مەنمۇ دەپ باقاي، سىزمۇ دەپ بېقىڭ
كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا، يېزىدىكى ئۆيىمىزدە نۇرغۇن ئەنئەنىۋى تۇرمۇش بۇيۇملىرمىز بولىدىغان. ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى، تۇرمۇش سەۋىيسىنىڭ ئۆسىشى، ئائىلە شارائىتىنىڭ ياخشىلىنىشى بىلەن، ئاتا-بوۋىمىز بىر ئۆمۈر ئىشلىتىپ كىلىۋاتقان بىر تۈركۈم تۇرمۇش بۇيۇملىرى ۋە ئائىلە سايمانلىرى ھازىر زاماندىن قېلىپ، ئاسارە-ئەتىقىگە ئايلىنىپ قالماقتا. پەرزەنتلىرىمىز يېزىغا بارسا، ئاۋۇ نىمە، ماۋۇ قانداق نەرسە دەپ قىزىقىپ سوراپ كىتىدۇ، ھازىر چوڭ بولۇۋاتقان ياشلار ۋە بالىلارغا ئاشۇ تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى تونۇتۇش مەخسىدىدە بۇ تېمىنى يوللاپ قويدۇم. تورداشلارنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن ئۆزى بىلىدىغان، باشقىلار ئانچە بىلىپ كەتمەيدىغان تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭ ئىسمىنى بۇ مۇنبەرگە يوللاش ئارقىلىق، ئۆزئارا چۈشەنچە ھاسل قىلىپ باقايلى دەپ ئويلۇدۇم. ئالدى بىلەن مەن باشلاپ بېرەي: 1. داڭقان 2. ئېۋرىق 3. مورا ئوچاق
قېنى سىزمۇ بىلەمسىز؟ |