قـــارا ھىــــجران
ئايشەمگۈل بارات

تاغلار كېسىپ ئەي جانىم ، كىم تونۇشتۇرغان بىزلەرنى،
بىر كۆرۈپلا ھەجەپمۇ،كۆيدۈردۈڭغۇ سەن مېنى.
سىماھلىرىڭ ھەمراھتۇر ئۇيقۇ يوقتۇر كۆزۈمدە،
ساڭا ھەمدەم شۇ كۆڭلۈم ئاتىدىغۇ سۆيگۈمنى.

گۈل باغلاردا سەيلە قىپ، خۇش پۇراقتىن مەست بولدۇق،
سەزگۈلەرمۇ ھىدلىنىپ، مۇڭلۇق ناخشا توۋلىدۇق.
چاڭقاق دىلغا خوپ ياقتى،مۇڭدا ئېيتقان ناخشىلار،
سەرسان كېزىپ چۆللەرنى ۋادەرىخا ئىزلىدۇق.

چىن رىشتىمىز ياشنىدى، سۆيگىمىزنىڭ بېغىدا ،
ۋەدىلەشتۇق مەڭگۈگە ،ئەبەدىي قىلىمىز ۋاپا،
قېرى بولساق ياش بولساق، جەبىر- جاپا مۈشكۈلدە،
بىر يەڭدىن باش چىقىرىپ، بولىمىز دىلغا شىپا.

ۋە لېكىن نە قىسمەت بۇ، سۆيگۈمىزمۇ بۇزۇلدى ،
ھېيىت بايرامدا بەزمىدە، ئۇشبۇ كۆزۈم يىغلىدى،
ھەجەپ قالدىم باھاردا ئايغا قاراپ تەلمۈرۈپ،
يايرىم كەتتى قىشلاققا، چۆل داۋاندا چاڭقىدى.

مەن يىغلايمەن ھىجراندا، ۋىسال ئىزلەپ زارلىنىپ،
سەن يايرىممۇ جۆر شۇندا، ھەسرەت يۇتۇپ قىينىلىپ،
قەپەستىكى قۇشلاردەك جۇت شىۋىرغان دەستىدىن،
يۇلتۇزلارمۇ ياش تۆكتى، ئاھلارمۇ كۆككە يىتىپ.

ئەلەم تارتتى يۈرىكىم بەخىت گۈلۈم توزىدى،
جاننى پىدا ئەيلىگەن، سۆيگىنىم تەنھا قالدى،
جامالىمغا نۇر بەرگەن مېھرى ئاتەش ئاشىقىم،
سەرسان كېزىپ چۆللەردە ،جۇدالىقتا قىينالدى.

ئاھ! دېدىممەن ئەي كۆزۈم،ياشلىرىڭنى سۈرتىۋەت،
غەمگە پاتقان كۆڭلۈڭنى، ئۈمۈتلەرگە تولدۇرىۋەت.
كۈلۈپ باققىن قۇياشقا خانەڭ ئىللار شۇندا ھەم،
لەختە بولغان يۈرەكنى، يېشىڭ بىلەن يۇيىۋەت.

دەتلەر يۇتۇپ ياش تۆكۈپ، كۆزۈم پەقەت كۈلمىدى،
سەرسان ئەشۇ ۋۇجۇدۇم ،سەن يايرىمغا تەشناتى.
ھازا تۇتتى ئاي -كۈنمۇ ،بىر كۈن كۈلۈپ باقمىدى،
ئاھ ئىسىتەي ئېتقىنە ؟ تەقدىر قىسمەت شۇمىدى ؟

نە سەۋەپ بۇ سەۋدادا ،ئوخشىمىدىم ئۆزۈمگە،
ئايرىلىپ كىتەي دەيمەن خەيىر ئەمدى بۇ كۈنگە.
دىيەلمىدىم ۋە لېكىن بۇ ئاشىققا نە ھاجەت .
بەرداشىم يوق سىناققا،تەڭرىم قويدۇم ئۆزۈڭگە.
