ھاراقكەش

پۇلنى تاپسا قاۋاققا ئېتىپ بەرگەن ھاراقكەش، تاپالمىسا ئەلەمدە چېكىپ بەرگەن ھاراقكەش، ھاراقنى دەپ ياخشىغا تېتىپ بەرگەن ھاراقكەش، ھاراق ئۈچۈن ۋىجداننى سېتىپ بەرگەن ھاراقكەش، ھاراق دېسە جاھانغا سېسىپ بەرگەن ھاراقكەش.
ھاراق ئىچىپ مەس بولۇپ كوچا-كويدا ياتقاندا، ئەس ھوشىنى بىلمەستىن لاي-پاتقاققا پاتقاندا، ئەلەم جاپا-مۇشەققەت مۇشكۈلاتنى تارتقاندا، قەھرىتاندا سوغۇقتا شېھىت بولۇپ قاتقاندا، ئەل جامائەت نەزىرىدىن ساقىت بولغان ھاراقكەش.
ئۆيگە كېلىپ تېپىپ مەش ئۆرۈپ ئوچاق قازاننى، ئايالىغا ئانىغا سېلىپ جەۋرى جاپانى، يۈز-كۆز يېرىپ مۇشتلىشىپ چىللاپ بالا قازانى، كەيىپ بىلەن كۈندە بىر يوقلاپ قەبرە مازارنى، ساپساق تۇرۇپ ساراڭدەك جاھان كەزگەن ھاراقكەش.
بۇ دۇنيادا ئاز ئەمەس ھاراق ئىچىپ يۈرگەنلەر، ھاراق سېتىپ باشقىنى قان يېغلىتىپ كۈلگەنلەر، كەيىپ سۈرۈپ ئاتىغا مۇش-قاپاقنى تۈرگەنلەر، بوتۇلكىنى قۇچاقلاپ ۋاقىتسىز ياش ئۆلگەنلەر، ئېلىپ ئىبرەت ئادەم بول دۇنيا گۈزەل ھاراقكەش. |