رونالدو نېمىدە كەتكۈزىۋەتتى؟
ئەنۋەر جۇلا
پورتۇگالىيە دۆلەت كوماندىسى ۋە ئىسپانىيە بىرلەشمىسى خانلىق مادرېد كوماندىسىنىڭ دۇنياغا داڭلىق توپ چولپىنى رونالدونى بىلمەيدىغان ئادەم بولمىسا كېرەك. ئۇ ھازىرقى دۇنيادا شاھلىق تەختىنى تالىشىۋاتقان ئىككى دەرىجىدىن تاشقىرى چولپاننىڭ بىرى. ئۇنىڭ بىرسىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى دېمىسەممۇ بولار؟ ھەممە ئادەم مېسسى دېيىشنى بىلىدىغۇ-ھە...
ھېچقانداق چاتاق يوق، ھازىرقى دۇنيانىڭ پۇتبول پادىشاھىلىق تەختى پەقەت مۇشۇ ئىككى گىگانت چولپاننىڭ بىرسىنىڭ بەل قويىۋېتىشىنىلا كۈتۈپ قۇرۇق قېلىۋاتىدۇ. بولمىسا مېسسى بىلەن رونالدونىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى توپ ئويناش تېخنىكىسى، كۇلۇپتا قازانغان نەتىجىلىرى ئاللىقاچان ئۇلارنىڭ 4-ئەۋلات پادىشاھلىقىنى بەلگىلەپ بولغان ئىدى. ھازىر رونالدو بولمىغان بولسا شاھلىق ئورنى تەبىئىلا مېسسىگە، مېسسى بولمىغان بولسا باشقا ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچىلاردىن مۇتلەق ئۈستىنلىكى بىلەن رونالدوغا مەنسۇپ بولاتتى. لېكىن بۇ ئىككى دەرىجىدىن تاشقىرى چولپان تەڭلا مەۋجۇت بولغانلىقى، بۈگۈنى بىرسى ئېشىپ كەتسە، ئەتىسى يەنە بىرسى ئېشىپ كېتىدىغان ئەھۋال مۆجىزىلەرچە كۆرۈلۈپ تۇرىۋاتقىنى ئۈچۈن كىمنىڭ ھەقىقىي شاھلىقىنى ئېنىق بىلگىلى بولمايۋاتىدۇ.
شۇغىنىسى نۇرغۇن ئادەم مېسسىنى دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، پادىشاھ بولۇشقا مۇناسىپ دەيدۇ. لېكىن، رونالدونىڭ بوش كەلمەيدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ھەرقاچان شاھلىق تەختىنى تارتىۋالالايدىغانلىقىدىن گۇمان قىلمايدۇ. يەنە نۇرغۇن ئادەملەر رونالدونى ھەقىقىي پادىشاھ بولۇشقا مۇناسىپ دەيدۇ، لېكىن ئۇلارمۇ مېسسى بولغانلىقى ئۈچۈن دەرگۇماندا تۇرۇپ بۇ گەپنى قىلىدۇ.
ئالدىرىمايلى، ھامان بىرسى يېڭىدۇ ۋە بۇ تەختتە ئولتۇرىدۇ. شۇغىنىسى، پېلې دېگەن ئالجىغان قېرىنىڭ گېپى راست چىقىپ قالسا نېيمار پۇتبول پادىشاھلىقىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنىڭ يەنە بىر داڭقان پۇتى بولۇپ قالىدۇ. ھېلىمۇ، جاھان پۇتبولىدىكى 3پۇتلۇق داڭقان ۋەزىيىتى شەكىللىنىپ بولغاندەك قىلىدۇ. چۈنكى، نېيمار تېز سۈرئەتتە پىشىپ يېتىلىۋاتىدۇ. بىز جاھان پۇتبولىنىڭ 3« پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە»سىنى 2014-يىلى بىرازىلىيىدە ئۆتكۈزىلىدىغان 16- نۆۋەتلىك دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسى ئاخىرلاشقا قەدەر كۆرىمىز.
مەن رونالدوغا بەكرەك قايىلدەك قىلىمەن. چۈنكى، ئۇ ئەڭ ياخشى ئوتتۇرا مەيدان تەشكىللىگۈچىسى يوق شارائىتتىمۇ ئۆزىنى ئىسپاتلىيالايدىغان توپچى. مېسسى بولسا خاۋى بىلەن ئېنىستا يوق شارائىتتا ئۆزىنى ئەڭ ئىسپاتلىيالمىغان توپچى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، رونالدو يول يوق يەردىن ئۆزى يول ئېچىپ ئىلگىرىلەيدىغان توپچى، مېسسى مۇكەممەل پىروگراممىغا تايىنىدىغان مىخاينىك توپچى. مەن مېسسىنىڭ دۆلەت كوماندىسىدا توپ تەپكەن ۋاختىسىدا ھامان بۇ قارىشىمنى ئاغدۇرۇپ تاشلىۋېتەلىشىنى ئۈمىت قىلىپ كەلدىم. لېكىن ئۇنىڭ دۆلەت كوماندىسىدىكى ئىپادىسى بارسېلونادىكى ئىپادىسىدىكىدىن بەكلا ناچار بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. شۇڭا مەن س رونالدونى تېخىمۇ زور ئىسپاتلاش بوشلۇقىغا ئىگە دەپ قاراپ كېلىۋاتىمەن.
ھالبۇكى، بىر نوپۇزلۇق باھالاش تەشكىلاتىنىڭ تېخى يېقىندىلا ئېلان قىلغان دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى پۇتبولچى رەت تەرتىپىدە رونالدو 4- ئورۇنغا تىزىلىپ قاپتۇ. مەن ئۇ خىل تىزىشنى ئىنتايىن ئادىل بولماپتۇ، گويا جۇڭگوچە ئىلغار خىزمەتچى سايلىغانغا ئوخشاپ قاپتۇ،دەپ قارىدىم. مەن پۇتبول ۋە تالانتقا بۇنداق ئۇسۇلدا مۇئامىلە قىلىشنى بەك كۈلكىلىك دەپ قارايمەن. مېنىڭچە، رونالدونى چوقۇم ئەڭ بولمىدى دېگەندىمۇ 2- ئورۇنغا تىزىش كېرەك، ئۇنىڭغا باشقا ئامىللارنى ئارىلاشتۇرماسلىق كېرەك. چۈنكى، رونالدو دېگەن رونالدو! ئۇنىڭ پۇت گۇمپىسى خۇددى گوللاندىيەلىك سابىق دەرىجىدىن تاشقىرى توپ چولپىنى كىرويېف ئېيتقاندەك تەڭداشسىزدۇر. ئۇنىڭ گومېزدەك ئادەتتىكى چولپانلارنىڭ ئارقىدا تىزىلىپ قېلىشى خەلقئارا پۇتبول سەھنىسىدە سوغۇق ئىسقىرتىشقا دۇچ كېلىشتىن باشقىغا يارىمايدىغان بىر ناھەقچىلىقتۇر خالاس!
لېكىن، خەلقئارا نوپۇزلۇق ئورگاننىڭ ئەشۇنداق نەتىجىنى چىقىرىپ ئېلان قىلىشىدا بىر سەۋەپ بار. ئۇ نېمە سەۋەپتۇ؟
بۇ سەۋەپ ناھىيىتى ئاددىي. چۈنكى ئۇنى پۈتۈن دۇنيادىكى مىڭدىن ئارتۇق پۇتبول مۇتەخخەسسىسلىرى ئاۋازغا قويىدۇ. دېمەك، ئۇنى ئادەم ئامىلىنىڭ نەتىجىسى دېيىش كېرەك.
ئادەم ماشىنا ئەمەس، ئەگەر ماشىنا بولغان بولسا ئىدى، ئۇ پەقەت ئەمىلىي تېخنىكىغىلا باھا بېرەتتى. لېكىن ئادەم ھېسسىياتلىق بىر ۋۇجۇت ئىگىسى بولغانلىقى ئۈچۈن شەيئىلەرگە باھا بەرگەندە ھامان ھېسسىيات ئارىلاشتۇرماي قويمايدۇ. مېنىڭچە، رونالدو باھالىغۇچىلارنىڭ مۇشۇ غەلۋىرىدىن ئۆتەلمەي قالدى. ئۇنداقتا ئۇ نېمىدىن كەتكۈزىۋەتتى؟
يەنە دېسەك يەنە شۇ! ئۇ ئادىمىيلىك ئوبرازدا كەتكۈزىۋەتتى...
1- ئۇ ھامان سۆزى ۋە ھەرىكىتىدە نام-مەنپەئەتنى ناھىيىتى چوڭ بىلىدىغانلىقىنى ئوچۇق- ئاشكارە جاكارلاپ كېلىۋاتىدۇ.
ئۇ ھەمىشە مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا « مەن ھامان ئۆزەمنى ئىسپاتلايمەن»،«مەن كېلىشكەن بولغاچقا بارسېلونالىق توپ مەستانىلىرى مېنى كۆرەلمەيدۇ»، « بۇ يىل ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنى چوقۇم مەن ئالىمەن» دېگەندەك گەپلەرنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە، مېسسى ئىنتايىن كەمتەر، تارتىنچاق، ئۆزىنى ھەمىشە ئۆزىنى قوللىغان سەبداشلىرىدىن تۆۋەن ئورۇندا قويۇپ گەپ قىلىدۇ. «ئەسلىدە بۇ مۇكاپاتنى خاۋى بىلەن ئېنېستا ئېلىشقا تېگىشلىك ئىدى»، «مەن ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنى ئېلىشنى ئويلىشىپ باقمىدىم، پەقەت كېلەركى ھەپتىدىكى مۇسابىقە ئۈچۈن ياخشى تەييارلىق قىلىشنىلا بىلىمەن». مانا بۇ مېسسىنىڭ ئاغزىدىن چىقىدىغان سۆز.
2- مۇكاپاتلاش سەھنىسىدە مېسسى مۇكاپات ئالسا ئۇنىڭغا ھەسەت قىلىپ قاراپ ئېغىر چاندۇرۇپ قويغان. 2009- يىلى، مېسسى دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى بولغاندا رونالدو ئۇنىڭغا ئوتتۇرىۋەتكەن ئىدى. ئىككىسى مۇكاپاتلانغىلى سەھنىگە چىققاندا رونالدو مېسسىنىڭ قولىدىكى مۇكاپات بۇيۇمىغا تەن بەرمىگەندەك، ھەسەت قىلغاندەك قارىغان ئىدى. ئۇ بۇ كۆرۈنۈشنىڭ پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى كەسكىن مۇسابىقىدە ئۆزىنى ئىسپاتلىغاندىنمۇ بەك مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلمىگەن بولسا كېرەك. كىشىلەرنىڭ كاللىسىدىكى «رونالدو بەك ھەسەتخوركەن» دېگەن قاراش ھازىرغىچە كىشىلەرنىڭ كاللىسىدىن چىقىپ كەتكىنى يوق. ئۇندىن باشقا ئۇ پات-پات مېسسىنىڭ غەيۋىتىنى قىلىپ ئۆزىنىڭ ھەسەتخورلىقىنى تېخىمۇ يۇقۇرى پەللىگە كۆتۈرىدۇ.
3- ياسانچۇق. مۇسابىقە مەيدانىغا كىرىشتىن بۇرۇن ئۇ چوقۇم 3-4 سائەت ئەينەك ئالدىدا ئولتۇرۇپ ھۆسىن تۈزىگۈچى ئۇستامنىڭ ئىختىيارىغا ئۆزىنى تاپشۇرىدۇ. بىر پۇتبولچىغا نىسبەتەن، بۇنچىلىك دەرىجىدە ياسانچۇق بولۇپ كېتىش ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ غىدىقىنى كەلتۈرىدىغان بىر مەسىلە. ئەلۋەتتە، پۇتبول تەنھەركەت تۈرلىرىنىڭ گۈلتاجى بولغاچقا دۇنيادا ئەڭ كۆپ تاماشىبىنى بار، شۇڭا پۇتبولچىلارنىڭ ئانچە-مۇنچە ئەينەك بىلەن دوست بولىشىنى توغرا چۈشۈنۈشكە بولىدۇ. لېكىن رونالدودەك پادىشاھ دەرىجىلىك بىر توپچىنىڭ ئۇنچىۋالا دەرىجىدە ئەينەك ئالدىدىن نېرى كېتەلمەسلىكىنى بۇ ھەقىقىي ئەركەكلەر شۇغۇللىنىدىغان كەسپنىڭ تاماشىبىنلىرى ۋە ئوبزورچىلىرى ئانچە توغرا تاپماسلىقى مۈمكىن. بۇنداق پۇتبولچىلاردىن ھەتتا تېرېنېرلارمۇ خاپا بولىدىكەن. ئەينى ۋاقىتتا مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ داڭلىق تېرېنېرى قېرى سىر فورگېسېنمۇ بېكخامنىمۇ «ياسانچۇق» دەپ تىللىغانلىقى ئۈچۈن ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى يىرىكلىشىپ قالغان ئىكەن.
دېمەك، رونالدونىڭ ھەددىدىن زىيادە ياسانچۇقلىقى ئەكسىچە ئۇنىڭ ئوبزورچىلارنىڭ نەزىرىدىكى ئوبرازىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
4- يېرىم يالىڭاچ ئېلان ۋە شاللاقلىق. رونالدو رول ئالغان ئېلانلاردا ئۇنىڭ ئىچ كىيىم ئېلانىغا كۆپرەك چىققانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. بۇنداق ئېلانلاردا ئۇ كۇساردىن باشقا يېرى يالىڭاچ ياكى يېرىم يالىڭاچ چىقىدۇ. ئەلۋەتتە، يېنىدا بىر توپ قىزلار بولغان بولىدۇ. ھەتتا غۇۋا كارىۋات تۇرمۇشىنىمۇ قىستۇرماي قالمايدۇ. بۇ سودا نۇقتىسىدىن توغرا قىلغاندەك قىلغان بىلەن ئەمما دۇنياغا داڭلىق تەنھەركەتچى نېمىلا دېمىگەن بىلەن بىر ئاممىۋى شەخستە! ھەر قانچە قورساق مۇسكۇلى تەرەققى قىلغان بىر ئەر بولسىمۇ رەسىم ئاپىراتىنىڭ ئالدىدا قىياپىتىنى ھەر خىل قىلىپ تۇرسا چوقۇم ئەركەكلىككە مۇخالىپ كېلىدىغان بىر تۇيغۇنى ئىپادىلىمەي قويمايدۇ. بولۇپمۇ، ئىچ كىيىم مودېللىق ساھەسىدە نان تېپىپ يەۋاتقان مودېللارنىڭ كۆپلىكىدە رونالدوغا بۇنداق ئېلانغا چىقىپ نېمە كەپتۇ، پۇلى ئازمۇ ئۇنىڭ؟
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ روسىيەلىك سۆيگۈنى توغرىسىدا تارقالغان سۆز- چۆچەكلەرمۇ ئاز ئەمەس. ئۇ قىزمۇ بىر ئىچ كىيىم مودېلى ھەم ناھىيىتى چىرايلىق. ئۇ قىز رونالدودەك مۇشۇنداق داڭلىق شەخسنىڭ سۆيگۈنى بولغانلىقى ئۈچۈن سۈرەتكە ھەددىدىن زىيادە يۈرەكلىك چۈشىدىغان كەسپكارلىقىدىن بىر قەدەم چېكىنسە توغرا بولاتتىمىكەن دەپ قالىمەن ئىچىمدە. ئۇ قىزنىڭ ھەم باشقا ئەر مودېللار بىلەن ئېغىز-بۇرۇن يالىشىپ يۈرگەنلىكىمۇ ئېنتېرنېت دۇنياسىدا ئەڭ كۆپ غۇلغۇلا قوزغىغان.
ئۇنىڭ ئۈستىگە رونالدو ئۆزىمۇ شاللاق. ئۇ مانچېستېر بىرلەشمىسىدىن خان مادرېدقا يۆتكىلىش ئارىلىقىدا ئامېرىكىغا دەم ئالغىلى بارغاندا قاۋاقخانىلاردا قىزلارغا كۆز تاشلاش بىلەن ۋاقىتنى ئۆتكۈزگەن ۋە كېچىلىك مۇھەببىتىدىن ئوغۇرلۇقچە تارتىلغان بىر سىن كۆرۈنىشى توردا تارقىلىپ كەتكەن.
بۇ چوقۇم رونالدونىڭ ئوبرازىغا بەلگىلىك تەسىر يەتكۈزمەي قالمايدۇ.
يېقىندا يەنە خەقنىڭ مۇھەببىتىگە چاخچاق قىلىپ قويۇپ سوتقا ئەرز قىلىنغان بىر سەتچىلىكى تارقالدى. مېنىڭچە، بۇنداق قىلمىشنى دۇنيادىكى مۇتلەك كۆپ ساندىكى ئادەملەر ئەيىپلىشى مۈمكىن.
ئەمدى نېمە گەپ قالدى دەيدىغان؟
ئىنسان مەيلى قايسى كەسپنىڭ نېنىنى يىسۇن ۋە ئۇنىڭ كامالەتكە يەتكەن پىركامىلى بولسۇن ھامان ئادىمىيلىك ئۆتكىلىدىن ئۆتۈشكە توغرا كېلىدىكەن. ئادىمىيلىك ھامان كىشىلىك ھاياتنىڭ مەڭگۈلۈك باش تېمىسى ئىكەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا enwer-jula تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-3 04:07