6-ئىيۇندىكى شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسى سىرتقا ئېچىۋېتىلمەيدۇ
ئەڭ يېڭى ئىشەنچىلىك خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا،2012-يىلى6-ئاينىڭ6-كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزىلىدىغان شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسى بىلەن بېيجىڭ ياشلار كوماندىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقە سىرىتقا ئېچىۋېتىلمەيدىكەن،پەقەت ئىچكى قىسىمدىلا ئوينىلىدىكەن، سىرىتتىن پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ كىرىشىگە يول قويۇلمايدىكەن،ھازىر بېيجىڭدا ئوقۇۋاتقان شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار ھۇررا مايكىلىرىنى سېتىۋېلىپ شىنجاڭ كوماندىسىغا مەدەت بېرىش ئۈچۈن تەشكىللىنىپ بولغان ،ئەمما ئۇلار بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ بەك ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
ھازىرغىچە ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقىلەرنىڭ ھىچقايسىسىدا پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ مۇسابىقە مەيدانىغا كىرىپ مۇسابىقە كۆرۈشى چەكلىنىپ باقمىغان ،نېمىش بولدىكىن ھېچ بىلمىدۇق، نېمىشقا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە بۇنداق بولىدۇ؟؟؟زادى نېمىشقا؟؟؟پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ پۇتبول قىزغىنلىقىغا سوغاق سۇ سەپكەنلىك ھېساپلانمامدۇ بۇ قىلمىش؟؟؟