تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 2431|ئىنكاس: 4

كۆزلىرىمدە گۈزەل بىر سەھەر[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئايشەمگۈل
تىللا
408
تۆھپە
238
UID
4300
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 15:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


كۆزلىرىمدە گۈزەل  بىر سەھەر

   ( ئۈچ شېئىر)

كۆزۈم

مەن قەلبىڭگە قونغان بۇ كېچە


106_588_b7774abf0d2b1a0.jpg

  


كۈلۈپ كەتتىم تاتلىق بەك تاتلىق ،
سەن ئەۋەتكەن ئۇچۇرنى كۆرۈپ.
ئۇچۇپ كەتتى ھىسلىرىممۇ ھەم ،
سەن كەتكەن شۇ ياقلارغا قېيىپ.

خىياللىرىم قوندى بىلەمسەن،
قەلبىڭدىكى  نازۇك ھىسلارغا،
يۇقاپ ھەممە تىپتىنىچ شۇئان،
مەستخۇش بولدى مەشۇقتەك گۇيا.

مەن قەلبىڭگە قونغان بۇ كېچە،
بۇ دۇنيادىن ئايرىلدۇق تامان.
گۈللەر پۈركۈپ تاتلىق ھىدىنى،
يول بەردىغۇ بۇلۇپ خىرامان.


چۈشلىرىمدە ئاپئاق بىر گىياھ،
ئەللەيلىدى ھىسلىرىمنىمۇ.
قونۇپ باراي ھەركۈن ھەر كېچە،
سېغىنىشلار ئۆچمەي تۇرسىچۇ؟


يۈرىكىگە باسقىن سەن شۇچاغ،
قېنىۋالسۇن بۇ تەشنا يۈرەك.
چۇقۇم يەنە يىغلايدۇ بەلكىم،
ئىچ ئىچىدىن ئۆرتىنەر ھەسرەت.

چۈنكى كىلەر جۇدالىق بەك تىز،
سۈكۈت قىلاي بۇنىڭغا لېكىن .
سېغىنغاندا تۆكۈپ لىرىكا،
مۇڭغا چۆكسەم كېلىسەن يېقىن.

تۇلۇن ئايلار بولسۇن ھەم گۇۋاھ،
سېغىنىشىم يەتتى پەلەككە.
جىمىرلىدى يۇلتۇزلارمۇ ھەم،
يەتكىن دىدى سەن شۇ تىلەككە.



سەن گويا بىر يايلاق ماڭا ئېچىلغان





سەن گويا بىر يايلاق ماڭا ئېچىلغان،
تاقلاپ يۈرگۈم بار   بەھۇزۇر شۇنچە.
ئىپارلارنى چېچىپ كىيىكتەك،
مەستخۇش قىلاي  سېنى مەڭگۈگە.


قۇرام تاشتا تورار سېرىن گۈل،
بەرگىلىرى شۇنچە خۇشپۇراق.
ئۈزۈپ سالما نىھايەت ئۇنى،
چۈنكى  ئۇ بىر ياۋا گۈل بىراق.

يايلىغىڭدا يايرىسۇن جېنىم ،
لالىزارھەم چىمەنلا پەقەت.
گۈلشەندىكى ئاشىق لالىنى،
ئۈزىۋالغىن ئۇ تاتلىق قەۋەت.


194914bsd6p81sscob8s1f.gif


تاتلىق تۇيغۇلار



  

يۈرەكلىرىم قاغجىراپ شۇدەم،
نەزەر سالدىم گىرىمسەن يولغا،
ئاۋۇندۇرۇپ قەلبىمنى شۇئان،
يۇلتۇزلارمۇ چۆكەتتى ئويغا.

شاۋقۇن سۈرەن بېسىپ ئارقىدىن،
شامال سەندىن خەۋەر بېرىدۇ.
قاناتلىرىم پەرلەپ قۇشلاردەك ،
سەن جانىمغا قۇچاق ئاچىدۇ.

غىدىقلايدۇ قەلبىمنى سايەڭ،
تاتلىققىنا تۇيغۇدا  ئېغىر.
خىيالىمغا بۇلۇپ نۇر زىياھ،
چۈكۈپ كېتەر ھەجەپ بىر سېھىر.


مەن دىۋانە ئىدىم ئەسلىدە،
بېرىپ كەلدىڭ ماڭا سەدىقە .
پىچەتلەنگەن قەلبىم تۇيۇندى،

بۇلۇڭلاردا چاڭقاپ يۈرگەندە.


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئىزلەنگۈچى
تىللا
785
تۆھپە
531
UID
5650
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 01:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالتىس رومانتىك قىزچاقكەنغۇ بۇ.


Rank: 2

ئىسىمى
غەيرەت
تىللا
165
تۆھپە
25
UID
11066
يوللىغان ۋاقتى 19 سائەت ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئىچكى تۇيغىغا تۇيۇنغان شېېرلىرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ. مۇشۇنداق شېېرلارنى كۆپرەك كۆرگۇم بار.


Rank: 2

ئىسىمى
غەيرەت
تىللا
165
تۆھپە
25
UID
11066
يوللىغان ۋاقتى 19 سائەت ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئايشەمگۈل
تىللا
408
تۆھپە
238
UID
4300
يوللىغان ۋاقتى 8 سائەت ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياقتۇرغىنىڭلاردىن مەمنۇنمەن


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-5-27 21:18, Processed in 0.076801 second(s), 27 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991