سايرام بازىرىدا‹‹1-ئىيۇن خەلقئارا بالىلاربايرىمى ››ئۆتكۈزۈلدى
باي ناھىيە سايرام بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپ ‹‹1-ئىيۇن خەلقئارا بالىلار›› بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
پائالىيەتتە قىزىل ناخشا ئېيتىش، ئەدەبي سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسۈتۈش، قىزىقارلىق ئېتوت قاتارلىق نومۇرلار ئورۇندالدى.
پائالىيەتكە ناھىيە تەۋەسىدىكى ساخاۋەتچى ئانىلار 500يۈەن نەق پۇلنى مۇشۇ مەكتەپنىڭ 8-يىللىق 1-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى تىرىشچان، ‹‹چىرايلىق قىز›› شەرىپىگە ئېرىشكەن ، تۇراگۈل ئابلانىڭ قولىغا يەتكۈزدى .ساخاۋەتچى ئانىلارنىڭ ۋەكىلى گۈلنىسا ھوشۇر بۇ مۇكاپاتنى ھەر يىلى تارقىتىدىغانلىقىنى شۇڭا بۇ مەكتەپتىن ‹‹چىرايلىق قىز› شەرىپىگە ئېرىشىدىغانلارنىڭ كۆپرەك چىقىشىنى ئۈمىد قىلدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ساخاۋەتچى ئانا ئايشەم ئوسمان مەكتەپتىكى 5نەپەر ئوقۇغۇچىغا ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ ئوقۇش قوراللىرى ياردەم قىلدى.
بۇ پائالىيەتكە بازارلىق ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى، بازىرىمىز تەۋەسىدىكى پونكىتلارنىڭ مەسئۇللىرى،بېيىغان تىجارەتچىلەر 5000يۈەن نەق پۇل ياردەم قىلىپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ تىرىشىپ ئوقۇپ ،ياراملىق ئادەم بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى .
پائالىيەت ئاخىرىدا قىزىل ناخشا ئېيتىش ،ئەدەبىي سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلاش جەھەتتە نەتىجىسى ياخشى بولغان سىنىپ كوللېكتىپى ،ۋە شەخسىلەر ماددى بويۇم بىلەن مۇكاپاتلاندى.
ئابلا ھەسەن خەۋرى،فۇتۇسى.
سۈرەتتە: نەق مەيداندىن كۆرۈنۈشلەر:
