمىسا قالماس ئىمىش ئۇنىڭدا كۈچ.
ھەر قېتىمدا بىر بېلىقىنى چىشلەيدىكەن،
ھارماستىن ئۇچىدىكەن، ئىشلەيدىكەن.
بارماستىن ئۇ كۆلچەكتىن ئانچە ئۇزاق،
بېلىقنى قىلار ئىكەن بىر ۋاق تاماق!
ھەر قېتىم قايتقىنىدا كۆلچەك تامان،
دەيدىكەن:<<سەپەر بولدى تېنچ –ئامان!
باشقىلار ئۈزۈشمەكتە شۈنچە خۇشال،
سېغىنىپ يولۇڭلارغا بەك ئىنتىزار.
ھە،قېنى كەلمەمسىلەر، بارايلى تېز،
كۈتمەكتە باغرى كەڭرى چەكسىز دېڭىز...>>
بېلىقلار قىلىشاركەن زور تەنتەنە،
كېلەركەن قايسىغىدۇر نۆۋەت يەنە...
شۇ يۇسۇندا ھەر كۈنى ئۈچتىن بېلىق،
قاقىرانىڭ گېلىغا يەم بوپ سىلىق.
رەڭ تۈزەپتۇ قاقىرا يېڭىباشتىن،
ئەسەر يوق شۇ كۆرۈمسىز ئۈستىباشتىن...
كۈن ئۆتۈپ،ئايلار توشۇپ، پۈتكەچ پەسىل،
كۆلدە ئاز قاپتۇ بېلىق، قۇرۇپ نەسىل.
ئۇلارچۇ؟ ئەندىشىسىز ھېچنېمىدىن،
زارلاپتۇ دېڭىزغا تېز بېرىش ئۈچۈن...
يېتىپتۇ مەقسىتىگە شۇم قاقىرا،
ئۆلۈمگە مەھكۇم بوپتۇ دۆت بېلىقلار...
***
تۈگىدى بۇ چۆچىكىم كۆز ياش بىلەن،
ئويلىغىن بالام سەندە ئەقىل تېرەن.
بېلىقلار قىسمىتىدىن ساۋاق ئالغىن،
بېزەلسۇن ئۆمرۈڭ بېتى پاراسەتتىن!
بەدنىيەتنىڭ گەپلىرىگە بوپ يۈرمە گول،
ئۆز ۋەتىنىڭ بېھىش گۈلزار، بولسىمۇ چۆل!
ۋەتەننىڭ تۇپرىقىغا باغرىڭ ياققىن،
ئوتىدا كۆي، سۇلىرىدا ئۈزۈپ ئاققىن!