تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 8177|ئىنكاس: 10

ئەمەلدارلارغا ئۆچمەنلىك نەدىن كېلىۋاتىدۇ[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

تىللا
14
تۆھپە
1
UID
3852
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-27 21:40:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەمەلدارلارغا ئۆچمەنلىك نەدىن كېلىۋاتىدۇ


    ھازىر خەلق تاپشۇرغان باجنى خەجلەپ چىرىكلىشىۋاتقان بەزى ئەمەلدارلار ۋە بازار ئىگىلىكدە توساتتىن بېيىپ كەتكەن پۇلدارلار جەمىيەتتە غۇلغۇلا نۇقتىسىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقى ھەممىگە ئايان . جەمىيەتتە بەزى ئەمەلدارلار ۋە پۇلدارلارغا ئۆچمەنلىك بىلەن قارايدىغان كەيپىيات مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىتىراپ قىلماي بولمايدۇ . چۇنكى بۇنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق سەۋەبى بار .
1 - ئىجارىكەشلىك :
ھازىر بەزىدە دۆلەت ھوقوقى بازاردىن ئىجارە يىغىدىغان، ھەتتا ئاكتىپلىق بىلەن ئىجارە پەشتاقلىرىنى تەسىس قىلىپ تىجارەتچىلەردىن ھەق تەلەپ قىلىدىغان بولۇپ قالدى . دۆلەت مۇپەتتىش مەھكىمىسىنىڭ دۆلەت كارخانىلىرى ، كەسپى ئورۇنلارنىڭ كىچىك خەزىنە لىرىنى تەكشۈرگەندە ئايان بولغان نەتىجە ئىجارىكەشلىك ئەھۋالىنىڭ ئۇمۇميۇزلۈك مەۋجۇتلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى . شاڭخەيدىكى ئەمەلدارلارنىڭ كوللىكتىپ ئۆي سېتىۋالغاندا ئىتىبار قىلغان سومما 500 مىڭ يۇەندىن 1 مىليون يۇەنگىچە بولغانلىقى كىشىنى چۆچىتىدۇ . ھۆكۈمەتنىڭ ئاۋامدىكى ئىشەنچ دەرىجىسى گۇمان قوزغايدۇ .
2 -  ئۈچ ئۇمۇم  نىڭ پۇلى مەسلىسى .
جامائەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان مەمۇرلارغا مائاش بېرىش ئەقەللىي ئىش ، ئەمما 900 مىلياد يۇەن سەرپ قىلىنغان ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ-ئىچىش ، چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقىش ، ھۆكۈمەت پۇلىغا سېتىۋېلىنغان پىكاپلارنى ئىشلىتىش ھۆكۈمەتنىڭ مائارىپ ۋە نامراتلارنى يۆلەشكە سېلىۋاتقان مەبلىقىگە قارىغاندا ئاسمان زىمىن پەرق شەكىللىنىدۇ . خەلقنىڭ چاكىرى خەلقنىڭ پۇلىنى خەجلەپ خاندەك ياشايدىغان ، يېنىغا بىر تىيىن سالماي خالىغان يەردە ھەقسىز ئىسىل مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمەن بولىدىغان ، مۇبارەك ئىمزاسى بىلەن ھېسابات قىلىدىغان ، ئىشخانىسىدىن تۇرالغۇسىغۇچە يۇلتۇز دەرىجىگە توشىدىغان ، مۇشۇنداق تۇرۇقلۇقمۇ  يەنە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىدىغان ، پارا ئالىدىغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرىۋاتىمىز ، ئاۋام يەنە غەزەپلەنمەسلىكى مۇمكىنمۇ ؟
3 - ئەمەلدارلارنىڭ يالغۇز قېلىشى .
ھۆكۈمەت ۋە دۆلەت كارخانىلىرى ئەمەلدارلىرى ئىچىدە مۇنداقمۇ بىر ئەھۋال بار : بەزى ئەمەلدارلار دۆلەت ئىچىدە ئەمەلدارلىقىنى قىلىپ ئائىلە ئەزالىرىنى جۇڭگو بىلەن ئۆتكۈزۈپ بېرىش كىلشىمى تۈزۈشمىگەن كانادا ۋە فىرانسىيەنىڭ جەنۇبى ، ئامېركا ، ئاۋىستىرالىيە قاتارلىق جايلارغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ . نىمىشقا دەمسىز ؟ جاۋابى ئاددىي ، ئۇلار پارىخورلۇق قىلمىغان تەقدىردىمۇ ، نان بېرىۋاتقان ۋەتىنىگە تولۇق ئىشەنچىسى يوق ، ئۇلارغۇ ئۆزلىرىگە چىكىنىش يولى ھازىرلاپ قويۇپتۇ ، پۇقرالار نەگە بارىدۇ ؟
4 - نامراتلاردىن نىسىۋە تالىشىش .
بەزى جايلاردا شۇنچە مال-دۇنيا ۋە نوپوزغا ئىگە تۇرۇپمۇ ھەشەمەتلىك پىكاپلىرىنى ھەيدەپ ئەرزان ، ئىتىبار باھالىق ئۆيلەرنى سېتىۋېلىشقا بارىدىغان پۇلدار ، نوپوزلۇق ئەربابلارنى ئۇچرىتىپ تۇرىۋاتىمىز .
5 - ئاۋامنى ئالداش ، قورقۇتۇش .
قائىدىگە خىلاپ ئاپتوموبىل ھەيدەپ باشقىلارنى زەخمىلەندۈرۈپ  مەن پالانچى باشلىقنىڭ ئۇندىقى - مۇندىقى  دەيدىغان ، شەھەرنى ئۆزگەرتىش ۋە كۆكەرتىش قالپىقىنى كىيىۋېلىپ ، پۇقرالارنى يەر ، ئۆيلىرىنى ئېلىۋېلىپ ھەسسىلەپ پايدا ئالىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس ،،،
6 - ساختىلىق قىلىش .
ئەمەلدارنىڭ دېلوسى ساختا بولۇش ، كارخانا تەشۋىقاتى ساختا بولۇش ، مەھسۇلات سۈپىتى ساختا بولۇش ، پاي بازىرىدا ساختىلىق قىلىش ،،، مالىيە ھېساباتى ساختا بولۇش ،،، زەنجىرسىمان ساختىلىقلار ئەتراپىمىزدا قەدەمدە بىر .

مەنبە : قانۇنچىلىق گېزىتى  

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 2

تىللا
102
تۆھپە
32
UID
15412
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-28 21:20:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىسى ھەق ئىشلار، باشلىق - ئەمەلدارلارغۇ شۇنداق قىلار، بىجارە دېھقانلىرىمىز، جەمئىيەتنىڭ كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان كەڭ خەلققىلا زۇلۇم!!


Rank: 4

ئىسىمى
كاپىتان
تىللا
352
تۆھپە
165
UID
5645
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-29 08:54:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوغرى تۇتتۇق ئوغرىنى،
ئوغرى تەشتى مورىنى.
كىسەل تۇرسا ئەمەلدار.
پۇخرا يېدى دورىنى.

بۇنداق ئەمەلدارلار دۆلەت ۋە خەلق مەنپەئەتىگە چۇشكەن مىتە.


Rank: 1

تىللا
29
تۆھپە
10
UID
1405
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-29 13:48:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەمىيەتتە چىقىۋاتقان مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىنىڭ بەزى چىرىك ئەمەلدار، دۆلەت خىزمەتچىلىرى
بولپمۇ مۇكەممەل ساپا ھازىرلىمىغان «خەلق ساقچىلىرى » بىلەن باغلىنىشلىقى بار
ھۆكۈمەت بۇ مەسلىگە ئەھمىيەت بەرسە بولاتتى


Rank: 2

ئىسىمى
ت. غۇجائەھمەد
تىللا
106
تۆھپە
62
UID
15838
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-29 16:35:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ قىسىم ئەمەلدارلار دەسلىۋىدە ئۇنچىلىك نەپسانىيەتچى، ھاكاۋۇر ئەمەس ، پەقەت بىرقىسملا شۇنداق ، لېكىن ئەتىراپمىزدىكى قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان تەخسىكەش ، نۇمۇسنى بىلمەيدىغان خوشامەتچىلەرنىڭ تۇپەيلىدىن ، دەسلىۋىدە بىر ئوبدان ئەمەل تۇتۇپ ئولتۇرغانلارنى زەھەرلەپ ، خوشامەت قىلمىسا باشقىلار كۆزىگە سەت كۆرىنىغان ، سوغا بەرمىسە ئىش بىجىرىپ بەرمەيدىغان قىلىۋېتىدۇ - ئەڭ ئاۋال ئەتىراپىمىزدىكى باشقىلارنىڭ پىشىنى كۆتۈرۈپ ، ھەتتا كاسىسىنى سۈرتۇپ قويۇشتىنمۇ ئەيمەنمەيدىغانلارنى ئازلاتساق ، كۆپ قىسىم ئەمەلدارلىرىمىز تەبىئى ئوڭشۇلۇپ كېتىدۇ -- دەپ قارايمەن . قېنى مېنىڭ كۆز قارىشىمىغا قوشۇلىدىغانلار بارمۇ ؟


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
ئاتتىلا
تىللا
197
تۆھپە
66
UID
4640
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-29 22:31:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالۋاڭ ئالمىدۇق دەيدۇ،
ئىشتان قالمىدى قوڭدا.
ھاشا سالمىدۇق دەيدۇ،
قوزۇق قاقىمىز توڭدا. (دېھقانلار قوشىقى)
مۇشۇ ئاددىي قوشاقتىنمۇ نۇرغۇن ئىشلارنى ئويلاپ يەتكىلى بولىدۇ، ساختىپەزلىك، ئالدامچىلىق، نەپسانىيەتچىلىك، خوشامەتچىلىك، پارىخورلۇق(پارە ئېلىش، پارە بېرىش)، بىيرۇكىراتلىق، مۇستەبىتلىك خۇددى ئەيدىز ۋىرۇسىدەك جەمئىيىتىمىزگە شىددەتلىك يامرىماقتا، ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەتنىڭ ئەمەلدارلارنى پات ئارىدا تۈزىيەلىشىگە ھەرگىز ئىشەنمەيمەن!...


Rank: 4

تىللا
339
تۆھپە
154
UID
3236
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-1 01:16:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئاۋۇ 5-قەۋەتتىكى ئەپەندىنىڭ كۆزقارىشىغا تامامەن قوشۇلىمەن. كۆپ ساندىكى رەھبەرلىرىمىز دەسلەپ ئەمەلدارلىق ئورنىغا ئولتۇرغاندا ئۇنچە نەپسانىيەتچى ئەمەس ئىدى، راس گەپنى قىلغاندا خەلقىمىز ئارىسىدا تەخسىكەش ، نۇمۇسنى بىلمەيدىغان خوشامەتچىلەر ناھايتى كۆپ، ئۇلار ھەتتا پالانىم بۇقېتىم ئىدارە بشلىقى بولۇپ قالارمىكىن ياكى باشقارما باشلىقى بولۇپ قالارمىكىن دىگەن مىش-مىشنى ئاڭلىغان كۈنىدىن باشلاپ ئەشۇ پالانىنىڭ ئىشتى بولۇش ئۈچۈن تۈنلەرنى ئۇخلىماي ئۆتكۈزىدىغان نومۇسسىز قېرىنداشلىرىمىز ساماندەك تۇرۇپتۇ. مۇشۇنداق موھىتتا ئەمەلدارلار قانداقمۇ سىلەرگە ئادىل خىزمەت قىلىپ بېرەلىسۇن؟


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
چالقۇشى
تىللا
455
تۆھپە
277
UID
13725
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-1 03:27:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمەلدارلارغا ئۆچمەنلىك نەدىن كېلىۋاتىدۇ؟؟؟؟؟  نەدىن كىلەتتى   ئۆزلىرىدىن كىلىدۇ دە.........




Rank: 1

تىللا
69
تۆھپە
8
UID
2376
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەپسانىيەتچىلىك تويمىغۇرلۇق تەخسىكەشلىكتە ئۇچىغا چققان بىچەرىلىرىمىزنىڭ باشلىق بۇلۇپ قىلىۋاتقانلىقىدىن تەشكىلات بولۇملىرىمىز بالدۇر بايقىيالمىغانلىقىدىن پۇقرالارنىڭ ئرەنسىزلىگىدىن ھەمىسىنىڭ زەنجىرسىمان باغلىنىشلىقىدىن دەت ئېيتىپ بارسىڭىز سورايدىغانلارنىڭ يوقلىغىدىن ئىش قىلىپ سۇنىڭ بىشىدىن تارتىپ لاييييييييي ئون بايدىن بىر غالچىنىڭ يامانلىقىدن  ئۇلا ئەدەپ كېتىۋاتامدىكىن


Rank: 2

ئىسىمى
ئالىمجان
تىللا
145
تۆھپە
18
UID
17623
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 02:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق، ھۆكۈمەتنىڭ پۇلىنى  خىيانەت قىلىدىغان  كادىرلار  كۆپىيىپ  كەتتى،ھۆكۈمەت مالىيەنى  قانچىكى مەركەزلەشتۈرۈپ باشقۇرغانسىرى،تېخىمۇ ئېغىرلاپ كەتتى،بولۇپمۇ،مائارىپتا ئېغىرراق ،  ھەرقانداق  ئوقۇش ماتىرىياللىرىنى ‹‹سەيگو››  دىن  ئېلىش،مەكتەپ ئۆز ئالدىغا ئالسا پۇلنى ئاتچۇت قىلىپ بەرمەسلىك،لىكىن يۇقىرى كۆرسىتىپ بەرگەن جاينىڭ ماتىرىياللىرى ساختا ياكى بەك قىممەت باھادا  سېتىلىۋاتقان ،ئۇ پۇللار ناھايىتى تىز ئاتچوت قىلىنىدۇ تېخى .................


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-9 13:30, Processed in 0.076838 second(s), 27 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991