تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 17782|ئىنكاس: 13

ئەرلەر ياقتۇرىدىغان ئاياللار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

تىللا
236
تۆھپە
36
UID
4006
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-28 16:57:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەرلەر ياقتۇرىدىغان ئاياللار


   ھەر بىر ئەرنىڭ ئوبيېكىت تاللاش ئۆلچىمى ئوخشاش بولمايدۇ، بىراق بىر خىل ئاياللار ھەمىشە ئەرلەرنى جەلىپ قىلىدۇ. ئەنگىلىيە «ساغلاملىق ۋە مۇھەببەت» ژۇرنىلى مىڭلىغان ئەرلەرگە قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئاياللارنىڭ ئەرلەرنى جەلىپ قىلىشتىكى بەزى ئالاھىدىلىكلىرىنى خۇلاسىلەپ چىقتى.

123191808_11n.jpg


   1. ئۆزىگە ئىشىنىش: ئەرلەر كۆپىنچە بېشىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ، مەردانە قەدەم تاشلايدىغان، سۆزلىگەندە كۆز ئىپادىسى بىلەنمۇ پىكىر ئالماشتۇرالايدىغان ئاياللارنى ياقتۇرىدۇ. ئۆزىنىڭ سىرتقى قىياپىتى ۋە ئىقتىدارىغا نىسبەتەن ئىشەنچ قىلالىسا، ئەرلەر ئىچ – ئىچىدىن بۇنداق ئاياللاردىن ھوزۇرلىنىدۇ، گەرچە ئاياللار بەزىدە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كەمچىل بولۇش تۈپەيلى ئەرلەرگە تايىنىپ، ھېسسىياتىنى ئىپادىلىسىمۇ، بىراق ھەمىشە ئۆزىگە ئىشەنچ قىلالمىسا، ئەرلەرنى زېرىكتۈرۈپ قويىدۇ.

123191808_41n.jpg


   2. رەتلىك، پاكىزە، كىيىملىرى يارىشىملىق بولۇش: ئاياللارنىڭ سىرتقى قىياپىتى ئەرلەرنى جەلىپ قىلىشتىكى ئەڭ ئىپتىدائىي ئامىل. قارىماققا رەتلىك، پاكىزە بولۇش ئەڭ ئاساسى تەلەپ بولۇپ، ئۇنىڭدىن قالسا، كىيىم – كېچەكلىرى يارىشىملىق بولۇشى، ھەددىدىن زىيادە ئوچۇق – ئاشكارە بولماسلىقى كېرەك. قاپقارا ئۇزۇن چاچلار، لاتاپەتلىك تەققى – تۇرۇق ھەمىشە ئەرلەرنى مەپتۇن قىلىدۇ.

123191808_61n.jpg


   3. كۈلۈمسىرەش، ئۈمىدۋارلىق، ئاكتىپلىق: نۇرغۇنلىغان ئەرلەر مىجەزى ۋە سىرتقى قىياپەت جەھەتتىن خاپىغان كۆرۈنىدىغان، كەسكىن ئاياللار بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيدۇ. ئۆزى ئۇنى كۈلدۈرمەكچى بولغاندا، كۈلۈمسىرەپ تۇرۇشىنى، بىرلىكتە ھوزۇرلىنىشىنى خالايدۇ، ئەرلەرنىڭ كۆڭلىدە ھېلىقىدەك پاسسىپ، ھەممىنى ئىنكار قىلىدىغان ئاياللارنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچى مەڭگۈ ئۈمىدۋار، تۇرمۇشقا ئاكتىپ پوزىتسىيە تۇتىدىغان ئاياللارغا يېتىپ بولالمايدۇ.

123191808_91n.jpg



   4. مۇۋاپىق مۇستەقىلچانلىق: نۇرغۇنلىغان ئەرلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، مۇستەقىللىقمۇ بىر خىل كىشىنى جەلىپ قىلىدىغان ئالاھىدىلىك، ئەرلەرمۇ ئاياللارنىڭ مۇۋاپىق رەۋىشتىكى تۇرمۇشى ۋە بوشلۇقى بولۇشنى ياقتۇرىدۇ. ئەگەر ئاياللار ئەرلەرنى ئۆزىنىڭ بارلىقى دەپ ھېسابلىسا، ئەرلەر ئەركىنلىكىنى يوقىتىپ قويۇشى مۇمكىن.

123191808_111n.jpg


   5. كىشىنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىش، ئادەم كۈتۈشنى بىلىش: ئاياللار يولسىزلىق بىلەن جىدەل چىقىرىشتىن ھەزەر ئەيلىشى كېرەك. ھەر بىر ئەر كىشى ئۆزىنى قوللايدىغان، چۈشىنىدىغان ھەمراھىنىڭ بولۇشىغا ئىنتىزار بولىدۇ. ئەرلەر يەنە ئەرلەرنى كۈتۈشنى بىلىدىغان، بەزى تاتلىق خۇلقى بار ئاياللارنى ياقتۇرىدىغانلىقىنى ئوچۇق بىلدۈرگەن. مەسىلەن، كىر – قاتلىرىنى يۇيۇپ بېرىش، كىيىملەرگە دەزمال سېلىش، ئۆزىنىڭ تاماق يىگەن ياكى ئەمەسلىكىنى سوراپ تۇرۇش قاتارلىق بەزى سۆز – ھەرىكەتلەردىن ئەرلەرنىڭ كۆڭلى مىننەتدار بولىدۇ. ئەرلەر ئاياللارنىڭ غەمخۇرلىقىغا ئېرىشكەن چاغدا، تۇرمۇش شۇنداق گۈزەل بىلىنىدۇ.

123191808_121n.jpg


   6. گەپ – سۆزدە يېتىلگەن بولۇش، لايىقىدا گەپ قىلىش: بالىلارنىڭ ئاچچىق قىلىپ ئېيتقان سۆزلىرىمۇ بەزىدە كىشىگە شۇنداق ئوماق بىلىنىدۇ، بىراق ئەرلەر ئادەتتە پىشقان، قائىدە – يوسۇنلۇق سۆزلەيدىغان ئاياللارنى ياقتۇرىدۇ. بەزى سورۇنلاردا گەپ – سۆزنى لايىقىدا قىلىشمۇ ئەرلەرنىڭ مەسىتلىكىنى قوزغايدۇ. ئەگەر ئاياللار ھەمىشە قوپال، قاتتىق بولسا، مۇقەررەر ھالدا ئەرلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشەلمەيدۇ.

123191808_141n.jpg


   7. قوللاشنى ۋە كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاشنى بىلىش: ئەرلەر ئۆزىنى قوللايدىغان ئاياللارغا يولۇقۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ، بولۇپمۇ ئۇلار بىر مەزگىللىك ئۇزاققا سوزۇلغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرماقچى بولغان چاغدا، بۇنداق بولۇشىنى تېخىمۇ ئارزۇ قىلىدۇ. ئەرلەر ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىشىنى، قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، سوغۇق پوزىتسىيە تۇتماي، مەسخىرە قىلماي، ئەكسىچە مۇۋاپىق بولغان تەكلىپ بېرىپ، ئۆزىنى قوللىشىنى ۋە بۇ ئارقىلىق، يۇشۇرۇن ئىقتىدارىنى قوزغىتىشىنى تېخىمۇ ئارزۇ قىلىدۇ.

123191808_71n.jpg


   8. مۇۋاپىق جىنىسي تۇرمۇشتىن ھوزۇرلىنىش: ئاياللار تۇغۇلىشىدىن تارتىپلا ئىزا  - نومۇسلۇق، تارتىنچاق بولىدۇ. بىراق مۇۋاپىق بولغان جىنسىي ئالاقىدىن ئېرى بىلەن بىللە ھوزۇرلىنىشىنى بىلىدىغان نىكاھلىق ئاياللار ئەرلىرىنىڭ كۆڭلىنى تېخىمۇ ئوڭايلا ئۇتالايدۇ ھەم ئەرلىرىنىڭ كۆڭلىنى رام قىلالايدۇ.

تەرجىمە قىلغۇچى: ئالىمجان نەسىردىن




شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

ئىسىمى
阿不力克木
تىللا
315
تۆھپە
201
UID
10831
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-28 17:35:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

Rank: 4

ئىسىمى
ئەزمەت
تىللا
318
تۆھپە
169
UID
10822
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-28 18:01:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلارنىڭ ھەممىسى نەق مىنىڭ كۆڭلۈمدىكىدەك ئاياللاركەن رەخمەت  تىمىڭىزغا


Rank: 6Rank: 6

تىللا
525
تۆھپە
295
UID
4664
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-28 19:20:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى  ئەسەركەن


Rank: 4

ئىسىمى
پەرھات
تىللا
314
تۆھپە
200
UID
12762
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-28 19:51:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى  ئەسەركەن.رەخمەت  تىمىڭىزغا.



Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
نىفىت
تىللا
529
تۆھپە
300
UID
461
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-28 23:09:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالتىس ئەسەر ئىكەن .


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئابدۇرىېھىمجان
تىللا
1845
تۆھپە
1120
UID
281

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-28 23:41:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئىكەن .....لىكىن مەن ياخشى كۇرىدىغان  ئاياللار يوقكەن¬!


قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئىزلەنگۈچى
تىللا
885
تۆھپە
595
UID
5650
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-29 01:01:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداقمىدۇ؟


Rank: 1

تىللا
6
تۆھپە
1
UID
16844
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-29 14:13:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tuman يوللىغان ۋاقتى  2012-5-28 23:41
ياخشى ئىكەن .....لىكىن مەن ياخشى كۇرىدىغان  ئاياللار يوق ...

سىز قانداق ئاياللانى ياخشى كۆرەتتىڭىز


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مۇنەۋەر
تىللا
429
تۆھپە
236
UID
12654
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-29 22:23:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەق  توغرا ئېيتىلغان گەپلەر ئىكەن مەن ئەر بولغان بولساممۇ شۇنداق ئاياللارنى ياخشى كۆرگەن بۇلاتتىم.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-9 15:56, Processed in 0.089650 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991