شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسىغا ئوچۇق خەت
ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم ، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسىدىكى رەھبەرلەر ، ئاكا - ھەدىلەر ، تېنچلىقمۇ؟
ئەمدى ھەرقايسىڭلار بىلەن بەداشقان قورۇپ ئولتۇرۇش پۇرسىتى بولمىغاندىكىن ئازراق كۆڭۈل سۆزلىرىم ۋە سېسىق گەپلىرىم بار ئىدى ، مۇشۇ يەرگىلا تۆكەي دەپ ئويلىدىم .
ھەرقايسىلىرى كۆپ جاپا -تارتىپ مەركەزنىڭ ۋە مەملىكەت ئىچى سىرتىدىكى خەۋەرلەرنى بىزگە تارقىتىپ تۇرىشۋاتىلا ، كۆپ تەشەككۈر .
ئاندىن بىزنىڭ سەنئەتخۇمار خەلق ئىكەنلىكىمىزنى كۆزدە تۇتۇپ سەنئەت پىروگراممىسى بەكلا تولا ، مەشرەپ دەمدۇ ،ناۋا دەمدۇ ، ئاندىن سورايدىغان سوئاللىرىنىڭ سەۋىيەسىنىڭ بەك تۆۋەنلىكى ، قىممىتىنىڭ يوقلىقى بىلەن بىر قانچە يىلدىن ئىزچىل قويۇلىۋاتقان تەلەي يۇلتۇزى دەمدۇ ، ئىشقىلىپ مۇشۇنداق نەرسە ساماندەك .....
شۇڭلاشقىمۇ رىياسەتىچمۇ جىق مۇشۇ xjtv دا ! ئەمدى ئۇنىمۇ -دەيمىز بۇنى دەيمىز ، يوقتىن ياخشى ،
ھەرقايسىلىرىنىڭ چوڭ شىركەتنىڭ مەبلەغ سېلىشى بىلەن شىنجاڭدا پوتبول كۇلۇبى قۇرۇلۇپ، مەملىكەتلىك ب دەرىجىلىك مۇسابىقىگە چۈشىۋاتقانلىقىدىن خەۋەرلىرى بارمىكىن؟ بەلكىم خەۋەردار بولىشقانلا ، ما نۆۋەت تېلېۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ خېلى كۆپ ئاتامانلىرى خىزمەتلىرىنى تاشلاپ مۇسابىقە كۆرگىلى بېرىپتۇ . شۇلار ئويلىمىغانمىدۇ دەيمەن ، شىنجاڭدا 16 شەھەر بار ، نۇرغۇن ئادەم مۇسابىقە كۆرەلمەيدۇ . مانى بىر سۈرەتكە ئېلىپ نەق مەيداندىن تارقىتايلى دېگەننى ...
ئەگەر بۇنىڭغا شارائىت ياكى ئىقتىساد يار بەرمايدۇ دەپ قالسىلازە تۈف قىلىپ تۈكۈرۈپ قويغىسى كېلىدۇ ئادەمنىڭ ..........
ياكى ماۋۇ مۇسابىقىنىڭ دەرىجىسى تۆۋەن دېيىشىسىلىمۇ بولمايدۇ ، مەيلى قانچىلىك تۆۋەن بولسۇن شىنجاڭلىقلار ئۈچۈن بۇ دۇنيا لوڭقىسىدىنمۇ بەكرەك مۇھىم ...
ئەگەر زادى پۇل يوقتى، ئېلاندىن كىرگەن كىرىمنى بۆلۈشۈپ خەجلەپ بولۇپتىمىز دەپ قېلىشسىلا كېيىنكى نۆۋەت مۇسابىقە مەيدانىغا XJTV دەپ يېزىپ يوغان - يوغان ساندۇقتىن 30 نى قويۇپ قويىشالا ، 40 مىڭ پۇتبول مەستانىسى 5 يۈەندىن بېرەيلى . 200 مىڭ يۈەن دىگەن گەپ . لېكىن ماۋۇ پۇلنىڭ 100 مىڭىنى بۆلىشىپ خەجلىۋېلىشمىغايلا، ئۇنداق بولغان تەغدىردىمۇ قالغان 100 مىڭغا ما ئىشنى قىلغىلى بولىدۇ ، تامامەن بولىدۇ .
ئۇنداق بولسا خەلقنىڭ ساداسىنى ئاڭلاپ ما ئىشنى ئەستايىدىل ئويلىشىپ بېقىشسىلا...
ھۆرمەت بىلەن : "شىنجاڭ پوتبول مەستانىلىرى" .
پۇتبول مەستانىلىرى توغرا ئېيتىدۇ، <<شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسسى>> خەلقىمىزنىڭ كۆز يېشىغىغۇ مەلھەم بولالمىدى. بۇنىسىنى تېلېۋىزورنى قاچاندىن بۇيان كۆرگەن بولسام ھازىرغىچە خەلق كۆز يېشى ئۈچۈن ئىشلەنگەن پروگرامما كۆرمىدىم. كۆرگەنلىرىم ساختا كۈلكىلەر ئىچىدىكى بىچارە ئوبرازلار خالاس!
ئەمدى بۈگۈنكى تېمىدا ئېيتىلىۋاتقان پۇتبول مەيدانىدىكى بۇ ھاياجانلىق مېنۇتلاردا تېلېۋىزىيە ئىستانسسىنىڭ ئاپپاراتلىرى خىجىل بولۇپ قالغىنى... ...
شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسى خەلقىمىزنىڭ ئۇچۇر مەركىزى ئىدى، ئەپسۇسكى خەلقىمىز مەنىۋىيىتى ۋە ساغلاملىقىغا زور ئىلھام بولىدىغان40مىڭ كىشلىك بۇنداق كاتتا يىغىلىش توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار بۇ ئاتالمىش تېلېۋىزىيە ئىستانسسى ئۈچۈن <<قىممەتسىز>> بولۇپ قېلىشى، تېلېۋىزىيەنىڭ نەپسى خەلق بىلەن تەڭ سوقماي قالدىمۇ قانداق؟! دېگەن سوئالنى ھەر كىشىنىڭ ئويىغا سېلىشى تۇرغانلا گەپ.
ئەمدى ئەمەلىي ئەھۋالغا قارايدىغان بولساق، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۇچۇر مەركىزىلىك ئورنىنى باشقا تاراتقۇلارغا تارتقۇزۇپ قويامدۇ قانداق؟! مەنغۇ تېلېۋىزور كۆرمىگىلى ساق 12يىل بولدى. چۈنكى تېلېۋىزىيەنىڭ بۈگۈنكى رولى كۆپىنچىسى بىزنىڭ مەنىۋىيىتىمىزنى بۇلغايدىغان مەنىۋىيەت ئەخلەتلىرى... ئاز بىر قىسمى بولسا يەنە شۇ ئورۇندىكى ئاز ساندىكى جاپاكەشلەرنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئەمەلگە ئېشىۋاتقان، مەنىۋىيەت ئوزۇقلىرى... ئەپسۇسكى، بېرىلگەن مەنىۋىيەت ئوزۇقىدىن ئەخلەتلەر كۆپ. بۇ خىل ئەمەلىيەت بىزدەك ئىسلام ئېتىقادى ئاساسىدا ئۆز تۇرمۇشىنىڭ ھەر بىر ئىنچىكە تەرەپلىرىگىچە قائىدە تۈزۈپ، ئۆرپ-ئادەتكە ئايلاندۇرغان مەدەنىي مىللەتنى ، ئۆز ئەسلىدىن ئاستا-ئاستا يىراقلاشتۇرۇپ، ھازىرقى ھەممىسى بىر-بىرىگە ئاغرىنىش ئىچىدە مىللەتنى ئىللەتكە ئايلاندۇرۋېتىدىغان ئەبجەش توپقا ئايلاندۇرۇپ قويدى. يۇقارقىلار پەقەت مېنىڭ شەخسىي قاراشلىرىم، شۇڭا ئون يىلدىن بۇيان تېلېۋىزور كۆرۈپ كەتمەيمەن.