تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 1071|ئىنكاس: 1

ئۈزۈلۈش[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

ئىسىمى
غەيرەت
تىللا
401
تۆھپە
88
UID
11066
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                                   ئۈزۈلۈش

  مەن سىنىڭ ئاشۇ غۇنچە بويلىرىڭنى بۇرۇنقىدەك  سۇڭەكلىرىڭ غىرىسلىغۇدەك تەرەزدە باغرىمغا چىڭ بىسىپ،ئەتتىرگۈل بەرگىدەك قىپقىزىل لەۋلەرەڭگە تەشنالىق ئىلكىدە  تاتلىق ــ تاتلىق ، ئۇزۇندىن ــ ئۇزاق قاتتىق سۈيەلمىدىم.
  خىنا ياققان قىزغۇچ قىسقا چاچلىرىڭ ئىچىگە قاڭشارلىق بۇرنۇمنى پاتتۇرۇپ چاچ ھىدىڭنى،بۇيۇنلىرىڭدىن تاراۋاتقان مىنى مەسخوش قىلغۇچى تەن ھىدىڭنى پۇرىيالمىدىم.
  ئاچچىقلانغاندا پەيدا بۇلىدىغان ،چىرايلىق پىشانەڭدە زاھىرتاجىگۈلنىڭ پۈرۈملىرىسىمان، تۈرلۈشلەر ئاستىدىكى ئاھۇلىرىڭغا ئۈپەلمىدىم.
  سىنىڭ بارلىق گۈزەللىكلىرىڭنى قارچوغلىرىمغا ئورنىتىۋىلىش ئۈچۈن كۆزلىرىمنى چوڭ ئېچىپ،قاراقلىرىم سۈمۈرۈپ كەت  
كۈدەك ھالدا ئۇزاقراق قاراش ماڭا نىسىپ بولمىدى.
  نەۋاخىتتىكىدەك سىنىڭ بارلىق گۈزەل ھالىتىڭ بىلەن ۋۇجودىمغا، تەنلىرىم ئچىگە كىرگۈزىۋىلىپ زارىققان ــسېغىنغان چاغلىرىمدا ئۆزۈمدىن تارتىپ چىقىرىپ مۇڭدىشىشنى ، سىردىشىشنى ئويلايدىغان تۇيغۇلار بولمىدى.
  نەۋاخىتتىكىدەك قوللىرىمىز قىيالمىغان ھالدا ئاستا - ئاستا سوزۇلۇپ - سۈرۈلۈپ بىرـ بىرىدىن تاكى بارماقلىرىمىز ئۇچلىرى
تامان سۈركىلىپ  ئايرىلىشنى خالىماي قالغاندەك تىگىشمىدى.
  ــ خوش،ئامان بولغىن . ــ دىگىنىڭچە بىر خىللا يەڭگىل قەدەملەر بىلەن كىتىپ قالدىڭ. قاراقلىرىم ئاشۇ غۇنچە بويلىرىڭ ،بارلىق گۈزەل ھالەتلىرىڭ بىلەن ئۈنسىز خۇشلاشتى.
  ئۆزۈممۇ بىلمەي قالدىم،شۇ قەدەر ئېچىنىش بىلەن ئۈكسىدىمكى، ئۈكسىشىمدىن پۈتۈن ھۇجودىم لەرزىگە كىلىپ ،ئۆكسىشىم دىڭىز تاشقىنلىرىدەك شىددەت بىلەن تەنلىرىمگە ياق پۈتۈن بەدىنىمگە يىپىشىپ تۇرغان كىيىمسىمان تېرىلىرىمگە ئۇرۇلدى.
  قەلبىم شۇنداق دەھشەت چوقان كۈتۈردىكى يەر - زىمىن،كۆك - ئاسمان بىر - بىرىگە سۇقۇلدى.ھەممە نەرسە كۈكۈم - تالقان
بۇلۇپ جىمى ئالەم زۇلمەت ئىچىگە غەرىق بولدى.ئۇيەردە پەقەت كۆز ئالدىمدىكى چىكىتسىمان سەن بىلەن مەن قالغان ئىدىم.
ئۇزاپ كىتىۋاتقان چىكىتسىمان سەن تېخىمۇ كىچىكلەپ غايىپ بولدىڭ.
  مەن يەككە - يىگانە قالدىم.ھىچكىم يوق ئىدى. دەشتى - باياۋاندىكى ئالۋۇندەك. ياش پەردىلىرى زەئىپ،گۈنسىزقاراقلىرىمنى تۇسۇپ،ئالدىمدىكى رەستە - دۇكان،ئادەملەر ئورمىنى،كۆپكۈك مۇزدەك سوزۇلغان يول،دەل - دەرەخ ،ئۈتۈۋاتقان ماشىنىلار،نېرىراقتىكى ۋىناسسىمان ئۈزۈك بىلەك تىلەمچى،ئالدىمدىكى مايلامچى بالا...كۆرۈنمەي قالدى.
  تۇرغان ئورنۇمدا روھتىن ئايرىلغان تىنىم ئۈششۈك تەككەن ئاخىرقى ياپراقتەك غال - غال تىترەيتى.قىستىلىپ كېتىۋاتقان ئادەملەر توپىنىڭ مۈرىلىرى مۈرىلىرىمگە ئۇرۇلغاندا، ئۆزۈمنىڭ ھىلىقى ۋىناسسىمان ئۈزۈك بىلەك تىلەمچىدىنمۇ بەتتەر ھالدا ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلدىم.
  شۇنداق سەن كەتتىڭ ئاق لالەم......
                               سۇقۇلۇشتى يەر بىلەن ئاسمان،
                              غايىپ بولدى ئاھ''كوللى جاھان``
                              ئەمدى پۈچەك ،شاكال ۋۇجودىم،
                             ھوۋلاپ قالدى قەلبىمدە بوران.
                             كىتىپ قالدى ''روھلىرىم كارۋان``      

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 2

تىللا
69
تۆھپە
48
UID
16875
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  سۇقۇلۇشتى يەر بىلەن ئاسمان،
                              غايىپ بولدى ئاھ''كوللى جاھان``
                              ئەمدى پۈچەك ،شاكال ۋۇجودىم،
                             ھوۋلاپ قالدى قەلبىمدە بوران.
                             كىتىپ قالدى ''روھلىرىم كارۋان``       


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-9 15:50, Processed in 0.069589 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991