تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 2533|ئىنكاس: 3

بۈگۈر ناھىيەلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپتە بالىلار بايرىمى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

ئىسىمى
ئابلاجان سادىق
تىللا
49
تۆھپە
9
UID
3435
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2012-يىل 1-ئىيۇن سەھەر سائەت 7دىن 30 مېنۇت ئۆتكەندە بۈگۈر ناھىيىلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپتە 63-قېتىملىق خەلقئارا بالىلار بايرىمى باشلانغانلىقى ئېلان قىلىنىپ بايراملىق ئەدەبىي سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسىتىش رەسمىي باشلاندى. بۇ قېتىملىق بايرامغا مەكتىۋىمىزدىكى 7-8-يىللىقلار بايراملىق سەنئەت نومۇرلىرىغا تەييارلىق قىلغان بولۇپ بىردىن ئاساسىي نومۇر كۆرسەتتى.
بۇ قېتىملىق بالىلار بايرىمىدا ئەدەبىي-سەنئەت نومۇرلىرى كۆرسىتىشتىن باشقا رەسىم سىزىش، ھۆسىنخەت يېزىش ۋە مۇدىل ياساش تۈرلىرى بويىنچىمۇ كىچىك كۆرگەزمە ئېچىلىپ تاللانغان ئەسەرلەر نەق مەيداندا مۇكاپاتلاندى.

تۆۋەندىكىلىرى بالىلار بايرىمىلىق پائالىيەتتىن كۆرۈنۈشلەر.




باشلىنىش مۇراسىمىدىن بىر كۆرۈنۈش



تاللانغان رەسىم، ھۆسىنخەت ۋە تام گېزىتىرى









مىللىي كىيىم كېچەكلەر نىمىدىگەن ياراشقان-ھە!



زۇبى زۇبى زۇبى....


مەن دولان ناملىق ئۇسۇل


چۆچەكلەر


ئېتوتلارمۇ سەرخىل


ئۇسۇل


زامانىۋى ئۇسۇل


ئائىلە باشلىقلىرىمۇ بايرامغا قۇرۇق قول كەلمەپتۇ


ياسىن سونايمىكىن دەپ قالىسىز


قەشقەر قىزى ناملىق ئۇسۇل


مىللىيچە ئۇسۇللار سەرخىل


ئاخىرىدا 1-دەرىجىگە ئېرىشكەن مەن دولان ناملىق ئۇسۇل قايتا ئورۇنلاندى.


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

تىللا
284
تۆھپە
76
UID
5302
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  2 ئۇتۇردىكى بۇ  پالىيەت ناھايىتى ياخشى پالىيەت بۇپتۇ  مىلىچە كېيىملەر بەك يارىشىپتۇ ئۇقۇغۇچىلارغا ،مۇمكىن بۇلسا  دۇلىتىمىز ھەم ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ تەرەقىياتى ئۇچۇن  نۇرغۇن  بىلىملىك كىشىلەرنى تەربىيلەپ بەرگەن ئۇبلاتىمىزدىكى ھەرقايسى نايىلەرگە  ساپالىق ئۇقۇتقۇچىلارنى  تەربىيلەپ يېتىشتۇرۇپ بەرگەن  بۇگۇر خەلقىنىڭ قاراڭغۇ دىلىنى بىلىم نۇرلىرى بىلەن  يۇرۇتقان  بۇگۇر نايىلىك 1 ئۇتۇرا  مەكتەپنىڭ پالىيەتلىرىنىمۇ  يۇلاپ بەرسىڭىز بۇپتىكەن  [[بۇرۇن 1 ئۇتۇرنىڭ ئىچىدە بۇگۇر سىپەنمۇ بارتى ]] بۇگۇر بىرىنچى ئۇتۇرا مەكتەپنىڭمۇ  پالىيىتىدىن خەۋەر تاپساق ، بۇرۇن  2 ئۇتۇردا  خەنزۇ ئۇقۇغۇچىلار ئۇقۇيتى


Rank: 1

تىللا
7
تۆھپە
2
UID
17301
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادىنقى قېتىم بىرى تېڭشۈن چچ نى تەرجىمە قىلىپ بۈگۈرنى لۈنتەي ناھىيسى دەپ ئاپتىكەن،تەرجىمە قىلغۇچغا خەت قالدۇرۇپ قويساممۇ ئۆزگەرتىپ قويماپتىكەن،كۆڭلۈم ھازىرغىچە شۇنداق يېرىم.بۇنى كۆرۈپ خېلى خوش بوپ قالدىم.
ب___ۈ   گ_____ۈ  ر ۈ  م  ___ يۈرۈگۈم !  


Rank: 1

ئىسىمى
ئابلاجان سادىق
تىللا
49
تۆھپە
9
UID
3435
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
zikrela يوللىغان ۋاقتى  2012-6-3 12:41
2 ئۇتۇردىكى بۇ  پالىيەت ناھايىتى ياخشى پالىيەت بۇپتۇ   ...

كەچۈرۈڭ، ھازىر 1-ئوتتۇرا مەكتەپ ئەسلىدىكى 2-ئوتتۇرىغا قوشۇۋېتىلىپ ناھىيىلىك ئوتتۇرا مەكتەپ قىلىپ ئۆزگەرتىلدى، ھازىرقى نامى 1-ئوتتۇرا مەكتەپ لىكىن ھازىرغىچە ناھىيىلىك ئوتتۇرا مەكتەپ دەپ ئاتالماقتا، ئۇلارنىڭ بالىلار بايرىمىلىق پائالىيىتىدىن خەۋەرسىزمەن.
بۇ 2-ئوتتۇرا مەكتەپ ئىلگىرىكى دادولان يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ، كىيىنكى بۈگۈر بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپ (ئاۋام تىلىدىكى 3-ئوتتۇرا) ئاساسىدا قۇرۇلغان بۇلۇپ نۆۋەتتە بۈگۈر بازىرى، قاراباغ يېزىسى، ئاقساراي يېزىسى، تارلاق يېزىسى، چۇمپاق بازىرى، سوخۇ يېزىسى ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇيدىغان تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-9 16:09, Processed in 0.072114 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991