تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 17850|ئىنكاس: 13

ئۈرۈمچىدىكى «توي ماشىنىلىرى» نىڭ باھاسى ئۆسۈپ كەتتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

ئىسىمى
پەرھات
تىللا
314
تۆھپە
200
UID
12762
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-28 19:41:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۈرۈمچىدىكى «توي ماشىنىلىرى» نىڭ باھاسى ئۆسۈپ كەتتى


20120527121223711.jpg


      ئاسىيا مەركىزى تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى خەۋىرى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچىدىكى بىر قىسىم توي مۇراسىم شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 5-ئاينىڭ ئوتتۇرىسىدىن كېيىن، توي كۆچۈرۈش ماشىنىلىرىنىڭ ئىجارە ھەققى ئۆرلەپ كەتكەن بولۇپ، ئاز دېگەندىمۇ ئالدىنقى ئايدىكىدىن 500 يۈەن ئۆسۈپ كەتكەن.
    ئادەتتە بىر توي مۇراسىمىدىكى توي كۆچۈرۈش ماشىنا ئەترىتى ئاز دېگەندىمۇ ئالتە ئاپتوموبىلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدە بىرى باشلاپ ماڭىدىغان باش توي ماشىنىسى بولۇپ، قالغان بەشى ئارقىدىن ئەگىشىپ ماڭىدىغان ئاپتوموبىللار، باۋما يەتتە تىپىدىكى ئاپتوموبىل باش توي ماشىنىسى قىلىنغان توي كۆچۈرۈش ماشىنا ئەترىتىنىڭ ئالدىنقى ئايدىكى باھاسى بولسا 600 يۈەندىن 800 يۈەنگىچە بولغان بولۇپ،  لېكىن بۇ ئايدا ئۆسۈپ 800 يۈەندىن 1000يۈەنگىچە بولغان، ئارقىدىن ئەگىشىپ ماڭىدىغان ئاۋدى A6ئاپتوموبىللىرىنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئالدىنقى ئايدىكى ئىجارە باھاسى 180 يۈەندىن 200 يۈەنگىچە بولغان، ھازىر بولسا ھەممىسى دېگۈدەك 240 يۈەندىن 260 يۈەنگىچە ئۆسۈپ كەتكەن. مۇنداق ھېسابلاپ كۆرگەندە، بۇ ئايدا توي قىلغانلا پەقەت ماشىنىغىلا ئالدىنقى ئايدىكىدىن 500 يۈەندىن 800يۈەنگىچە كۆپ پۇل خەجلىگەن.
    ئۈرۈمچى خۇشاللىق بىلەن ئۇچرىشىش (شىشياڭفىڭ) توي مۇراسىم شىركىتىنىڭ مەسئۇلى خۇاڭ يى مۇنداق دېگەن، 5-ئايدىن بۇيان، يېڭى تىپتىكى بىنىس ئاپتوموبىلىنىڭ باھاسىدا ئۆسۈپ بولغان بولۇپ، ھەر بىر ئاپتوموبىلنىڭ يېرىم كۈنلۈك ئىجارە ھەققى 800 يۈەن بولغان، ئەگەر قەمەرىيە ۋە شەمسىيە كالېندارىدىكى «قوش قۇتلۇق كۈن» ھەمدە دەم ئىلىش كۈنىگە توغرا كېلىپ قالسا، توي كۆچۈرۈش ئاپتوموبىلىنىڭ يېرىم كۈنلۈك ئىجارە ھەققى 1000 يۈەن بولىدۇ، لېكىن 4-ئايدا بۇنداق ئاپتوموبىللارنىڭ ھەر بىرىنىڭ يېرىم كۈنلۈك ئىجارە ھەققى 600يۈەندىن 700 يۈەنگىچىلا ئىدى. بېك ئاپتوموبىلى گەرچە توي مۇراسىملىرىدىكى ئەڭ ئاددىي توي كۆچۈرۈش ماشىنىسى بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئايدىكى ھەر بىر بېك ئاپتوموبىلىنىڭ يېرىم كۈنلۈك ئىجارە ھەققى ئىلگىرىكى 150 يۈەن ئەتراپىدىكى باھادىن ئۆسۈپ 200 يۈەن ئەتراپىدا بولغان.
    ئىگىلىنىشكە قارىغاندا، ھەر يىلى 5-ئايدا توي كۆچۈرۈش ماشىنىلىرىنىڭ باھاسىدا ئۆسۈش كۆرۈلىدىكەن، لېكىن بۇ يىلقى باھا ئۆتكەن يىلىدىكى باھادىن ئاز دېگەندىمۇ 20 يۈەن كۆپ بولغان بولۇپ، «قۇتلۇق كۈنلەر»گە توغرا كېلىپ قالسا، 50 يۈەنگە يېقىن يۇقىرى بولۇشى نورمال ئەھۋال ئىكەن. خۇڭ بيەن تيەن توي مۇراسىم شىركىتىنىڭ دىرېكتورى تيەن خى، بازاردىكى ئېھتىياجنىڭ كۈچلۈك بولۇشىدىن سىرت، توي كۆچۈرۈش ماشىنىسى بازىرىدىكى باھانىڭ يىلسېرى ئۆسۈشىدە دىققەت قىلىدىغان بىر مۇھىم نۇقتا ئاپتوموبىللار چىقىم تەننەرخىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ئىبارەت، مەسىلەن ئۈچ-تۆت يىلى بۇرۇن، ئۈرۈمچىنىڭ نۇرغۇنلىغان جايلىرىدا ماشىنا توختىتىش ھەققى پەقەت 1.5 يۈەن/سائەت ئىدى، لېكىن ھازىر مەركىزى رايونلاردا ئاللىبۇرۇن بۇ باھا 3 يۈەنگە ئۆسكەن، ماي باھاسىنىڭ ئۆزگىرىشى داۋامىدىمۇ، ئۆسۈش كۆپرەك، تۆۋەنلەش ئازراق بولۇپ كەلمەكتە. بۇنىڭدىن باشقا سۇغۇرتا ھەققى قاتارلىق باشقا راسخوت چىقىملىرىمۇ ئۆسۈپ كەتتى، ئوخشاش بىر ئاپتوموبىلنىڭ تۆت يىلى بۇرۇنقى  چىقىمى ھەر ئايدا ئاران 1000 يۈەن ئەتراپىدا بولاتتى، لېكىن ھازىر بولسا 2000 يۈەن ئەتراپىدا بولغان بولۇپ، بىر ھەسسە ئېشىپ كەتكەن، بۇنداق بولغاندا، توي كۆچۈرۈش ماشىنىسى ئىجارە بېرىش كەسپىگە كىرىۋاتقان  خۇسۇسىي ئاپتوموبىل ئىگىلىرىمۇ بارا-بارا ئاپتوموبىللىرىنىڭ باھاسىنى يۇقىرىلىتىۋەتمەكتە، دەپ قارىغان.
    توي كۆچۈرۈش ماشىنىسى باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى سەۋەبىدىن، ھازىر تېخىمۇ كۆپ خۇسۇسىي ئاپتوموبىل ئىگىلىرى توي كۆچۈرۈش ماشىنىسىنى ئىجارىگە بېرىش ساھەسىگە كىرىپ ئۆزلىرىنىڭ ماي پۇلى چىقارماقتا. جەنۇبىي قوۋۇقنىڭ ئەتراپىدا قاشتېشى سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ۋاڭ لېي ھېسابلاپ كۆرسە، ھازىر ھەر بىر ئايدىكى ئاپتوموبىلىنىڭ چىقىمى 2000 يۈەندىن ئېشىپ كېتىدىكەن، ئاۋدى 2.4 سىغىملىق ئاپتوموبىلنى توي ماشىنىسى قىلغاندا، ھەر بىر قېتىمدا 250 يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلغىلى بولىدىغان بولۇپ، ماي پۇلى 100 يۈەن ئەتراپىدا بولىدىكەن، توي كۆچۈرۈش شىركىتىنىڭ %5تىن %10گىچە بولغان ئۈستەك پۇلى چىقىرىۋەتكەندە، ھەر بىر قېتىمدا 120 يۈەن ئەتراپىدا پۇل تاپقىلىقى بولىدىكەن، ئەگەر بىر ئايدا ئارقا-ئارقىدىن ئون نەچچە توي مۇراسىمىغا قاتناشقاندا، ئاپتوموبىل چىقىمىنىڭ يېرىمىدىن كۆپىرەكىنى ئاسانلا تاپقىلى بولىدىكەن. ئەگەر باۋما ئاپتوموبىلى بولسا، ئۇنداقتا بىر ئايدا پەقەت توي كۆچۈرۈش بىلەنلا ئاز دېگەندىمۇ 5، 6 مىڭ يۈەن تاپقىلى بولىدىكەن.
ھازىرقى بازار ئەھۋالى بۇنداق بولغان بىلەن، 7-، 8-ئاي بولسا توي قىلىشنىڭ يۇقىرى دولقۇنى بولۇپ، ئۇ چاغدا تاپىدىغانغا پۇل كۆپ لېكىن ماشىنا بولماسلىقتەك ئەھۋاللار كۆرۈلۈشى مۇمكىن ئىكەن. خۇاڭ يى: «8-ئاينىڭ 18-كۈنىنى مىسالغا ئالساق، بىزنىڭ شىركىتىمىز ئالدىن ئوندىن كۆپرەك ئاۋدى ئاپتوموبىلىنىڭ ئالدىن زاكاز قىلىش تالونىنى تاپشۇرۇۋالدۇق، شىركەتتە ھازىر جەمئىي 60 نەچچە ئاۋدى ئاپتوموبىلى بار، لېكىن ۋاقتى كەلگەندە بۇلارمۇ يېتىشمەسلىكى مۇمكىن».

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
نىفىت
تىللا
529
تۆھپە
300
UID
461
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-28 22:50:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى تىخمۇ بەك ئۆسۇپ كەتسۇن !!


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئابدۇرىېھىمجان
تىللا
1845
تۆھپە
1120
UID
281

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-28 23:39:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمانداق بۇپكەتتى¬!


قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى

Rank: 4

ئىسىمى
مەڭلىسا
تىللا
235
تۆھپە
115
UID
13924
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-28 23:48:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي خۇدايىم ئوغلۇمنى ئويلەپ بولغىچە ، بىزنىڭ يۇرتنىڭ شوپۇرلىرى ئاڭلىماي تۇرسىكەن.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئىزلەنگۈچى
تىللا
885
تۆھپە
595
UID
5650
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-29 00:58:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەرەخنىڭ ئۈسۈشىدىن باھانىڭ ئۈسۈشى تېز بولۇۋاتڭغۇ _ھازىرقى ۋاقىتلاردا؟


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ۋىسال
تىللا
488
تۆھپە
324
UID
351
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-29 01:10:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توي كۆچۇرۇشكە بىر قىزنىڭ ئويلۇقى كەتكۇدەككەن، ئۆيلىنىش ئۇچۇن ئىككى قىزنىڭ تويلۇق پۇلىنى غەملىگۇلۇككە ئەمسە


كىمنىڭ ھاياتىدا ئىلىم بەرگۇچى ئۇستازى بولمىسا،دىمەك ئۇنىڭ ئۇستازى شەيتاندۇر

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
قاراقاش
تىللا
997
تۆھپە
432
UID
312
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-29 13:30:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىسى ئابرويكەشلىك ئاددى ساددا توي قىلىش دەپ تەكىتلەيمىز شۇ گەپلەرنىڭ  جايىدا قالغىنى قالغان.ئۆمرىدە ئۇنداق ماشىنىلارغا چىقىپ باقمىغاندەك.ئاز قالدى ئىشتان پايپاقلارنى سېتىپ ئايرۇپىلاندا توي يۆتكگىلى.


مەن ئاپامنىڭ ئاپپاق قاغىسى، يۇمشاق كىرپىسى.

Rank: 3Rank: 3

تىللا
290
تۆھپە
60
UID
1699
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-29 15:58:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستلۇرۇم ،سىلەرمۇ تويۇڭلاردا ئۇ------زۇ------ن ماشىنىغا چىققانمۇ؟


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئايبەرچىن
تىللا
1078
تۆھپە
617
UID
201

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-29 16:41:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھى ھى ھى ھېلىمۇ بالدۇر توي قىلىۋاپتىكەنمەن.


Rank: 6Rank: 6

تىللا
935
تۆھپە
161
UID
344
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-29 18:38:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز توي قىلمىغاندىكىن تازا ئۆسسۇن!!!


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-9 13:30, Processed in 0.083550 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991