تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 53924|ئىنكاس: 49

گاڭپەننى ساپ ئۇيغۇر تىلىدا نېمە دەپ ئاتايمىز؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
تۇرسۇنجان ياسىن
تىللا
165
تۆھپە
114
UID
687
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-1 00:43:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

گاڭپەننى ساپ ئۇيغۇر تىلىدا نېمە دەپ ئاتايمىز؟



     تىلىمىز بارغانسىرى ئەبجەش بولۇپ كېتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئانا تىلىمىزنىڭ ساپلىقىنى قوغداش ھەممىمىزنىڭ مەجبۇرىيىتى، بولۇپمۇ رادىيو، تېلېۋىزىيە، گېزىت قاتارلىق ۋاستىلەرنىڭ تېخىمۇ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيتى. يېقىندا مەلۇم بىر تاماقخانىنىڭ يۈرۈشلۈك قورىمىلار بىلەن چىقىرىلىدىغان (گاڭپىنى) توغرىسىدا بىر ئېلان ئىشلەش توغرا كېلىپ قېلىپ (گاڭپەننى ) ئۇيغۇرچىدا قانداق ئاتاش توغرىسىدا تالاش-تارتىش بولۇپ قالدى. بەزىلەر (گاڭپەن) دېيىش توغرا دەيدۇ، بەزىلەر (مىفەن) دېگەن سۆز بىزگە سىڭىپ كەتتى .يەنىلا شۇ سۆزنى ئىشلىتىش توغرا دەيدۇ، يەنە بەزىلەر (گۈرۈچ ئېشى) دېگەن تۈزۈك دەيدۇ. بىراق (گۈرۈچ  ئېشى) دېگەن سۆز بىزدە ئېنىقراق قىلىپ پولوغا قارىتىلغان، (مىفەن) دېگىنى ساپ خەنزۇچە، ( گاڭپەن ) دېگەن سۆزمۇ ئۇيغۇرچە ئەمەس. ئويلاپ باقسام ( گاڭپەن) نىڭ ساپ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى يوقتەك. بۇ تاماقنىڭ تارىخىي كېلىپ چىقىشى ھەققىدىمۇ كۆپ بىر نەرسە بىلىپ كەتمەيدىكەنمەن.  تەڭرىتاغ مۇنبىرىگە خېلى ئۇقۇمۇشلۇق ئەزالار توپلانغانلىقتىن مۇشۇ تاماقنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە نېمە دەپ ئاتاش كېرەكلىكى ھەققىدە ئاز تولا ئۇچۇرغا ئىگە بولۇپ قالارمىزمىكىن دەپ دوستلارغا مۇراجەت قىلغۇم كېلىپ قالدى. قېنى دوستلار ، پىكىر بېرىپ بېقىڭلارچۇ... داستىخىنىمىزدىن كەم بولمايدىغان بۇ تاماقنىڭ ساپ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى بارمۇ؟ يوق بولسا نېمە دەپ ئاتاش كېرەك؟

ھەممە ئىشلار ئۆتۈپ كېتىدۇ.
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 1

تىللا
33
تۆھپە
5
UID
7925
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-1 11:56:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرۇنقى سابىق مۇنبەرلەردە ئاق بەتتە دەپ ئالدىغانلىقىنى ئېيتىپ ماقالىلەر ئېلان قىلنغان ئىدى.


Rank: 2

ئىسىمى
ت. غۇجائەھمەد
تىللا
106
تۆھپە
62
UID
15838
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-1 12:36:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر قىسىم ئۇيغۇرچە - خەنزۇچە لوغەتلەرگە  ‹ گۈرۈچ تامىقى › دەپ كىرگۈزۈلۈپتۇ، ئەلۋەتتە قېلىپلاشتۇرۇلغان ئاتالغۇ تېخى ئېلان قىلىنمىغان بولسا بىز مۇ  ‹گۈرۈچ تائامى › دەپ ئاتىسىاق بولىدۇ -- دەپ قارايەن .
  پولغا كەلسەك پولونىڭ ئەسلىدىنلا ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى بولغاندىكىن ‹ پولو › دەپ ئايرىم ئاتىساق بولىدۇ .


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىتۆھپەيىغىشسەۋەبى
musapirbala + 1مەن پولا دەيدىكەنمەن

ھەممە باھا نومۇرى : تۆھپە + 1  باھا خاتىرىسى

Rank: 4

ئىسىمى
ئېلى ئەخەت
تىللا
356
تۆھپە
110
UID
4933
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-1 12:40:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تاماق بىزدە ئەسلى يوق ئىدى، كىيىن بارلىققا كەلگەن، شۇڭا ئېنىق نامى يوق. بۇنى دىيىش كىرەكمۇ يھ


Rank: 3Rank: 3

تىللا
236
تۆھپە
36
UID
4006
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-1 13:00:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈرۈچ تامىقى دەيمىزغۇ؟!


Rank: 2

تىللا
137
تۆھپە
45
UID
10014
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-1 13:14:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزدە ‹‹گاڭپەن ››ئەمەس گۈرۈج دۈملىمىسى دىيىلىدۇ بىراق سىرىتلارغا چىقساق گۈرۈج دۈملىمىسى دەپ ئۇقتۇرالمايمىز شۇنىڭغا قاراپ بۇ تاماقنىڭ ئىسمى راستىنلا مىفەن،گاڭپەن دەپ ئومۇمىلىشىپ قالغان بولسا كىرەك دەپ ئويلايمەن بىراق يىزىمىزدا ئومۇمەن گۈرۈج دۈملىمىسى دەپ ئاتايمىز مىنىڭچە ئاق بەتتە دىگەنمۇ ناھايتى توغرا ئاتاشكەن ئومۇملاشمىقى قىيىندە


Rank: 2

تىللا
58
تۆھپە
69
UID
4024
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-1 14:56:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىمىز ‹ دۈم گۆرۈچ› دەپ ئات قويۇۋالغان ئىدۇق ئۆيدە ...


Rank: 4

ئىسىمى
غەيرەت
تىللا
391
تۆھپە
79
UID
11066
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-1 15:20:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارۇق يوللىغان ۋاقتى  2012-6-1 14:56
ئۆزىمىز ‹ دۈم گۆرۈچ› دەپ ئات قويۇۋالغان ئىدۇق ئۆيدە ...

مەن تىڭىرقاپ قالدىم...
  


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
قۇربان غۇپۇر ئۇلباس
تىللا
205
تۆھپە
79
UID
2099
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-1 20:40:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاق بەتتە دىگەن بۇ ئىسىم مۇۋاپىق كىلىدىكەن. خېلى جىق تور بىكەتلەردە مۇشۇ ئىسىمنى تايىن تاپقان.
http://www.alimahat.com


Rank: 1

تىللا
34
تۆھپە
17
UID
16982
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-1 21:06:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزمۇ  ئۆيدە  چوڭ  كىچىك   ھەممىمىز  مىفەن   دەيتتۇق    .  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-9 13:31, Processed in 0.076689 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991