كونسۇل كوچىسى ئەتراپىدىكى تىلەمچىلەر
مەن ھەر كۈنى كونسۇل كوچىسىدىن ئۆتىمەن، بۇ يەرنىڭ ئاۋاتلىقى، قايناق مۇھىتى ماڭا جەنۇبتىكى دېھقان بازارلىرىنى ئەسلىتىدۇ، نېمىلا دېگەن بىلەن مەركىزىي شەھەردە ياشاپ، مۇشۇنچىلىك قايناق بازارنى كۆرمەك ئادەمگە ھەقىقەتەن تەس جۇمۇ. بىراق نېمىشقىكىن يېقىندىن بۇيان كونسۇل كوچىسىدا سودا-سېتىق قىلدۇرمايدىغان بولۇپ قالدى. قارىغاندا بىخەتەرلىك ۋە جامائەت تەرتىپى مەسلىسىنى ئويلاشقاندەك قىلىدۇ. بۇنىڭغىمۇ مەيلى، لېكىن كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكى كونسۇل كوچىسى ئوبرازى يەنىلا ئۆچمەپتۇ، ئىنچىكىلەپ كۈزىتىپ باقسام، ھازىر سودا-سېتىقچىلار كونسۇل كوچىسىنىڭ ئەتراپىدا ئۆز سودىسىنى قىلىپ تۇرمۇشىنى قامداۋېتىپتۇ، ھېچكىم بۇ كوچىنىڭ ئەتراپىدىن ئايرىلدىغاندەك ئەمەس.
ياز پەسلىنىڭ يىتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، كونسۇل كوچىسى ئەتراپىدا يەنى كونا سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئالدىدا ئادەملەر كۆپىيىپلا قالماستىن تىلەمچىلەرمۇ خېلى كۆپىيىپ قالدى. نېمە ئۈچۈن بۇلارغا دىققەت قىلدىڭىز دەپ سورىشىڭىز مۇمكىن. چۈنكى بۇ مېنىڭ ئۆتەر يولۇم، ھەر قېتىم ئىشتىن قايتقاندا مۇشۇ يەردىن ئۆتىمەن، يانچۇقۇمدا ئانچە-مۇنچە پارچە-پۇرات پۇللار بولسا ئۇلارغا بېرىمەن. بىراق كۈنلەر ئۆتكەنسېرى مەن بۇ تىلەمچىلەرنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم. كۆپىنچىسى قۇچىقىغا بالا كۆتۈرۈۋالغان ئاياللار ئىدى. ئۇلارنى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئىچى سېيرىلىپ، يانچۇقىنى كوچىلىشاتتى. چۈنكى بۇ يەردىن ئادەملەر ناھايىتى كۆپ ئۆتىدۇ ئەمەسمۇ؟
قارىسام نۇرغۇنلىغانلىرى ياش ئاياللار، قۇچىقىدا بالا. ئۇلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەچ ئويلىنىپ قالدىم، مېيىپ بولسا ياكى قېرىپ قالغان بولسا ئۇنىڭغا ئامال يوق، نېمە ئۈچۈن ياپياش تۇرۇپ، پۇت-قولى، كاللىسى بېجىرىم تۇرۇپ، شۇ يەردە ئولتۇرۇپ تىلەمچىلىك قىلىدۇ؟ بىز نېمە ئۈچۈن ئۇ ئايالغا پۇل بېرىمىز؟ بىز بۇ يەردە ھەرگىز ئۇ ئايال ئۈچۈن پۇل بەرمەيمىز، بەلكى ئاشۇ قۇچىقىدا كۆتۈرۈپ ئولتۇرغان بالىسىنى كۆرۈپ پۇل بېرىمىز.ئاشۇ نارىسىدىگە ئىچ ئاغرىتقانلىقىمىزدىن پۇل بېرىمىز. ئەگەردە بەش ئەزاسى بېجىرىم ياش بىر ئايال تىلەمچىلىك قىلىپ ئولتۇرسۇن، قېنى قانچىلىك ئادەم ئۇ ئايالغا پۇل بېرىدىكىن.
مېنىڭ بۇ يەردە دېمەكچى بولغىنىم نېمە؟مېنىڭ بۇ يەردە دېمەكچى بولغىنىم، بالىلىرىمىزنى پۇل تېپىشنىڭ ۋاستىسىگە ئايلاندۇرۇۋالمىساق. ھېلىمۇ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە سەرگەردان بولۇپ، ئوغرىلىق قىلىپ يۈرگەن نارەسىدە بالىلىرىمىز ئاز ئەمەس. ئۇلارنى مەجبۇرلانغان دەيلى، ئاشۇ تىلەمچى ئاياللارنىڭ قۇچىقىدىكى بالىچۇ؟ ئۇلارغۇ ھازىر كىچىك، چوڭ بولغاندىن كېيىن، ئەينى چاغدا ئاپىسى بىلەن بىللە تىلەمچىلىك قىلغانلىقىنى بىلسە شۇ بالىنىڭ روھىي دۇنياسىدا قانداق ئىشلار يۈز بېرەر؟بۇنى ھازىر ھېچكىم مۆلچەرلەپ بولالمايدۇ.
تۇرۇپلا ئاشۇ ئاياللارنىڭ ئەرلىرى يوقمىدۇ دەپمۇ ئويلاپ قالىمەن، مېنىڭچە ھەممىسىنىڭ ئېرى يوق بولۇشىمۇ ناتايىن. چۈنكى ئۇلار بۇ يەرگە ئۆزى يالغۇز ئەمەس بەلكى بالىلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ كەلگەن. ئەگەر ئەرلىرى بولۇپ قالسا ئەرلىرىنىڭ ۋىجدان، غورۇرى يوقمىدۇ دەپ ئۇنىمۇ ئويلاپ قالىمەن. ئاڭلىسام تىلەمچىلەرنىڭ كۈندىلىك تاپاۋىتى 100 يۈەندىن ئاشىدىكەن. قارىغاندا بۇ كىرىم ئۇلارغىمۇ يېقىپ قالغاندەك قىلىدۇ.
يەنە بىر ئىشقا ھەيران قالىمەن، بىر ئادەم يىغلىسا ئۇنىڭمۇ مەلۇم يىغلاش چېكى بولىدۇ، يىغلاپ-يىغلاپ توختايدىغان گەپ، لېكىن ئەشۇ تىلەمچى ئاياللارنىڭ توختىماي يىغلاۋاتقانلىقىنى مەن يالغان دېيەلمىسەممۇ لېكىن راستلىقىدىنمۇ گۇمانلىنىپ قالدىم. چۈنكى ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدە خىلمۇ خىل ئىشلار بىزنى نۇرغۇن ئىشلارغا ئىشەنمەس قىلىپ قويدى ئەمەسمۇ؟
گەپنى يىغىنچاقلاي، گەپلىرىم تاقا-تۇقۇ بولۇپ قالدى. بىراق مېنىڭ بۇ يەردە دېمەكچى بولغىنىم، بالىلىرىمىز بىزنىڭ پۇل تېپىش ۋاستىمىزغا ئايلىنىپ قالمىسۇن. قولىمىزدىن كەلسە، ماغدۇرىمىز بولسا ئامال بار ھالال ئىشلەپ پۇل تاپايلى، بالىلىرىمىزنى كوچا-كويلاردا سازايى قىلماستىن، ئامال بار ئۇلارنى ئوقۇتايلى، ئۇلار ئوقۇسۇن، بىلىم ئالسۇن،ھەرگىزمۇ چوڭ بولغاندا ئاتا-ئانام كىچىكىمدە مېنى ئۇنداق قىپتىكەن، بۇنداق قىپتىكەن دەپ بىزدىن نەپرەتلەنمىسۇن!