تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 6205|ئىنكاس: 17

بانكىدا كەسىپ بېجىرگەندە ئىسىمنى قانداق تولدۇرۇش كېرەك؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

ئىسىمى
ئادىلجان
تىللا
419
تۆھپە
134
UID
1050
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-30 11:28:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بانكىدا كەسپ بېجىرگەندە ئىسىمنى قانداق تولدۇرۇش كېرەك ؟


        ئۆتكەندە بانكىغا كارتا بېجىرىش ئۈچۈن كىرىپ بىر جەدۋەلنى تولدۇرۇش توغرا كېلىپ قالدى ، بانكا خادىمىنىڭ ئۆزى تولدۇرۇپ بېرىشىنى ئېيتتىم ، ئەمما ئىسىم يازىدىغان يېرىگە كەلگەندە تېخى ھەل قىلىنمىغان مەسىلىدىن بىرى كۆرۈلدى .
    بۇجەدۋەل مۇنداق( —————— ئىسمى—————————فامىلىسى) ئالدىغا فامىلىسى كەينىگە ئىسمى يېزىلىدىكەن بۇنداق بولغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسمىنى خەنزۇچە يېزىش توغرا كەلسە دادىسىنىڭ ئىسمى ئالدىغا ئۆزىنىڭ ئىسمى كەينىگە بوپ قالىدىكەن (شۇبانكا خادىمىنىڭ دىيىشىچە چوقۇم شۇنداق يېزىلىشى كېرەككەن ).
مەسىلەن :مەمەت ئەخەت دىگەننى ئەخەت مەمەت دەپ يازىدىكەنمىز .  بىراق بۇنداق يېزىلسا جامائەت خەۋپسىزلىك تورىنىڭ كىملىك تەكشۈرۈش ئۆتكىلىدىن ئۆتكىلى بولمايدۇ ، شۇنداق قىلىپ سىز يېرىم كۈن ئاۋارە بولۇپ بېجىرمەكچى بولغان كارتىڭىزنى بېجىرەلمەيسىز يەنى بانكا سىزنى توردىن تەكشۈرسە دۆلىتىمىزدە بۇنداق ئادەم يوق دەپ چىقىدۇ ...
   مۇشۇنداق ئەھۋاللارغا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار زادى تەدبىر قوللانغانمۇ يوق، بىرلىككە كەلگەن ھەل قىلىش ئۇسۇلى بارمۇ؟ مۇشۇلارنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىپ باقساق .
مۇشۇنداق ئەھۋالغا يولۇققان تورداشلار بارمۇ ؟؟  

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئايبەرچىن
تىللا
1078
تۆھپە
617
UID
201

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-30 14:23:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پارىخورلارغا ئوبدان بولغۇدەك، توردىن تەكشۈرسە مۇنداق ئادەم يوق دىسە، بارلىق پۇلىنى ئېلىپ ئۇدۇل چەتئەلگە قاچقۇدەك ھى ھى ھى...

Rank: 2

تىللا
180
تۆھپە
13
UID
118
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-30 15:27:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنغۇ توردا شۇنداق جەدۋەللەرگە يولۇقسام ، فامىلىنىڭ ئورنىغا ئىسمىمنى ، ئىسىم ئورنىغا فامىلەمنى يېزىپ يۈرگەن . بانكىدا بۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ ھەقىچان ......

Rank: 1

ئىسىمى
مەمەتچان
تىللا
4
تۆھپە
2
UID
16980
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-30 20:52:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئۇنۇنداق ئەخىۋالغا يۇلۇقماپتىمەن......................؟

Rank: 6Rank: 6

تىللا
1072
تۆھپە
523
UID
5044
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-30 21:15:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Ayberchin يوللىغان ۋاقتى  2012-5-30 14:23
پارىخورلارغا ئوبدان بولغۇدەك، توردىن تەكشۈرسە مۇنداق  ...

ھاھا.. ما گەپ بوپ قويىدىكەن
ئۆيگە كەتكۈم بار..

Rank: 6Rank: 6

تىللا
1072
تۆھپە
523
UID
5044
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-30 21:16:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لېكىن مەن تېخى ھازىرغىچە بىرەر بانكىدا ئۇيغۇرچە تولدىرىدىغان جەدىۋەلنى كۆرمىدىم....
ئۆيگە كەتكۈم بار..

Rank: 2

تىللا
136
تۆھپە
38
UID
4780
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-31 00:19:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلارنىڭ تەلىۋى بويىچە بولغاندا ، بالا دادىغا ، دادا بالىغا ئۆزگىرەپ قالمامدۇ، كىملىكتە ئىسىم قانداق بولسا شۇنداق تولدۇرمامدۇ؟

Rank: 2

ئىسىمى
ت. غۇجائەھمەد
تىللا
106
تۆھپە
62
UID
15838
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-31 16:49:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بىرەر باكا بولامدۇ ، ئىشقىلىپ ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ كەسىپ بىجىرگەندە ئۇيغۇرچە تولدۇردىغان جەدىۋەلنى ئۇچۇرتۇپ باقمىدىم .  بولسا جەدىۋەلنى ئىككى خىل يېزىقتا تولدۇرۇشقا رۇخسەت قىلغان بولسا نىمە دىگەن ياخشى بولاتتى ،  بىز ھەممىز  ھەر قانداق جەدىۋەل تولدۇرغاندا ئامال بار ئۆز يېزىقىمىزدا تولدۇرۇشقا، ئاپتۇماتىك پۇل ئېلىش ، پۇل تۆلەش ماشنىلىرنى ئىشلەتكەندە ئۆز يېزىقىمىزدىكى تۇرگە كىرىپ مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشقا تىرىشايلى !!!  بىر قىسى چوڭ بانكىلارغا بۇ خىل سېستىما سىناق شەكلىدە ئورۇنلاش تۇرلۇپ ، سىستاستىكا قىلىنىپتۇ ، ناۋادا مىللىي يېزىقنى ئىشلەتكەنلار سانى  يېتەرلىك بولمىسا بۇ خىل ماشنىلاردىن يېزىقىمىزنى چىقىرىۋېتىشى مۇمكىن ، مەن كوتكوت توپىدىن شۇنداق بىر گەپنى ئاڭلاپ قالغان شۇڭا ھەرقايسى تورداشلارغا ئامال بار ھەرقانداق ئورۇندا ( گەرچە خەنزۇچىغا ئۇستا بوپ كەتسەكمۇ) ئۆز يېزىقىمىزنى ئۆز تىلىمىزنى ئىشلىتىشكە ئادەتلىنەيلى !!  مېنىڭچە مۇشۇنداق داۋاملاش تۇرساق يوقاردا دىگەن جەدىۋەلگىمۇ تۇزتۇش كىرگۈزىشى مۇمكىن .......

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
سەرسان روھ
تىللا
2160
تۆھپە
743
UID
528

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-31 17:21:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداقمۇ ئىشلار بارمىكەن تېخى ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن بىزنىڭ بۇيەردە ئۇنداق ئىشلار يوق مەن كارتا بېجىرگەندە  جەدەۋەلنى ئۇيغۇرچە تولدۇرغان تېخى بانكا خادىمى ئۆزى تولدۇرۇپ بەرگەن ! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sarsanroh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-31 17:22  

ئانا يۇرتۇڭ ئامان بولسا، رەڭگى-روھىڭ سامان بولماس.

Rank: 6Rank: 6

تىللا
325
تۆھپە
226
UID
4104
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-31 17:51:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولدى مەن گەپ قىلماي، ئىچىم پۇشۇپ كەتتى، بىزنىڭ بۇ گىپىمىزنى كىم ئاڭلايتتى، تەڭرىتاغ تورىدىكىلەر بىزنىڭ ئىنكاسلىرىمىزنى يۇقىرىغا يەتكۈزەلەمدۇ يا؟
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-9 15:56, Processed in 0.077866 second(s), 28 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991